قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋە بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

2019-02-04 19:25:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 2- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يوقلىدى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ھەرقايسى سەپلەردە جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقان ئەمگەكچىلەرگە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى. سۈرەتتە، چېن چۈەنگو شىمىگۇ رايونى شۈدۇڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى غۇلام ھىدايتۇللانىڭ ئائىلىسىدە، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى يوقلىدى ھەم ئۇلارغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى− دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، 2- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يوقلىدى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ھەرقايسى سەپلەردە جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقان ئەمگەكچىلەرگە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى.

  خاسىيەتلىك قار مول ھوسۇلدىن دېرەك بېرىدۇ، مەركىزىي شەھەر شادلىققا چۆمدى. ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىدا دۆلەت بايرىقى لەپىلدىدى، پانۇس ۋە رەڭلىك لېنتىلار ئېسىلدى، ھەممە جاي قويۇق چاغان تۈسىگە كىردى، ھەممە ئائىلە چاغاننى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋالدى.

  «بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، پۈتۈن ئائىلەڭلارنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال- خۇرام ئۆتۈشىنى، ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!»، چېن چۈەنگو شىمىگۇ رايونى شۈدۇڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى غۇلام ھىدايتۇللانىڭ ئۆيىگە كېلىپ، چاغانلىق تىلەك تىلىدى. غۇلامنىڭ ئائىلىسى قويۇق چاغان پۇرىقىغا تولغان بولۇپ، ئۈستەلگە ساڭزا، مېۋە- چېۋە، پېچىنە- پىرەنىكلەر تىزىلغانىدى. چېن چۈەنگو بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، قىزغىن مۇڭداشتى. غۇلام ئەر- خوتۇن چېن چۈەنگوغا مۇنداق دېدى: ئىككىمىزنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى قوشقاندا 7000 يۈەندىن ئاشىدۇ، قىزىم بۇ يىل داشۆگە ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر جەمئىيەت بارغانسېرى مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىزمۇ كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، غەمخورلۇق قىلىدۇ، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىللەتلەر بىرلىكتە زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلساقلا، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.

  تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاھالە جاڭ فېڭشىننىڭ ئۆيىدە، چېن چۈەنگو كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ئائىلە كىرىمى، داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى سورىدى. جاڭ فېڭشىن مۇنداق دېدى: مەھەللە كادىرلىرى ئۆيىمىزگە چاغانلىق بۇيۇملارنى تەييارلاپ بەردى، بالىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرسەتسەك يەنە چوڭ كېسەلنى داۋالاش سۇغۇرتىسى بار، تۇرمۇشىمىزدا چوڭ قىيىنچىلىق يوق. چېن چۈەنگو بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال- خۇرام ئۆتۈشىنى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى. ئۇ مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى، كۆيۈنۈشنى، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە پات- پات بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى، ھال- ئەھۋال سوراشنى، نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ تۇرۇشنى، ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ياخشى ھەل قىلىشنى تاپىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق ئاممىسىنىڭ بەختى دەل بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ نىشانى، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھال- ئەھۋالىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، كۆپچىلىكنىڭ غەم قىلىدىغان ئىشىنى، باش قاتۇرىدىغان ئىشىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش كېرەك.

  چاغان توك ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، چېن چۈەنگو دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئورۇنلاشتۇرۇش- كونترول مەركىزىگە كېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بايرام مەزگىلىدىكى توك بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. بايرام مەزگىلىدە توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ نورمال بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئالدىنئالا 20 مىڭغا يېقىن خادىم قېتىم ئاجرىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، پۈتۈن كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ رېمونت قىلدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراشنى كۈچەيتتى. چېن چۈەنگو كونترول مەركىزىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم سىن سىستېمىسىنى قەشقەر، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى توك بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشچى- خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلارغا بايراملىق سالام يوللىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى. چاغان ھەممە ئائىلىلەر جەم بولىدىغان پەيت، كەڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جاپالىق خىزمەت قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يوپيورۇق چاغان ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇشى كېرەك، كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سىلەرنىڭ ھەم ئائىلەڭلەردىكىلەرنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەيمەن. يېڭى بىر يىلدا، يولداشلارنىڭ يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ ھال سوراشتا ھەمراھ بولدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى