قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2017- يىلىدىكىدىن %6.1 ئاشتى

2019-02-02 18:14:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يۈجاۋ، شى شىن، پىراكتىكانت جاڭ جىڭنىڭ 2018- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 219 مىليارد 908 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا 2017- يىلىدىكىدىن %6.1 ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ بىن مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش + 3 + 3 + 1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئاكتىپ، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن تەرەققىيات ھالىتى ساقلاندى. ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 169 مىليارد 209 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.7 ئاشقان؛ 2- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 492 مىليارد 297 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.2 ئاشقان؛ 3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 558 مىليارد 402 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.0 ئاشقان. تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، 1- كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %11.3، 2- كەسىپنىڭ %26.4، 3- كەسىپنىڭ %62.3 بولغان. «ئالاقە تورى +»، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەر ۋەكىللىكىدىكى كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشقان.

  2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش تەرەققىيات ھالىتى بارلىققا كېلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىش، سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم قايتا ئۆرلەش، ئىستېمال بازىرىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلەندى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئاشۇرغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 363 مىليارد 779 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %5.1 ئاشتى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئورۇندىغان قوشۇلما قىممەت 356 مىليارد 405 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %4.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 8- ئايغىچە تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئۇدا تۆت ئاي سىجىل قايتا ئاشتى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئاشۇرغان ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 318 مىليارد 697 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %5.2 ئاشتى.

  ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولغان. 5A ،4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر شىددەت بىلەن ئاشقان، بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 5A ،4A دەرىجىلىك 105 مەنزىرە رايونى جەمئىي كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 41 مىليون 52 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %75.4 ئاشقان.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2018- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ كۈچەيدى. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى