قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئائىلە ئىناق بولسا ھەممە ئىش گۈللىنىدۇ

2019-02-04 19:19:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خۇتۇڭ، بېيجىڭ پۇقرالىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلگەن جاي، ئىلگىرى كۆپلىگەن ئائىلە بۇ يەردە ماكانلاشقان، نۇرغۇن كىشى بۇ يەردە يۇرت ئەسلىمىسىنى قالدۇرغان.

  2- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى− دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالايىتەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دۇڭچېڭ رايونى ساۋچاڭ سىتياۋ خۇتۇڭغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  مۇشۇ يىللاردا، چېگرا ياقىلىرىدىن كونا ئىنقىلابىي رايونلارغىچە، شەھەرلەردىكى مەھەللىلەردىن مىللىي كەنتلەرگىچە، ھەر قېتىمقى چاغان ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قار- شىۋىرغانغا قارىماي جايلارغا بېرىپ، كەنت، ئائىلىلەرنى ئارىلاپ، نامراتلارنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ھال- ئەھۋالىنى سوراپ، قەھرىتان سوغۇقتا ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمگەكچىلەرگە ئەڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق تىلەك تىلىدى.

  بۇ قېتىم، ئۇ بېيجىڭدىكى خۇتۇڭغا كەلدى.

  ساۋچاڭ سىتياۋ شىمالىي ئېغىزىدا ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، كۆك رەڭلىك تاختا خىشنى دەسسەپ، خۇتۇڭغا قاراپ ئانچە ئۇزاق ماڭمايلا، كوچىدىكى شاۋقۇن- سۈرەن ئاستا- ئاستا بېسىقىپ، كونا بېيجىڭنىڭ خاس بېيجىڭچە تۈسكە ئىگە مىللىي ئۆرپ- ئادىتى كۆزگە چېلىقىدۇ: كۆك رەڭلىك كېسەك، كۈلرەڭ كاھىش، ياغاچ بوسۇغىلىق قىزىل سىرلىق دەرۋازا، ئىككى تەرەپتىكى ھويلا- ئارانلاردىكى بىر نەچچە تۈپ قەدىمىي دەرەخ قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخىغا گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان چوڭ قىزىل پانۇس، چۈنليەندىكى «بەخت» خېتىدىن قويۇق بايراملىق كەيپىيات نامايان بولۇپ تۇراتتى.

  «بۇنى قاچان ئۆزگەرتتىڭلار؟»

  «ئىلگىرى بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى قايتا كۆچۈپ كەلدىمۇ؟»

  «جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرى كىرەلمەيدىغاندۇ؟»

  ئاستا قەدەم بىلەن ماڭغاچ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن كوچىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆردى، بىر تەرەپتىن كونا شەھەرنى قوغداش- رەتكە سېلىپ تۈزەش، ئولتۇراق مۇھىتنى ياخشىلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، يەنە ئالايىتەن يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ سېلىنغان بىر ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، تازىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  «ناھايىتى پاكىزكەنغۇ!» دېدى باش شۇجى ماختاپ تۇرۇپ.

  بۈگۈنكى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرى تام تۆپىسى، لەمپىلەرنى سىيپاپ ئۆتۈپ، خۇتۇڭغا چۈشۈپ تۇراتتى، چيەنمېن شەرقىي رايونىدا خاسلىققا ئىگە كوچا قۇرۇلمىسى ۋە ئىمارەتلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى− جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، سەل ئەگمە كەلگەن خۇتۇڭدا دەرۋازىسى شەرقتىن غەربكە قارىتىپ ئېلىنغان كىچىك، ئەپچىل ھويلىلار قەدىمىيلىك ئىچىدىمۇ نەپىسلىكىنى يوقاتمىغانىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مېڭىپ كېتىۋاتقاچ بىر ئۆيگە كىردى.

  قىزىل سىرلىق دەرۋازىنى ئېچىپ، ئۇدۇل تامغا چاپلانغان يوغان «بەخت» خېتىنى كۆردى. 72 ياشلىق كونا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە خوۋ يامىڭ ھويلىسىدا چۈنليەن يېزىۋاتاتتى، خەت يېزىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ كەلگەن قوشنا- قولۇملار ھويلىغا لىق تولغانىدى.

  «مەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!» باش شۇجى شى جىنپىڭ قولىنى جۈپلەپ كۆپچىلىكتىن ھال سورىدى.

  كۆپچىلىك ئولىشىپ كېلىپ، باش شۇجىنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ بەس- بەستە ئەھۋال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تۆت ئەتراپقا سەپسېلىپ قارىدى، كىچىك ھويلا ناھايىتى پاكىز، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى، لەمپىگە پانۇس ئېسىلغان، دېرىزىلەرگە قىيما گۈللەر چاپلانغان بولۇپ، كۈچلۈك چاغان پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى.

  ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن دائىم بىزنىڭ كونا بېيجىڭدىكى خۇتۇڭلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟ دەپ ئويلاپ كەلدىم. ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالساق تۇرمۇشقا قولايسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۆزگەرتسەك بەكلا مۇرەككەپ بولۇپ كېتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بېيجىڭ يەنە بەزى تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقىپتۇ، كەلگۈسىدە خۇتۇڭلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنداق ئۆزگەرتسەك ھەقىقەتەن ياخشى بولاتتى، ئەمما بۇ يەردىكى كونا قوشنىلارنىڭ رازى بولۇش- بولماسلىقىغا قاراش كېرەك».

  كۆپچىلىك بەس- بەستە: «رازى! رازى!» دېيىشتى.

  خوۋ يامىڭ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: مەن بىر جۈپ چۈنليەن يېزىۋاتاتتىم، ئۇنىڭغا ئەتراپتىكى تۆت كوچىنىڭ نامىنى كىرگۈزدۈم، مەنىسى پۇقرالارغا بەخت- سائادەت، دۆلەتكە گۈللىنىش تىلەش، ئالدىنقى مىسراسى «چىڭيۈن شياڭفېڭ»، كېيىنكى مىسراسى «خاۋجىڭ شىڭلۇڭ». ئۇ سۆزلىگەچ قەلەم تەۋرىتىپ چۈنليەننى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ قىزغىنلىق بىلەن، قىزىل تەگلىك سېرىق رەڭدە يېزىلغان چوڭ «بەخت» خېتىنى ئېلىپ، ئۆزى دەرۋازىغا چاپلىدى. ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىلىدىغىنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش! بىز بىرلىكتە تىرىشايلى!»

  ساۋچاڭ خۇتۇڭ ئەينى زاماندا يەم- خەشەك توپلىنىدىغان جاي بولغانلىقى بىلەن داڭلىق ئىدى. مىڭ، چىڭ سۇلالىسىدىن بۇيانقى نەچچە يۈز يىلدا قورۇلارنىڭ شەكلىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. ساۋچاڭ سىتياۋدىكى ھازىر ساقلىنىپ قالغان 40 نەچچە قورۇدا يەنىلا 70- 80 ئائىلىلىك كىشى ئولتۇرۇۋاتىدۇ.

  بېيجىڭ سەرەڭگە زاۋۇتىدىن پېنسىيەگە چىققان 72 ياشلىق ئىشچى جۇ ماۋجىن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ياشىغان، ئىدارىسى بىنا ئۆي تەقسىم قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ خۇتۇڭدىن ئايرىلىشقا ئىزچىل كۆزى قىيمىدى، ھازىر ئۈچ ئەۋلاد بۇ قورۇدا تۇرىدۇ، بالا- چاقا، نەۋرىلىرى ۋاپادار بولۇپ، خۇشال- خۇرام ياشاۋاتىدۇ.

  شى جىنپىڭ جۇ ماۋجىننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، بىر ئائىلە كىشىلىرى جياۋزى تۈگۈۋاتاتتى. باش شۇجى ئۇلارغا قوشۇلۇپ جياۋزى تۈگكەچ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلاردىن تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، سۇ، توك، گاز، ئىسسىنىش شارائىتىنىڭ ياخشىلانغان- ياخشىلانمىغانلىقىنى، چاغانلىق بۇيۇملارنىڭ تەق بولغان- بولمىغانلىقىنى سورىدى.

  جۇ ماۋجىن باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا دۆلەت تىنچ، ئەل ئامان بولدى، ۋەتىنىمىز بارغانسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، خەلق بارغانسېرى بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، پۇقرالار چىن قەلبىدىن كوممۇنىستىك پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

  ئارپىبەدىيان قىيمىلىق جياۋزىدىن ئۇدا تۆتنى تۈگۈپ بولغاندىن كېيىن باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ ئارپىبەدىيان قىيمىلىق جياۋزى تۈگۈشكە ئامراق. كۆپ يىللاردىن بۇيان، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن جياۋزى تۈگۈپ باقمىدىم، قاراڭلار، تۈگكەنسېرى ياخشى تۈگۈۋاتىمەن. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ، بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ!»

  ئارقىدىن، باش شۇجى يەنە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، بېيجىڭنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى ئاددىي تامىقى− گېجا ئېتىشكە ياردەملەشتى.

  بىردەمدىلا پۈتۈن قورۇ خۇش پۇراققا تولۇپ، كۈلكە- چاقچاق ھويلىنى بىر ئالدى.

  قورۇدا بىر تۈپ قەدىمىي تونا دەرىخىنىڭ توم شاخلىرى كەڭ يېيىلغان بولۇپ، باھار كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تېخىمۇ باراقسان بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى. شى جىنپىڭ جۇ ماۋجىن ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد بىلەن دەرەخ ئاستىدا تۇرۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. فوتو ئاپپاراتنىڭ ئېكرانىغا چۈشۈرۈلگەن چۈنليەندىكى «تىنچ- ئامانلىق، ئاسايىشلىق بولسا يىلدا ئىشلار يۈرۈشەر، ئەل ئىناق، ئائىلە ئۆم بولسا بارچە ئىشلار گۈللىنەر» دېگەن سۆزلەر كىشىنى ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال قىلاتتى.

  «كوچا- مەھەللىلەردە پۇشتەك چېلىنسا، تارماقلار تەق بولۇش»− بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىدارە قىلىشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ئىجادىي ئۇسۇلىدۇر.

  شى جىنپىڭ ساۋچاڭ سىتياۋدىكى 44- نومۇرلۇق قورۇغا تەسىس قىلىنغان «كىچىك ھويلا كېڭىشىش زالى»غا كىردى. كوچا، مەھەللە، ئاھالە قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇ يەردە خۇتۇڭدىكى قورۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش توغرىسىدا سەمىمىي سۆزلىشىش يىغىنى ئېچىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزگەرتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىۋاتاتتى.

  «قاچاندىن باشلاپ ئۆزگەرتىلىدۇ؟»

  «تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ئۆيلەر كۆپمۇ؟»

  «دۇچ كەلگەن ئاساسىي قىيىنچىلىق نېمە؟»

  باش شۇجى قىزىقىش ئىچىدە مۇزاكىرىگە قوشۇلۇپ، بۇ تەۋەلىك رايوننىڭ ناھايىتى يۇقىرى تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەم ئاللىقاچان قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قوللايدىغانلىقىنى قايتا- قايتا بىلدۈردى.

  ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «بېيجىڭنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى قەيەردە؟ دەل خۇتۇڭدا. ئەگەر بېيجىڭدىكى خۇتۇڭلار يوقىلىپ، ھەممىسى ئېگىز بىنا، سارايلارغا ئۆزگىرىپ كەتسە، يۇرتنى سېغىنىشنى قانداقمۇ ئەستە ساقلىيالايمىز؟ بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشىمىز ھەم بۇ مەدەنىيەت ئاساسىنى ساقلاپ قېلىش، ھەم خۇتۇڭدىكى ئاھالىلەرنى زامانىۋى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، بۇ ئىككىسىنى ياخشى بىرلەشتۈرۈش كېرەك».

  «كىچىك ھويلا كېڭىشىش زالى» يېنىدىكى مەھەللە مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كوچا، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ھەم ئىش بېجىرىشكە كەلگەن بىر قىسىم ئاممىنى يوقلىدى.

  ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپچىلىككە مۇنۇلارنى تاپىلىدى: چوقۇم خۇتۇڭنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خۇتۇڭنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، مەدەنىيەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىڭلار، مۇشۇنداق قىلغاندىلا «بىزنىڭ خۇتۇڭ جانلىنىدۇ، پۇقرالارغا خۇتۇڭنىڭ بىر گۆھەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ».

  باش شۇجى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلدى.

  ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «كىچىك ۋاقتىمدا، مەن خۇتۇڭدا ئولتۇراتتىم، ھەممەيلەن كېچىسى ئەخلەت تۆكەتتى. ھازىر شارائىت ياخشىلاندى، مۇھىت گۈزەللەشتى، چوقۇم ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە يىغىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇنىڭ بىزنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇشىمىزغا قويىدىغان تەلىپىمۇ ئۆستى، باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ ئاشتى. باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇ جەھەتتىكى سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك».

  ئۇ ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئاممىغا ئالايىتەن مۇنداق دېدى: «ھەربىر ئائىلىدىن باشلاپ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىيدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ، بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك».

  بىر خۇتۇڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300 نەچچە مېتىر كېلىدۇ، باش شۇجى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ماڭدى، يول بويى قىلىنغان خۇشال كۈلكە- پاراڭلار، ھەربىر ئېغىز چوڭقۇر مۇھەببەتلىك تىلەكلەر خۇتۇڭدىكى چاغان پۇرىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، خۇتۇڭنى تېخىمۇ خۇشاللىققا چۆمدۈردى.

  چۈشكە يېقىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ساۋچاڭ سىتياۋ خۇتۇڭنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىدىن چىقتى، خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ئاھالىلەر كوچىغا لىق تولدى. كۆپچىلىك قىزغىن چاۋاك چېلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا تەنتەنە قىلدى، قىستىلىشىپ بەس- بەستە باش شۇجى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

  شادلىققا تولغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى−

  «بۇ يەردە، مەن كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق بەخت تىلەيمەن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ داۋاملىق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداشمەن، دۆلەتنىڭ كۈندىن- كۈنگە گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن، خەلقنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىناق بولۇشى، ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، چاغىنىنىڭ خۇشال- خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن!»

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى