قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاياللارنىڭ ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاياللارنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلايلى

2019-02-04 19:29:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چىرا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئارزۇگۈل ئابدۇۋەلى

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئېشىپ كەتكەن ھەيۋىسى يەرگە ئۇرۇلدى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىپ، جەمئىيەت كەيپىياتى ئىنتايىن زور ساپلاشتى. نۇرغۇن ئايالنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، بەس- بەستە ئائىلىسىدىن چىقىپ، زاۋۇتلارغا كىرىپ، ئىجتىمائىي ئەمگەككە قاتنىشىپ، ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشىپ، مۇستەقىل ئىقتىسادىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى؛ ئىدىيەۋى قارىشىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، گۈزەل سۇمبۇل چاچلىرى لەپىلدىدى، گۈزەل چېھرى جۇلالاندى، خۇشال كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ، مودا كىيىنىپ، ھەرخىل پائالىيەتلەردە لاتاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن ئاممىنى زەھەرلىدى، قايمۇقتۇردى، ئايال قېرىنداشلار بۇنىڭ چوڭقۇر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى، بەزى ئاياللار ھەتتا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تۇتقۇن قىلىشى ياكى ئائىلە نامراتلىقىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، بىر قىسىم ئاياللارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسى كەمچىل، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، زامانىۋى مەدەنىيلىك ۋە يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولدى؛ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇپ، بىرەر ماھارىتى بولمىغاچقا، ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولالماي، تۇرمۇشتا ئەرلەرگە تايىنىپ، ئائىلىدە كىر- قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، چوڭلارنىڭ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇر بولدى؛ قانۇن بىلىملىرى كەمچىل بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغاندىمۇ قانداق قىلىپ قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىشنى بىلمىدى، بۇ ئەھۋاللار ئايال قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئۆز كۈچىگە تايىنىشى، ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.

  ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. نۆۋەتتىكى ئاياللار خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈك ئالدىدا، مەن ئاياللار ئاممىسىغا تولۇق مۇھەببەت باغلاپ، ئۇلارنىڭ ساداسىغا سەمىمىي قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ، چىن دىلىم بىلەن كەڭ ئاياللار ئۈچۈن ئىش قىلىمەن. ئاياللار ئاممىسىنىڭ ئىدىيەسىنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەر مىللەت ئاياللارغا ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا بەختلىك تۇرمۇشنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن كەلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن، ئاياللارنىڭ ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاياللارنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى كەيپىياتنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىپ، ئاياللار ئاممىسىنىڭ زامانىۋى، مەدەنىي، ئىلمىي، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىمەن، ئۇلارنى ئائىلىدىكى ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، كىچىك ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكىگە تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

  ئاچا- سىڭىللار، بىز مەدەنىيلىكنى قەدىرلەپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلەيلى. ھەر مىللەت ئاياللار قالاق ئىدىيەۋى قاراش ۋە مۇتەئەسسىپ بېكىنمە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، سۆز- ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلىپ، تۇرقىمىزغا، قىياپىتىمىزگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچىمىزدىن تېشىمىزغىچە «گۈزەللىشىپ»، «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»نىڭ تىپىك ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىمىز ۋە كىيىم- كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرىمىز، ياسىنىشىمىز ئارقىلىق جەمئىيەتكە مەدەنىي، ئالغا باسقان، زامانىۋى پۇراقنى يەتكۈزۈپ، ئاياللارنىڭ ئىچكى- تاشقى جەھەتتىن تەڭ يېتىلگەن ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاچا- سىڭىللار، بىز ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولايلى. ھەر مىللەت ئاياللار كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قانچە بۇزغۇنچىلىق قىلغانسېرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە قوغدىشىمىز؛ «ئۈچ خىل كۈچ» تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مىللىي زىددىيەتنى قانچە پەيدا قىلغانسېرى، بىز كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئاچا- سىڭىللار، بىز بالىلىرىمىزنى ئىلمىي تەربىيەلەپ، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولايلى. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىز ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، بالىلىرىمىزنى ياخشى يېتىشتۈرۈش، ياخشى تەربىيەلەش، ئائىلىمىزدىكىلەرنى ياخشى يېتەكلەش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. بىز كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى نابۇت قىلىشىغا، بالىلىرىمىز ۋە ئەرلىرىمىزنى تارتىۋېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئائىلىدىكى ئالاھىدە رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنى قانۇن ئۆگىنىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىدىن يىراقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى