قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ ياخشى جاي-- تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چاغاننى كۈتۈۋېلىش 6- نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى باشلاندى

2019-01-29 11:16:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

1-ئاينىڭ 28-كۈنى قەمەرىيە 12- ئاينىڭ 23- كۈنى، دېھقانلار كالىندارى بويىچە كىچىك يىل. چۈشتىن بۇرۇن، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، چاغاننى بىللە ئۆتكۈزەيلى» باش تېما قىلىنغان «شىنجاڭ ياخشى جاي-- تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چاغاننى كۈتۈۋېلىش 6- نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلتاغ باغچىسىدا باشلاندى.

پائالىيەت قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن مەشئەل كېچىلىكى ۋە ياڭگىر سەنئىتى بىلەن باشلاندى. پائالىيەت مەيدانىدا يەنە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى يىلنى كۈتىۋالغان سۆرىتى مەركەزلىك نامايەن قىلىنىپ، نۇرغۇن ئاممىنى جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ئەنسەر ئەلى مۇنداق دېدى: پائالىيەتتە كۆپچىلىك ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناپ، داقا- دۇمباق چېلىپ، كەيپىياتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، چاغاننى كۈتىۋېلىش قىزغىنلىقى نامايەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن پانۇس بايرىمىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 115 مىللىي ئۆرپ- ئادەت ماھارەت كۆرسىتىش ئەترىتى جايلاردا قەغەز قىيما، كەشتە تىكىش، چاغانلىق رەسىم، جىڭجۈي تىياتىرى، مەشئەل كېچىلىكى، مەززىلىك تائاملار، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق 281 تۈرلۈك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى قويۇق چاغان كەيپىياتىغا چۆمدۈرىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيې مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىمىز-- مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىك چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈلگەن. بىز بۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسى مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ناھايىتى مول ساياھەت بايلىقىنى گەۋدىلەندۈرىمىز ھەم بۇ خىل مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەكلى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە ئىشنى ياخشى باشلاشقا ياردەم بېرىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى