قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئائىلە مۇلازىمەتچىسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئائىلە مۇلازىمەت كەسپىدىكى باشلامچىغا ئايلانغان چىن شياۋئې

2019-02-08 20:18:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قەلبداشلار ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چىن شياۋئې ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان 19 يىلدا، بىر ئائىلە مۇلازىمەتچىسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى.
چاغان مەزگىلىدە قەلبداشلار ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ ئالدىن كېلىشىش تېلېفونى توختىماي سايراپ تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەم بولۇش تامىقى زاكاز قىلىدىغانلار، سائەتلىك مۇلازىمەتكە ئىھتىياجلىق بولغانلار، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئالدىن كېلىشىدىغانلار بار بولۇپ، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى چىن شياۋئې مۇنداق دېدى: ھەر يىلى چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە، ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپىدە «ئىشلەمچى قەھەتچىلىكى» كۆرۈلىدۇ. لېكىن شىركەتنىڭ خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ پايدىسىدا، بۇ بىر نەچچە كۈندە كۆپچىلىك ئالدىراش ھەم تەرتىپلىك ئىشلىدى. ئەگەر خېرىدارنىڭ ئۆيىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئايرىلىدىغان ئىش بولسا، 10 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. بىز ئادەم ئالماشتۇرساق، ئاندىن ئايلىق ئىش ھەققىنى تولۇق ئېلىپ كېتەلەيدۇ. شىركەت، خېرىدار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۈچ تەرەپتىن قائىدە- تۈزۈمگە ئەمەل قىلسا، مۇلازىمەت تېخىمۇ ياخشى ۋە ئېنىق بولىدۇ.
ھازىر، شىركەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى دەرىجىسىنى باھالاش تۈزۈمى، تېخنىكا ماھارىتىنى باھالاش تۈزۈمى، مۇلازىمەت تەرتىپى ۋە ئۆلچىمى، خېرىدارلارنى زىيارەت قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق بىر يۈرۈش باشقۇرۇش ئۆلچىمى ۋە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خىزمەتچىلەر بىلەن خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئەمما «ئۆلچەم» دېگەن بۇ سۆز-- 19 يىل بۇرۇن چىن شياۋئېغا نىسبەتەن ناتونۇش ئۇقۇم ھىسابلىناتتى. 2000- يىلى، 33 ياشلىق چىن شياۋئې ۋە ئۇنىڭ ئۈچ خىزمەتدىشى 14 كۋادرات مېتىرلىق بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، تۆت تال دەسمال، ئىككى چېلەك ۋە بىر ئۈستەل بىلەن ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتى قۇردى. چىن شياۋئې دىرېكتور ھەم ئىشچى بولۇپ، ھەر كۈنى كوچىلارنى ئارىلاپ خېرىدارلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تازىلىق قىلدى. 2001- يىلى چاغاندىن بۇرۇن، شېنجېندىن قايتىپ كەلگەن جاڭ ئەپەندى ئاتا- ئانىسىنى يوقلاپ كەلگەندە، دەل چىن شياۋئې تازىلىق قىلىۋاتقانىدى. جاڭ ئەپەندى ئۇنىڭ پەقەت بىر تال دەسمال بىلەنلا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ كەتتى. چېن شياۋئې مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ كىشى ماڭا «سىلەردە ئۆلچەم دىگەن نەرسە بارمۇ؟»دېدى. ئۇ ۋاقىتتا، «ئۆلچەم» دىگەن ئۇقۇم ماڭا نىسبەتەن ناتۇنۇش ھىسابلىناتتى.«پاكىزە دەسمال بىلەن ئۆينى سىز رازى بولغۇدەك تازىلىساقلا بولمىدىمۇ؟ بۇنىڭدا نىمە ئۆلچەم بولىدۇ؟» دەپ ئويلايتتىم. ئۇ كىشى ماڭا «سىلەر بېرىپ ئۆگىنىش قىلساڭلار بولىدىكەن» دېدى. بۇ گەپ ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى.
شۇ يىلى چاغاندىن كېيىن، چىن شياۋئې بېيجىڭدىكى ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتىگە بېرىپ بىر ھەپتە ئۆگىنىش قىلدى. ئۇ شىركەتنىڭ تېمىغا تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ چاپلانغانلىقى، رەتلىك خىزمەت فورمىسى، تۈرلۈك ئۈسكۈنە- جابدۇقلارنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپىگە نىسبەتەن يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم. ئەينى ۋاقىتتا، قەلبداشلار ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ ماركىسىنى تىكلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆلچەم يارىتىش قارارىغا كەلدىم.
چىن شياۋئې ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ئۆگەنگەن «ئۆلچەم» ئۇقۇمىنى خىزمەت ۋە باشقۇرۇشتا قوللاندى ھەمدە مەھەللىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشلىمەي بىكار يۈرگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى قوبۇل قىلىپ، شىركەتنىڭ  كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتتى. خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلەش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن باھالاشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىنتېرنېت تورى مۇلازىمىتىنى كىرگۈزدى. مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، شىركەتنىڭ تىجارىتىمۇ كۈندىن- كۈنگە روناق تاپتى. ھازىر، ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 4 شۆبە شىركەت قۇرۇپ، 5 مىڭ 247 ئىشچى-خىزمەتچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 19 يىلدىن بۇيان، جەمئىي 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق خادىمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. چىن شياۋئې مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ يېزا ئايالىنى پۇل تېپىش پۇرسىتىگە، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا يەنى بىر ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككى ئائىلىنى بەختلىك قىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ-- ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىمىز ھىساپلىنىدۇ. مانا بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى