قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاچا- سىڭىللىق مۇھەببىتى

2019-02-08 20:14:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى::
كېرىيە ناھىيە يېڭىباغ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرى جاڭ جىڭ ئاياغ لەمپە كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئايگۈل ئابدۇللا بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن بۇيان، ئايگۈل ئابدۇللانىڭ چوڭ- كىچىك ئىشلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپلا قالماي، ئايگۈل ئابدۇللاغا خىزمەت تېپىپ بەردى. بۇ جەرياندا بۇ بىر جۈپ ئاچا-سىڭىل ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
يېقىندا، جاڭ جىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئاياغ لەمپە كەنتىگە بېرىپ، ئايگۈل ئابدۇللانىڭ بالىسى ۋە يولدىشىنى ئېلىپ ناھىيە بازىرىغا كېلىپ، كاۋاپخانىدا ئىشلەۋاتقان ئايگۈل ئابدۇللانى يوقلىدى. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى چاغاندا بىر يەرگە جەم بولۇپ بەكلا خۇشال بولدى. جاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: سىڭلىمنىڭ ئادەتتە خىزمىتى بەكلا ئالدىراش، ئۆيىگىمۇ قايتالمىغاچقا، ئۇنى ئۆيىدىكىلىرى بىلەن جەم قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.
جاڭ جىڭ بىلەن ئايگۈل ئابدۇللا بۇلتۇر 2- ئايدا قوشماقلىشىپ تۇققان بولدى. جاڭ جىڭ ئايگۈل ئابدۇللا ئائىلىسىدىكى ئۈچ جاننىڭ ئىككى مو يەردىكى ياڭاقلىق ۋە ئېرى مەمەت تۇردىنىڭ ئورمان قوغدىغۇچىسى بولۇپ تاپقان 800 يۈەن كىرىمىگە تايىنىپ غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش نىيىتىگە كەلدى. جاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: مەن ئايگۈل ئابدۇللا بىر ئائىلە كشىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە قايتا- قايتا ئويلىنىپ، ئاخىرىدا ئايگۈل ئابدۇللانى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇردۇم. ئۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغاندا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخنىكا ئۆگىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، كۆپنى كۆرۈپ نەزەر دائىرىسى ئېچىلاتتى.
جاڭ جىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، كېرىيە ناھىيە بازىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ تاللا بازىرى ۋە ئاشخانىلار ئارىسىدا قاتراپ، ئاخىرى بىر كاۋاپخانىدىن ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بەردى. جاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە تاماق ۋە ياتاق ھەقسىز بولغاچقا، ئايگۈل ئابدۇللاغا ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا ئېيتسام، دەسلىۋىدە ئۇنىمىدى. ئايگۈل مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەم ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ گېپىنى ياخشى چۈشىنەلمەي قالارمەنمۇ، خىزمەتنىڭ ھۆدىسىدىن چىقىلالماي قالسام قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرىگەنىدىم.
جاڭ جىڭ ئايگۈلنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قايتا-قايتا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بەردى. جاڭ جىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ئايگۈل ھەر كۈنى دەپتەرگە تاماق تىزىملىكىنى كۆچۈرۈپ يېزىشنى داۋاملاشتۇردى، بىلمىگەننى سوراپ ئۆگىنىپ، ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى. ھازىر ئۇ كاۋاپخانىدا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ناھايىتى ياخشى چىقىپلا قالماي، ئايدا 2 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدىغان بولدى. ئايگۈل مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ماڭا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقسام جاڭ ھەدەم ماڭا ياردەم قىلغاچقا، بۇ يەردە خاتىرجەم ئىشلەۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يولدىشىم ئىككىمىز تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، جاڭ ھەدەمنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ھەرگىزمۇ يەردە قويمايمىز.
جاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر يىلدا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىش، ئۆزئارا ئالاقە قىلىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىمىزدىكى مېھىر- مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇق.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى