قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يېشىل زاۋۇت قۇرۇلۇشى مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىۋاتىدۇ

2019-02-01 15:44:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچىدىكى يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ئىلغار تىپقا ئايلانغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرغان، تىيانشاننىڭ جەنۇب- شىمالىدا بىر تۈركۈم يېشىل زاۋۇتلار قەد كۆتۈرگەن. ھازىرغا قەدەر، دۆلەت دەرىجىلىك باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن يېشىل زاۋۇت جەمئىي 34كە يەتكەن. يېقىندا، جۇڭگو سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەش ۋە پاكىز ئىشلەپچىقىرىش جەمئىيىتىنىڭ باھالاپ بېكىتىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ يېشىل زاۋۇتلار سانى جەھەتتە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، يېشىل زاۋۇتلارنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  ئاپتونوم رايون كارخانىلارنىڭ يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2018- يىلى، ئاپتونوم رايون مەملىكەت بويىچە باشلامچى بولۇپ ئۆلكە دەرىجىلىك يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل تەرەققىي قىلىش بويىچە تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە 450 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 258 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر ئېنېرگىيەسى تېجەشنى، 4 مىليون 970 مىڭ توننا سۇ تېجەشنى، 307 مىڭ توننا ماتېرىيال تېجەشنى، زەھەرلىك، زىيانلىق خام ماتېرىيال ئىشلىتىشنى 5390 توننا كۆزلىمىلىك ئازايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇلغىما چىقىرىشنى 237 مىڭ توننا ئازايتقان.

  «كۆممىقوناقنى پىششىقلاپ بىيو پولىساخارىد، ئامىنو كىسلاتاسىغا ئايلاندۇرۇش، چىقىرىندىلارنى ئېچىتىپ بىيو ئورگانىك ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇش...» 1- ئاينىڭ 30- كۈنى مۇخبىر شىنجاڭ «فۇفېڭ» بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ كىچىك تۈردىكى ئامىنو كىسلاتاسى، مىكرو ئورگانىزملىق پولىساخارىد ئاساس قىلىنغان مەھسۇلات زەنجىرى «يېزا ئىگىلىكى − بىيو ياسىمىچىلىق − كىچىك تۈردىكى ئامىنو كىسلاتا، مىكرو ئورگانىزملىق پولىساخارىد ھەم ئوغۇت − دېھقانچىلىق»تىن ئىبارەت ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، شۇنداقلا ياۋروپا- ئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.

  مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەيزاۋات ناھىيەلىك تۇڭخۈي كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېشىل زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «يەر ئىشلىتىشنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى پاكىزلاشتۇرۇش، تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش، ئېنېرگىيەنى تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يەردە، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھاسىل بولغان تاشلاندۇقلارنىڭ بىر قىسمى ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئېلىپ ياسىلىدىغان يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسرايدىغان بىناكارلىق ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇلدى، يەنە بىر قىسمى پاستىغا ئايلاندۇرۇلۇپ قۇدۇق ئاستىنى تىندۇرۇشقا ۋە يەر يۈزىدىكى قېزىپ بولۇنغان رايوننى تۈزەشكە ئىشلىتىلدى.

  «شىركەت كۆپ ئېلېمېنتلىق يۇقىرى تەركىبلىك بوتقىدىن تاللاش تەس بولغان رۇدا ئېرىتىشتىن ئايرىپ ئېلىش ھۈنەر- سەنئەت تەرتىپى ۋە ئىش تەرتىپى ھالقىسىنى چۆرىدەپ، <تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش> شەكلىدىكى ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇردى، بۇ تۈر 2018- يىلى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە 141 يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى». پەيزاۋات ناھىيەلىك تۇڭخۈي كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ شىشياڭ تېلېفوندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل شىركىتىمىز يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش تۈرى پىلانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۈر سۈرئىتىنى باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ».

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايون يېشىل لايىھە، يېشىل تېخنىكا ۋە ھۈنەر- سەنئەت، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل باشقۇرۇش، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەھسۇلاتنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە سىڭدۈرۈپ، مۇھىتقا بولغان تەسىرى ئەڭ ئاز، بايلىق ۋە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان، ھەم ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان سانائەت يېشىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقتا يېشىل ئۆزگەرتىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېشىل كەسىپلەرنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ بىر يېشىل باغچە رايونى، 30 يېشىل ئۈلگە كۆرسىتىش زاۋۇتى قۇرۇپ، بىر يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئۈچتىن ئارتۇق كارخانىنى دۆلەتنىڭ يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش تۈرىگە كىرگۈزۈشنى يولغا قويىدىغان ئورۇن قىلىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى