قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئەل قەلبىنى ئىللىتتى

2019-02-08 19:17:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
يېقىندا، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى تۇگۇڭ غەربىي كەنتىدىكى 64 ياشلىق دېھقان شۈ فۇچۈەن 1- ئايلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى قولىغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆز ۋاقتىدا كارتىغا ئۇرۇپ بېرىدىغان بولدى. ئېيىغا 160 يۈەندىن بولۇپ، بىر يىلدا 2 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل بېرىدۇ. بۇ پۇل ھەر يىلى مەلۇم نىسبەتتە ئېشىۋاتىدۇ. بۇ سىياسەت بەك ياخشى.
نۆۋەتتە، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان 93 مىڭ 31 ئاھالە شۈ فۇچۈەنگە ئوخشاش شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش تولۇقلىمىسىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدىكى ھەق تاپشۇرۇش تولۇقلىمىسىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆلچەم بويىچە ھەق تاپشۇرۇشقا يېتەكلەپ، يەنىمۇ يۇقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ئىمكانىيەت ياراتتى. بۇ يىل، سانجى شەھىرى يۈشۇگۇ بازىرىدىكى جاڭ تىڭ يىلىغا 3 مىڭ يۈەن ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تاللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تۈپ سانى تەڭشىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ھەق تاپشۇرىدىغانلار كۆپەيدى. ياش ۋاقتىمىزدىن پايدىلىنىپ ھەقنى كۆپرەك تاپشۇرساق، ياشانغاندا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يۈكى يېنىكلەيدۇ. ھازىر 3 مىڭ يۈەن تاپشۇرساق، دۆلەت تولۇقلاپ بېرىدىغان پۇل بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ جۈن ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سانجى ئوبلاستى ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، سانجى ئوبلاستىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان ئەمما تېخى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولمىغان 3 مىڭ 581 نەپەر شەھەر-يېزا ئاھالىسى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا تولۇق قاتناشتى ھەمدە بۇ يىل1- ئايدىن باشلاپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدى. نۆۋەتتە، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئەڭ تۆۋەن بولغان ناھىيە- شەھەرلەردە 150 يۈەنگە، يۇقىرى بولغانلىرىدا 160 يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن 140 يۈەنلىك ئۆلچەمدىن يۇقىرى بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز مۇلازىمەت ۋە سىياسەت تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىمىز ۋە يېتەكچىلىك قىلىمىز. شۇنىڭدەك، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالىتى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونىمىز ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن باشقا يەنە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى جەھەتتە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا، «بىرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىككىنى ئۆستۈرۈش، بىرنى تۆۋەنلىتىش» تەك مايىللىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىلارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى تۆۋەنكى قاشلىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نۇرخان روزى ياخشى سىياسەتتىن مەنپەئەتلەندى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۆيىمىزدە ئۈچ ئادەم تۇبىركوليۇز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، ھېلىمۇ ياخشى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش سۇغۇرتىسى سىياسىتى بولغاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرى داۋاملىق داۋالىنالايدىغان بولۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىۋالدۇق. بۇلتۇر، مەن، يولدىشىم ۋە بالامنىڭ داۋالىنىشىغا 120 مىڭ يۈەن خەجلىدۇق. بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاتچوت قىلىپ بەردى، ئۆزىمىز پەقەت ئازراقلا پۇل چىقاردۇق. ئەگەر بۇ سىياسەت بولمىغان بولسا، كۈنلىرىمىزنىڭ قانداق ئۆتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ ئىشلەپ، كەنتنىڭ يول ئېغىزىدا كىچىك دۇكان ئېچىپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش بوغالتىرى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن باشقا، باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىمۇ مۇقىم ئاشتى. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمى تەڭشەلگەندىن كېيىن، كىشى بېشىغا 152 يۈەن كۆپەيدى؛ ئىش ئۈستىدە يارىلانغان (ئۆلۈپ كەتكەن) ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتى تەڭشەلگەندىن كېيىن، 1- دەرىجىلىكتىن 4- دەرىجىلىككىچە بولغان ئىش ئۈستىدە يارىلانغانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ياردەم پۇلى 198 يۈەن كۆپەيدى.
ۋاڭ ۋىي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا، ئاخىرقى نۇقتا يوق. پەقەت يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار» دەپ كۆرسەتتى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا خىزمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا،   2019-يىلى-- يەنە بىر يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. كېيىنكى قەدەمدە، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز؛ ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى