قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

‹كىچىك سودا چەمبىرىكى›كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلەتتى

2019-02-01 16:20:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇسيىبە رازاق ئائىلىسى ئەسلىدە نامرات ئائىلە ئىدى. جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسىنىڭ كەلپىن ناھىيە گەزلىك يېزا تۆۋەن باغلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يولغا قويغان «كىچىك سودا چەمبىرىكى» تۈر قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى.

خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى تېزراق نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇپ بېيىتىش ئۈچۈن، 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەسلىدە بار بولغان تۆت دۇكان ئاساسىدا 135 كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدە «كىچىك سودا چەمبىرىكى» بەرپا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرگە ئالدىن ئىجارىگە بەردى. بۇلتۇر 10- ئايدا خىزمەت ئەترىتى مۇسىيبە رازاققا بىر دۇكان ئىجارىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بۇ دۇكاندىن پايدىلىنىپ كىيىم- كېچەك تىكىشىگە قۇلايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەييار كىيىم- كېچەكلەرنى سېتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

مۇسىيبە رازاق مۇنداق دېدى: ھازىر دوكىنىمغا كېلىپ كېيىم تىككۈزىدىغانلار ۋە كېيىم ساتىدىغانلار بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئالدىنقى ئايدا مىڭ يۈەن تاپتىم. ھازىر ئايلىق كىرىمىم ئاساسەن 1 مىڭ 700 يۈەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.

تۆۋەن باغلىق كەنتىدە 296 ئائىلە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بىجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن 103 ئى بار ئىدى. خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، «بەش بىر تۈركۈم » تۈرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «كىچىك سودا چەمبىرىكى» نى تەرەققى قىلدۇرۇش، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىشتۈرۈپ زىرائەت تېرىش، كىچىك ئەگمە لاپاس تېرىقچىلىقى قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلدى. نۆۋەتتە، تۆۋەن باغلىق كەنتىدىكى 96 ئائىلە نامراتلىقتىن قوتۇلدى.

نامرات ياشاشتىن نامراتلىقتىن قوتۇلۇشىقىچە بولغان بۇ جەرياندا، «كىچىك سودا چەمبىرىكى» نىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەن چوڭ بولدى. بۇ يەردە يالغۇز مۇسىيبەنىڭ كىيىم- كېچەك دوكنىلا ئەمەس، يەنە ھۆسۈن تۈزەش، چاچ ياساش ئورنى، ئۆزگىچە تاماقخانىلارمۇ ئېچىلىپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىمالىنى جانلاندۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ دوكان كۆتىرە ئېلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«كىچىك سودا چەمبىرىكى» ئېلىپ كەلگەن سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتكەن تۆۋەن باغلىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى راخمان تۇنىياز كىچىكرەك تاللا بازىرى ئېچىپ، ئىچىملىك، كۆكتات قاتارلىقلار سودىسى بىلەن شۇغۇللاندى. بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۇ كۈنىگە 200 يۈەن ساپ كىرىم قىلالايدىغان بولغاچقا، بەكلا خوش بولدى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شاۋجۇلېي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە «كىچىك سودا چەمبىرىكى» مىزدە 8 دۇكان تىجارەت باشلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆپ قۇلايلىق كەلتۈردى. خىزمەت ئەترىتىمىز «كىچىك سودا چەمبىرىكى» نى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۆپچىلىكنى ئوخشاشمىغان تۈرلۈك تاۋارلار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىغا ئوخشاش تۈردىكى تاۋارلارنى سېلىپ، ناتوغرا رىقابەتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. «كىچىك سودا چەمبىرىكى» مىزنىڭ داڭقىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ، دوكان ئىجارىگە ئالغۇچىلارنىڭ كىرىمىمۇ بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى