قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ تەشۋىق- تەربىيە سېپىدىكى مۇنەۋۋەر جەڭچىسى ياڭ سۇڭ

2019-02-03 12:02:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياڭ سۇڭ، ئەسلى ئىسمى ۋۇ شاۋيى، 1907- يىلى 11- ئايدا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ داۋۇ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1927- يىلى 2- ئايدا ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن موسكۋا جۇڭشەن داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇغان. شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.

1935- يىلى 7-، 8- ئايلاردا، ياڭ سۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە موسكۋاغا بېرىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 7- قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. بۇ مەزگىلدە ئۇ «1- ئاۋغۇست خىتابنامىسى» نى تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشقان ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىگە پارتىيەنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى دوكلات قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن شەرقىي شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەسى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. ياڭ سۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، 1936- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي شىمال خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى باشقا قوراللىق كۈچلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، شەرقىي شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەگە ئۆزگەرتىلگەن.

1938- يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرى، ياڭ سۇڭ موسكۋادىن يەنئەنگە قايتىپ كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ھەمدە مەركىزىي ماركسىزم- لېنىنىزم شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1941- يىلى 3- ئايدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى چوڭ گېزىت-- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئازادلىق گېزىتى» نى چىقىرىشنى قارار قىلغان. ياڭ سۇڭ تۇنجى باش مۇھەررىر بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ئۇ يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كۈرەش قىلىش روھى بىلەن، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن ۋە فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، «ئازادلىق گېزىتى» نى پارتىيەنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم قورالىغا ئايلاندۇرغان. ئېغىر خىزمەت ۋە جاپالىق كۈرەش مۇھىتى تۈپەيلىدىن، ياڭ سۇڭ ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، 1942- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 35 يېشىدا ۋاپات بولغان.

تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى