قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2019- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2019-02-06 12:10:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

      (2019- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى)

                                شى جىنپىڭ

  يولداشلار، دوستلار:

  بىز دېھقانلار كالېندارى بويىچە جىخەي يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۈگۈن بۇ يەرگە خۇشال- خۇرام جەم بولۇپ، دوستلۇقنى ئىزھار قىلىشىپ، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە سۆزلىشىپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلدۇق.

  ئالدى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلەيمەن! كۆپچىلىكنىڭ چاغاننى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمەن!

  مېۋىلىك دەرەخ ئەتىيازدا چېچەكلەپ، كۈزدە مېۋە بېرىدۇ، مول ھوسۇل ئېلىنىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، نۇرغۇن ئەگرى- توقايلىقلاردىن ھالقىپ، كۆپلىگەن شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللارنى كېزىپ ئۆتتۇق، ناھايىتى جاپا چەكتۇق ھەم ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزدۇق، ئەجىر سىڭدۈردۇق، شۇنداقلا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مول بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى تېز راۋاجلاندى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن گۈللىنىش، مۇقىملىقنى ساقلىدى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچەيدى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بولۇپمۇ بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدۇق. بىزنىڭ پارتىيەمىز، بىزنىڭ دۆلىتىمىز، بىزنىڭ خەلقىمىز كۈرەش قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ۋە جاسارەتكە ئېرىشتى، تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا ماڭدى!

  مەن بۇ يىلقى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزۈمدە خەلق بىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىمىزدىكى ئەڭ زور ئاساسىمىز، دېگەنىدىم. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ تۆھپىسى خەلققە مەنسۇپ. بىز پەقەت خەلققە يېقىندىن تايانساقلا، يېڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىق، توسالغۇ يوق، ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان ھېچقانداق ئۇلۇغۋار ئىش يوق.

  يولداشلار، دوستلار!

  چاغان كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان گۈزەل پەيت، ھەمىشە كىشىلەرگە يېڭى ئارزۇ- ئىستەكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ يىل بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. يېڭى مۇساپىدە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى بولىدۇ، يەنە يېڭى خەۋپ- خەتەر، خىرىسمۇ بولىدۇ. بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

  يولداشلار، دوستلار!

  «ھەممە شادلىققا چۆمۈپ، بۇ كېچە جەم بولۇشتۇق، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپ، كونا يىلنى ئۇزاتتۇق». بىر يىل ئالدىراشچىلىقتا ئۆتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى يەپ، يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىپ، ئائىلە شادلىقى، تۇرمۇش گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغان چاغ كەلدى. ئائىلىدە ۋاپادار بولۇش، دۆلەتكە سادىق بولۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى بولمىسا، ئائىلىنىڭ بەختى، خۇشاللىقى بولمايدۇ. ئوخشاشلا مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ بەختى، خۇشاللىقى بولمىسا، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىمۇ بولمايدۇ. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە زور كۈچ بىلەن ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزملىق روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئائىلىنى سۆيۈش بىلەن دۆلەتنى سۆيۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەربىر كىشى، ھەربىر ئائىلىنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

  قەدىمكىلەر مۇنداق ئېيتقان: «ۋاپادارلىق ئەخلاق- پەزىلەتنىڭ ئاساسى». قەدىمدىن بۇيان، جۇڭگولۇقلار ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، تۇغقانلارغا كۆيۈنۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن، ئۆز ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى، ئۆز پەرزەنتلىرىنى بېقىش، تەربىيەلەش بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ بېقىش، تەربىيەلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. دۆلىتىمىز قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى. ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغانلارنىڭ يۆلىكى بولۇش، ياشانغانلارنىڭ خۇشاللىقى بولۇش، ياشانغانلارنىڭ خاتىرجەملىكى بولۇش جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ياشانغانلار ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بارلىق ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك، خۇشال ئۆتكۈزەلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

  يولداشلار، دوستلار!

  جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە، چوشقا ئالتە ئۆي ھايۋىنىنىڭ تۇنجىسى، چوشقا يىلى دېھقانچىلىق مەزگىلىدە ھۆل- يېغىننىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغانلىقى، مال- چارۋىلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن. ئەمگەكچان، باتۇر جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كۈنلىرى چوقۇم بارغانسېرى باياشاتلىققا تولىدۇ! بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىستىقبالى چوقۇم بارغانسېرى چەكسىز ۋە ئۇلۇغۋار بولىدۇ!

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى داۋاملىق بەرپا قىلىشى كېرەك!

  ئاخىرىدا، ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارنىڭ سالامەت، خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلەڭلەرنىڭ بەختلىك، ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى تىلەيمەن!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 3- كۈنى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى