قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىن قەلبىمدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

2019-02-04 19:28:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئۆمەرجان مەمەت

شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچقان؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر قويۇق باردى- كەلدى قىلىشىپ، بىر- بىرىگە تايىنىپ، تەقدىرىنى ۋەتەن بىلەن باشتىن- ئاخىر زىچ باغلىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋاھالەنكى، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كۆرۈشنى خالىماي، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ غالچىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى نابۇت قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ئالداپ، دۆلەت قانۇنىنى دەپسەندە قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستى غالجىرلاشقان، جىنايى قىلمىشى دۆلەتكە ۋە خەلققە بالايىئاپەت كەلتۈردى، جەزمەن قەتئىي زەربە بېرىش، تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك!

  مەن يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر ئادەتتىكى ئائىلىدە تۇغۇلدۇم، 12 ياشقا كىرگەن يىلىم دادام قازا قىلدى، ئەينى چاغدا ئاپامنىڭ خىزمىتى يوق، ئىنى- سىڭىللىرىمنىڭ يېشى تېخى كىچىك ئىدى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بولغانىدۇق. بۇ ۋاقىتتا، دادامنىڭ ئىدارىسى پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلەردىن ئۆتۈۋېلىشىمىزغا ياردەم بەردى. پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتىشتۈرۈشىدە، مەن داشۆدە ئوقۇپ، ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم، مېنىڭ ھەر بىر ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىغا چۆمۈلگەن. بىز ھەربىرەيلەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز. پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولسۇن؟ بىز مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن خىزمىتى سېپىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا مۇقىملىقنى قوغداپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.

  مەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ مىللەت، دىن خىزمىتىنى پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن. پارتىيەلىك كادىرغا خاس باشلامچىلىق رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن سىستېمىسىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي چوڭقۇر قېزىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز قازىمەن، پاكىز يوقىتىمەن.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردە نەتىجە يارىتىمەن. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي ھالدا تۇرمۇشتىكى «پان مۇسۇلمانچىلاشتۇرۇش» ھادىسىلىرىنى پاكىز تازىلاپ، يېمەك- ئىچمەك ئادىتى قاتارلىق كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئاممىنى كونا قائىدە- يوسۇن ۋە ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشكە، دىننىڭ ئىسىم قويۇش، خەتنە، توي، ئۆلۈم- يېتىم قاتارلىق پائالىيەتلەردىكى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيمەن. باشتىن- ئاخىر ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە زەربىدارلاردىن، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، كادىرلار، ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خاتا سۆز- ھەرىكەتلەرگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قول سېلىپ، قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشقا يېتەكلەيمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى