قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق دەل جايىدا پار بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئۈرۈمچى خۇايۈەن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ئەترىتى

2019-02-09 18:00:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
 ئۈرۈمچى خۇايۈەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى يېڭى دەۋردىكى پار بىلەن تەمىنلەش كوللېكتىپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىلغار تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ، «يىرىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىكى» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىنچىكە باشقۇرۇشقا ئايلاندۇرۇپ، «ئالاقە تورى+» ئارقىلىق پار بېرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ، ھاۋانىڭ پاكىزلىقىنى قوغدىدى.
ئۈرۈمچى خۇايۈەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىسسىقلىق تورى نازارەت قىلىش- تىزگىنلەش مەركىزىگە كىرگەندە، ئۈچ دانە LED ئېكرانىدا شىركەتنىڭ بەش ئىسسىقلىق مەنبەسى زاۋۇتى، 160 ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە 14 مىليون كۋادرات مېتىر كېلىدىغان پار بىلەن تەمىنلەش رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنىڭ تارقىلىشى، پار بىلەن تەمىنلەش ئوچىقىنىڭ بېسىمى، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە سۇ قايتىش تېمپېراتۇرىسى، ھەتتا ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئېنىق كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جاڭ جيەنلياڭ مۇنداق دېدى: بارلىق بىنالارنىڭ ئىسسىقلىق جەدۋىلى ۋە بىنانىڭ كۆلىمى، ئۇنىڭ يىغىندى ئىسسىقلىق مىقدارى، تېجەش مىقدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئېكراندا ئەكس ئېتىدۇ. بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئىنچىكە سانلىق مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق بارلىق ئىجرا قىلىش پارامېتىرىنى نازارەت قىلىپ، ئىستاتىستىكا ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ، پەرقلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، بۇنىڭدا ئۈنۈم تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
توغرا سانلىق مەلۇمات خىزمەتچىلەرنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ ئۆلچىشىدىن كەلگەن. شىركەتنىڭ رېمونتچىلىرى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 60 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان تۇرۇبا تورىنى تەكشۈرۈپ، ھەر بىر كلاپان، بېسىم سائىتى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈپ تىزىملىدى. رېمونتچىلار نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇقتا، تار يەر ئاستى تۇرۇبا قۇدۇقىغا يولۇققاندا نېپىز كىيىملەرنى كىيىپ يانتۇچىلاپ قەدەممۇ- قەدەم سۈرۈلۈپ مېڭىپ، بارلىق تۇرۇبا تورى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، ئۈسكۈنە سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوغداش مەركىزى قۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنچىكە كۆزىتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشەش- تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 160 ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا ئادەمسىز مەشغۇلاتنى ئەمەلگە ئاشۇردى. جاڭ جيەنلياڭ مۇنداق دېدى: تەڭشەش مەركىزى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى ھاۋا رايى، بۇيرۇقنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتوماتىك ھالدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىپ پار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئادەم كۈچى بايلىقى زور دەرىجىدە تېجىلىپ، ئەمگەك سىجىللىقى تۆۋەنلەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى ئىللىتالايمىز.
2016- يىلى شىركەت يەنە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى قۇرۇپ، «گاز بىلەن توك بىر-بىرىنى تولۇقلاش» پار بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈپ، پار بىلەن تەمىنلەش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە توك بىلەن ئىسسىتىش، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا تەبىئىي گاز ئارقىلىق ئىسسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى 44 مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ئىچىدە تۇنجى تۈركۈمدە يېقىلغۇ گاز بىلەن توكتىن ئىبارەت كۆپ خىل پاكىزە ئېنېرگىيە ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى بولۇپ قالدى. جاڭ جيەنلياڭ مۇنداق دېدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ- ئەڭ زور بايلىق. ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېنىرگىيە تېجەپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشتا ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشىمىز ھەمدە نورمال پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، ھازىر ھاۋا تېخىمۇ كۆك، مۇھىت تېخىمۇ ياخشىلاندى، بىزمۇ بۇ خىزمەتكە قاتناشقانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۆزىمىزدە بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى شەكىللەندى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى