قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەنت قىياپىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، گۈزەل يېزا- كەنت بەرپا قىلدى

2019-02-09 17:34:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىگە تايىنىپ، كەنت قىياپىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈردى.
چاغان مەزگىلىدە، بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى بىلىن خارمودۇن كەنتىدىكى ھەممە ئائىلە پانۇس ئېسىپ، چۈنليەن چاپلاپ، قويۇق چاغان كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان جاڭ تىڭ بىر يىلدىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يوللارغا ئاسفالىت ياتقۇزۇلۇپتۇ، كەنتتىكىلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقى ئېڭىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئىلگىرى، چاغاندا چوڭ- كىچىك كوچىلار پوجاڭزا ئاتقاندىن كېيىنكى ئەخلەتلەر بىلەن توشۇپ كېتەتتى. ھازىر، ھەممە ئائىلە ئاڭلىق ھالدا ئىشىك ئالدىنى تازىلايدىغان بوپتۇ.
جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى بورتالا ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتىنىڭ بىلىن خارمودۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ 1- شۇجىسى فېڭ شۈەنرۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، كەنتنىڭ 3.8 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولى ئۆزگەرتىپ ياسالدى. خەتەرلىك ۋە كونا ئۆيلەر، شۇنىڭدەك كېسەك ئۆيلەرمۇ چېقىۋېتىلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپ مەنبەلىك ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئاساس سېلىنىپ، ھويلا-ئاراملارنى تۈزەشنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتى بىر قەدەر مۇكەممەللەشتى. بۇ يىللىق مۇھىم نۇقتا-- ھەر بىر كوچىنىڭ يول بويلىرىغا، ئۆينىڭ ئالدى- كەينىگە مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ، باغلىق كەنت بەرپا قىلىمىز. ھويلا ئىچىگە نۇقتىلىق ھالدا قىزىل لازا تېرىپ، «گۈزەل يېزا» بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز.
بۈگۈنكى كۈندە، بىلىن خارمودۇن كەنتىگە ئوخشاش بۇنداق گۈزەل يېزا- كەنتلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلمەكتە. ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر بېسىپ تارقاتقان «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى» دە: 2020- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە تەخمىنەن %70 ئەتراپىدىكى يېزا- بازار ۋە مەمۇرىي كەنتنى تۈزەشنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ھاجەتخانىلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %60 كە يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.بۇ تەلەپكە ئاساسەن، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى شەكلى كۆپ خىل بولغان، شۇنداقلا ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى ھەمدە يېزىلاردىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» نى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتى 270 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزىلاردا جەمئىي 34 مىڭ 789 ئاممىۋى ھاجەتخانا سالدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزىلاردا 35 مىڭ 595 ھاجەتخانا سېلىپ، يېزىلاردا ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى يانتاق كەنتىدىكى دېھقان ئەخمەت ئابلانىڭ ئۆيىدىكىلەر سۇ چۈشۈرگىلى بولىدىغان پاكىزە ھاجەتخانىدىن پايدىلىنالايدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى كونا ھاجەتخانىنى چېقىۋەتتۇق. ئۇ خىل ھاجەتخانا ناھايىتى مەينەت ئىدى. ھازىر، پاكىزە ھاجەتخانىغا كىرەلەيدىغان بولدۇق. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇق.
يېزىلارنڭ مۇھىتى گۈزەل بولسا، دېھقانلارنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ. يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ خوراتاغ كەنتى ئىلگىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي يېزا-كەنت يوللىرى، ئەمىن ئۆي، يېزا-كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قۇرۇلۇش قىلىپ، مۇھىتنى تۈزەش بىلەن كەسىپ يېتىلدۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. نامرات كەنت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت دەرىجىلىك گۈزەل ۋە ئولتۇراقلىشىشقا باپ كېلىدىغان ئۈلگىلىك كەنتكە ئايلاندى. ھازىرغىچە، بۇ كەنتتە سەھرا ئارامگاھىدىن 20 سى، سەھرا باغچىسىدىن 4 ى قۇرۇلۇپ، يىلىغا 150 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدىغان بولدى. كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل ئىبراھىم مۇنداق دېدى:: ئىلگىرى يوللار ياخشى ئەمەس، سۇ، توك يوق ئىدى. بىر يىللىق كىرىمىمىز 2 مىڭ يۈەندىن ئازراق ئاشاتتى. ھازىر، يوللار ياخشى بولۇپ كەتتى، سۇ، توكنىڭ ھەممىسى تەل بولدى. كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ كۆپەيدى.. ھازىر، يىللىق كىرىمىمىز 70، 80 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەڭ يېزا-كەنتلەرنى ئولتۇراقلىشىشقا باپ كېلىدىغان، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان بەختلىك ماكانغا ئايلاندۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى يېزا ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ گۈەنيۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت لايىھەسىگە ئاساسەن، بىرىنچىدىن، 2020- يىلىغا قەدەر ئاپتونوم رايون بويىچە ئاز دىگەندىمۇ مىڭ مەمۇرىي كەنتنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز. ئىككىنچىدىن، 10 مىڭ كەنتنىڭ كەنت قىياپىتىنى تۈزەش ۋە ئۆستۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئۈچىنچىدىن، بىر تۈركۈم يۇقىرى ئۆلچەملىك گۈزەل ۋە ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېزا- كەنت قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. بۇ يىل، جايلار ۋە تارماقلار يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۈزەش، يېزىلاردىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» نى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۈزەش، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش، ساغلام ۋە پاكىزە بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشقا تىرىشىدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى