قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا تۈرتكە بولدى

2019-02-01 16:19:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، كۇچا «ئانا تۇپراق» باغۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشچىلىرى ئالدىراشچىلىقتا يېتىشمەلمەيلا قالدى. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن ئورنىغا كىشمىش بىلەن ياڭاق مېغىزىنى قىستۇرۇش ئىدى. كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇچا بازىرى ئۇچا 3- كەنتىدىكى كۇچا «ئانا تۇپراق» باغۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2017- يىلى 6- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى خاس قۇرۇق مېۋە- چېۋىلەرنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ۋە سىرتقا سېتىپ چىقىرىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شۇ جايدىكى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى 15 نەپەر ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەشەيلەن نامرات ئائىلە ئىدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى رۇزى ساۋۇتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۇچا «ئانا تۇپراق» باغۋەنچىلىك دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپنى ئۇلار ئاكا- ئۇكا تۆتەيلەن مەبلەغ جۇغلاپ، ئۇچا 3- كەنتىدىكى 20 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرى 10 مىڭ يۈەندىن پاي قوشۇپ قۇرغان. كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رۇزى ساۋۇت بىر ئادەم بېيىسا بېيىغان ھېساپلانمايدۇ، كۆپچىلىك تەڭ بېييىغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي بېيىغانلىق بولىدۇ دەپ قارىغاچقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاياللارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىپتۇ.

رۇزى ساۋۇت مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپنى مۇنداق ئىككى مەقسەتتە قۇردۇق. بىرى، ئۆزىمىزنى بېيىتىش؛ يەنە بىرى ئەتراپىمىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىمىز بىلەن تەڭ باي قىلىش. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپمىزىنىڭ تىجارىتىنى بارغانسىرى ياخشىلاشنى پىلانلاۋاتىمىز.

رۇزى ساۋۇت ئاكا- ئۇكا تۆت قېرىنداش خېلى بۇرۇندىنلا قۇرۇق مېۋە- چېۋە توپ ئېلىپ- سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، بەلگىلىك خىرىدار ئاساسىي ۋە مۇقىم سېتىش يوللىرىغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قولدا ياسىلىپ، تۈجۈپىلەپ ۋاكۇئۇملۇق ئوراپ قاچىلانغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى چىلان ئارىسىغا ياڭاق مېغىزى قىستۇرۇپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلىرى ئۆز جايى ۋە باشقا جايدىكى قۇرۇق مېۋە- چېۋە توپ سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئاز بىر قىسىمى پارچە سېتىلغاندىن باشقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان قۇرۇق مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيە- شەھەرلەر ۋە ئىچكىردىكى جايلارغا يۆتكەپ ساتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان شۇ يىلىلا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ شۇ يىللىق پايدىسى 500 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، پاي قوشقان ھەر بىر نامرات ئائىلە 1 مىڭ 200 يۈەندىن پايدىغا ئېرىشتى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەۋاتقان بۇخەلچەم تۇردى مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ھەق ئېلىشتەك ئۇسۇل بىلەن بىز ئىشچىلارنى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەشكە رىغبەتلەندۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا، ھەممەيلەن ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتىمىز. يەنە كېلىپ، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشىكىمىز ئالدىدىلا بولغاچقا، ئىشقا بېرىپ- كىلىشىمىزمۇ قۇلاي، موشۇنداق تىرىشىدىغانلا بولساق، كېيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز.

ئىگىلىنىشچە، كۇچا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تۈرلىرى، مەھسۇلاتى، يىغىۋېلىش ۋە سېتىپ چىقىرىش شۇنداقلا دېھقان- چارۋىچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلەتكەن. نۆۋەتتە، كۇچا ناھىيەسىدە قۇرۇلغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 900 دىن ئېشىپ، 30 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى