قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ15- نۆۋەتلىك«دولان—كۈسەن» مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى ۋە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك «دولانلىقلار بىلەن چاغاننى بىللە ئۆتكۈزۈش» مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

2019-02-08 20:23:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاقسۇ15- نۆۋەتلىك«دولان—كۈسەن» مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى ۋە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك «دولانلىقلار بىلەن چاغاننى بىللە ئۆتكۈزۈش» مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. ئەنئەنىۋى كوچا ئويۇنى، ئەجدىرھا ۋە شىر ئۇسسۇلى قاتارلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت نومۇرلىرى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە چاغاننى خۇشال-خۇرام تەبرىكلىدى.
داقا-دۇمباق ئاۋازى كۆككە ياڭراپ، كىشىلەر قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. ئاۋات ناھىيە دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا- بازارلىرىدىكى دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەن 10 ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتى مىڭ كىشىلىك كوچا ئويۇنى نومۇرىنى ئورۇنلىماقتا ئىدى. داقا- دۇمباق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، قاتار-قاتار ئەجدىرھالار گاھ ئاسمانغا كۆتۈرۈلسە، گاھ پەسكە شۇڭغۇيتتى، ئارقىدىنلا ئورۇنلانغان شىر ئۇسسۇلى ۋە ياڭگىر ئۇسسۇلى پۈتۈن مەنزىرە رايونىنى شاد-خۇراملىققا چۆمدۈردى. خېنەندىن كەلگەن ساياھەتچى ياڭ خۇەنلىڭ مۇنداق دېدى: ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلانغان نومۇرلارنى كۆرۈپ بەكلا ھاياجانلاندىم، نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىپ ئۆيۈمدىكىلەرگە ئەۋەتىپ بەردىم.
خېيلوڭجياڭدىن شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم ساياھەتكە كەلگەن چېن يەنيەن ئىختىيارسىز ياڭگىر ئۇسسۇلى ئەترىتىگە قوشۇلدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان بايرام كەيپىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەكلا ھاياجانلاندىم، مەن پۇرسەت بولسىلا يەنە شىنجاڭغا كېلىمەن.
كوچا ئويۇنى ئورۇنلاشقا قاتناشقان 3 مىڭ كىشى ئىچىدە، يېشى ئەڭ كىچىكى 19 ياش، ئەڭ چوڭى 68 ياشتا ئىدى. ليەن لەيشېڭ ئاقچېقىل باشقۇرۇش كومىتېتى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ 18 مو يەردىكى ئالمىلىق بېغىدىن ئۇدا نەچچە يىل 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلغاچقا، تۇرمۇشى باياشات ئىدى. ليەن لەيشېڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدە دائىم يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يەنىمۇ تىرىشىمەن، ئادەتتە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئىنتىلىشىمىزنى نامايەن قىلىمىز. ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىز كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدىن ناھايىتى خۇشال.
ئاۋات ناھىيە ئاقچېقىل باشقۇرۇش كومىتېتى ياڭگىر ئۇسسۇلى ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئالمىرە ئەركىن مۇنداق دېدى: شىر ئۇسۇلى (ئەجدىرھا ئۇسسۇلى) ۋە ياڭگىر ئۇسسۇلى ئەترىتىگە قاتنىشىپ بەكلا خۇش بولدۇم.
بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى مۇشۇ ئاينىڭ19- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ مەزگىلدە يەنە چاغانلىق بەخت قىزىل بولىقى تارتىش، مۇز ئۈستىدە كۆڭۈل ئېچىش، ئوغلاق تارتىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى