قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بورتالا شەھىرىنىڭ چاغانلىق قار ـ مۇز شادلىقى پائالىيىتى باشلاندى

2019-02-03 12:04:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

بورتالا شەھىرىنىڭ چاغانلىق قار ـ مۇز شادلىقى پائالىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى كەچ باشلاندى.

مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى كەچ سائەت 8 دە، بورتالا شەھىرىدىكى كەيپىڭ كۆلى رەڭدار پانۇسلارنىڭ يورۇتۇشى بىلەن خۇددى ئەتلەسكە ئوخشاش كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئاپئاق قار- مۇز دۇنياسى رەڭگا رەڭ تۈسكە كىرگەن ئىدى. شىر ئويۇنى، ئەجدىھا ئويۇنى ئەۋجىگە چىقىپ، پائالىيەت ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن ئىدى. كەيپىڭ كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئادەملەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى. شەھەر ئاھالىسى جۇ يانەن مۇنداق دېدى: ھەممىلا يەر چاغان كەيپىياتىغا چۆمۈپتۇ، بولۇپمۇ كەينى تەرەپتىكى مۇز ھەيكەللەر ناھايىتى چىرايلىق بوپتۇ. يېڭى بىر يىلدا، پارتىيىنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شەھەر ئاھالىسى ئايبار جاماغات مۇنداق دېدى: مەن چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سىرتتىن قايتىپ كەلدىم. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلىپتۇ. كېچىلىك مەنزىرىسى قارىماققا چوڭ شەھەرلەرنىڭكىدىن قىلىشماپتۇ. يېڭى بىر يىلدا، ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى، يۇرتىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ قېتىمقى چاغانلىق قار ـ مۇز شادلىقى پائالىيىتىدە، پانۇسلارنى تاماشا قىلىش، ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئويۇنى ۋە قار- مۇز تەنھەرىكىتى ئاساسى مەزمۇن قىلىندى. رەڭدار پانۇسلار رايونىدىكى 12 گۇرۇپپا رەڭدار پانۇس بىر- بىرىگە زىچ باغلانغان بولۇپ، مۇز چىراغ رايونىدىكى «سەككىز تۇلپار» ھەيكىلى ناھايىتى جانلىق ئىشلەنگەنىدى. مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئويۇن قويۇش رايونىدا، شۇ جايدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمەكلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان نومۇرلار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى 20 خىل داڭلىق ئېسىل يېمەكلىكتىن ھازىرلانغان «قار- مۇز يېمەك- ئىچمەك بايرىمى» ماس قەدەمدە باشلىنىپ، بورتالانىڭ ئالاھىدە قېزىسى، ئات گۆشى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەممىدىن بەك ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئۆزگىچە يىمەك- ئىچمەك رايونىدىكى ئەڭ يارقىن چولپان بولۇپ قالدى. شەھەر ئاھالىسى يۈ يۇڭجىن مۇنداق دېدى: بۇ يەر بەك قىزىقارلىق ئىكەن. يەيدىغان، ئىچىدىغان، ئوينايدىغاننىڭ ھەممىسى تەل ئىكەن. بالىلار بۇ يەردە بەك كۆڭۈللۈك ئوينىدى. كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى