قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ ياخشى جاي» 6- نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى چاغانلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە چاغانلىق ئۆرپ- ئادەتلەر كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدىكى قىزىلتاغ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە

2019-02-02 17:41:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، «شىنجاڭ ياخشى جاي» 6- نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى چاغانلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە چاغانلىق ئۆرپ- ئادەتلەر كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدىكى قىزىلتاغ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. 100 پارچىدىن ئارتۇق فوتو سۈرەت ئەسىرى--ھەر مىللەت ئاممىسىنى چاغانلىق ئۆرپ- ئادەت ۋە چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلەر توغرىسىدا تەسىراتقا ئىگە قىلدى.

ئۈرۈمچىدىكى قىزىلتاغ باغچىسىدا، كىشىلەرنىڭ چاغانلىق مال سېتىۋېلىش، تاماق تەييارلاش، چاغاننى كۈتىۋېلىش ئەلنەغمە پائالىيەتلىرى، ناخشا- ئۇسسۇل شادلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر-- تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ چاغاننى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشىدەك گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى چىن نىڭ مۇنداق دېدى: بۇ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ، بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى بىلىۋالدىم. مېنىڭچە، بۇ بەك ياخشى بولدى، كېيىن ئۆيدىكىلەرنى بىللە ئېلىپ كېلىپ كۆرۈپ كېتىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيې ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى چاغانلىق ئۆرپ- ئادەتلەر كۆرگەزمىسى-- چاغانلىق ئۆرپ- ئادەت، نازۇ- نىمەتلەر ۋە جەم بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمىي 116 پارچە ئەسەر كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ سۈرەتلەر قىزىلتاغ باغچىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغاندىن باشقا، شەھەر ئاھالىلىرى يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىغا بارسا ياكى توردا كۆرسە بولىدۇ. چاغانلىق ئۆرپ- ئادەتلەر كۆرگەزمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ قېتىمقى چاغانلىق ئۆرپ- ئادەتلەر كۆرگەزمىسى دېھقانلار كالىندارى بويىچە 12- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ چاغاننىڭ 15- كۈنىگىچە بولغان پۈتكۈل چاغانلىق ئۆرپ- ئادەتلەرنىڭ ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كۆرگەزمىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىرلىكتە چاغان ئۆتكۈزگەنلىك مەنزىرىسىدىن باشقا يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرمۇ بار. بۇ سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى توردا تېخىمۇ كەڭ تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا چاغان تۈسىنى ئالغان جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، چاغان شادلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشقا تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مېھراي ئوسمان 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى