قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ئون مىڭغا يېقىن دېھقان- چارۋىچى ئۆگەنگەن «تېخنىكىسىنىڭ نېنىنى» يىيەلەيدىغان بولدى

2019-02-01 16:19:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ جيەنشىن گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ لاۋچىتەي بازىرى نيۇۋاڭگۇڭ كەنت ئاھالىسى. ئۇ شىخەنزە ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا كەپشەرلەش رىمۇنتچىلىق ئورنى ئېچىۋالغانىدى. ئۇ سودىسى توغرىسىدا توختىلىپ: بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان سودام بەك ياخشى بولدى. ھەر كۈنى 300- 400 يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمەن. ھۆكۈمەت تېخنىكا ئۆگىنىشمىزگە ياردەم قىلدى، مەنمۇ ئۆگەنگەن تېخنىكامغا تايىنىپ پۇل تاپتىم. تېخنىكام بولغاچقىلا تاماق قاچامنى قولۇمدا تۇتالىدىم، دېدى.

2018- يىلى 1- ئايدا، ئۇ ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەقسىز «قوياش نۇرى قۇرۇلۇشى» كەپشەرلەش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە 3- دەرىجىلىك تېخنىك ئۇستا كېنىشىكىسىنى ئالدى. 2018- يىلى 5- ئايدا، ئۇ ئىلىكىدىكى 30 نەچچە مو يەرنى كەنتتىكى ئۇرۇقلۇق قۇناق يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىۋېتىپ، شىخەنزە ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا كەپشەرلەش رېمۇنتچىلىق دوكىنى ئېچىپ، ئېيىغا 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلدى.

بۈگۈنگە كەلگەندە، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ۋاڭ جيەنشىگە ئوخشاش تېخنىكىلىق ماھارەت ئىگىلەپ نامراتلىقتىن قوتۇلۇپ بېيىۋاتقانلار توغرىسىدىكى مېساللار ھەقىقەتەن كۆپ. نۆۋەتتە، گۇچۇڭ ناھىيەسى بويىچە 10 مىڭغا يېقىن دېھقان- چارۋىچى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىپ، ئۆگەنگەن «تېخنىكىسىنىڭ نېنى» نى يېمەكتە.

گۇچۇڭ ناھىيەسى 2016- يىلىدىن بۇيان، تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە تايىنىپ، ئاشپەزلىك، بىناكارلىق، شوپۇرلۇق، ئائىلە مۇلازىمىتى، ساتىراشلىق، مەش ياساش، كەپشەرلەش ۋە ئېلېكتر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق 20 نەچچىدىن كۆپرەك تەربىيەلەش تۈرلىرىنى يولغا قويدى ھەمدە كارخانىلار بىلەن ئادەم ئىشلىتىش تەربىيەلەش جەھەتتە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىم بەرپا قىلدى. ھازىرغىچە، ناھىيە بويىچە 200 نەچچە قارار كۇرس ئويۇشتۇرۇلۇپ، تەربىيەلەنگەن دېھقان- چارۋىچىلار سانى 16 مىڭدىن ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى