قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەن جيەن 19 يىلدىن بۇيان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوس بىخەتەرلىكىدىكى 1- ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، يولۇچىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى

2019-02-01 16:01:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

ئۈرۈمچى (يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول) خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچىلار بېكىتى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ باشلىقى خەن جيەن 19 يىلدىن بۇيان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوس بىخەتەرلىكىدىكى 1- ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئاپتوبوسلارنى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، يولۇچىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

ئەتىگەن سائەت 7 دە، تاڭ تېخى يورۇمىغانىدى، ئۈرۈمچى (يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول) خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچىلار بېكىتىنىڭ تەكشۈرۈش سۇپىسىدا چىراغلار يېنىق بولۇپ، يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىنىپ كەتكەنىدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جيەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، يۇمشاق دېتاللارنى تەكشۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ھەممە يېرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. ئاپتوبۇس ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش بىرىنچى قەدەمدىكى خىزمەت بولۇپ، بۇ ئاپتوبۇسقا ئورنىتىلغان ئوت ئۆچۈرگۈچ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بولقىسى، بىخەتەرلىك تاسمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. خەن جيەن مۇنداق دېدى: بۇ تۇيۇقسىز ئەھۋال يۈز بەرگەندە يولۇچىلارغا نىسبەتەن جاننى قۇتقۇزىدىغان بويۇملار. جىددىي ئەھۋالدا، بىخەتەرلىك بولقىسى بولمىسا، دېرىزە ئەينىكىنى چېقىش تەسكە توختايدۇ. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ يارىلىنىشىدىن، ئاپتوبۇسنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئۈرۈمچى (يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول) خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچىلار بېكىتى-- يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتنىشى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار تىرانسپورتى، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ يولۇچىلار بېكىتى بولۇپ، كۈندە 15 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى قاتنايدۇ. خەن جيەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بۇ بېكەتتىكى ئاپتوبۇسلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. خەن جيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك جەھەتتە كىچىك ئىش يوق، ھەممىسى ئاپتوبۇسلارنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەر بىر كىچىك تۈرنى تەكشۈرگەندىلا ئاندىن ئاپتوبۇسلارنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، يولۇچىلارنى بىخەتەر مەنزىلگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بولمىسا يوشۇرۇن خېيىم- خەتەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

خەن جيەن 19 يىللىق خىزمەت جەريانىدا تەكشۈرگەن يولۇچىلار ئاپتوبوسى 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ ھەر يىلى بىخەتەرلىك تاسمىسى بۇزۇلغان، چىراغ نۇرى يېتەرلىك بولمىغان، تورمۇزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولمىغان ئاپتوموبوسلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن رېمونت قىلدى. ھازىر، خەن جيەن ئاپتوموبوسنىڭ ھەر قايسى زاپچاسلىرىغا ناھايىتى پىششىق بولۇپ، ھەر قانداق بىر كىچىك مەسىلىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتوموبوس چاقىنى تۇتساملا ئۇنىڭدا مەسىلە بار- يوقلىقىنى بىلەلەيمەن. ئەگەر ئاپتوموبوس چاقى ئېتىلىپ كەتسە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.

خەن جيەن مۇنداق دېدى: بۇ خىزمەت گەرچە زېرىكىشلىك بولسىمۇ، ئەمما يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشى ئۈچۈن ئازراقمۇ بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ. چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ يولۇچىلار دولقۇنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەچكە، بىز ھەر كۈنى تەكشۈرىدىغان ئاپتوموبوسلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 دىن ئاشتى، پۈتۈن كۈن خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇردۇق. بىز بارلىق يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر يۇرتىغا قايتىپ، خۇشال- خۇرام چاغان ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، بارلىق كۈچىمىز بىلەن خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەيمىز ھەم قىلچىمۇ بىپەرۋالىق قىلمايمىز.

تەرجىمان:  مەمەت ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى