قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇنتۇلغۇسىز توي مۇراسىمى

2019-02-09 18:09:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى بىر جۈپ ياش چاغاننىڭ 1- كۈنى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ سىڭگىم يېزىسى سىڭگىم كەنتىدە، پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە، سىڭگىم كەنتىدىكى ھەلىمىخان مۇسا بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، چۈنكى بۇ كۈن ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى، يەنى تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كادىرى شيې لىيۈننىڭ توي كۈنى ئىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى توي تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كېلىنچەككە ئەتلەس كۆينەك، چىمەن دوپپا كىيدۈرۈپ، قىزىل چۈمبەردىنى يېپىپ، چىرايلىق جابدۇندۇردى، ئۆيدە كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى. ھەلىمىخان مۇسا مۇنداق دېدى: قىزىم شيې لىيۈن ياتلىق بولدى، مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ھەم ھاياجانلاندىم. شيې لىيۈن دائىم كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇرىدۇ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىمغا ياردەملىشىدۇ، بالامغا دەرس تەكرارلاپ بېرىدۇ، ئۇ خۇددى ئۆز قىزىمغا ئوخشاش. ئۇنىڭ تويىغا مۇبارەك بولسۇن.
چۈش ۋاقتى بولغاندا، يىگىت سۈي چۈەنباۋ تەپتىش مەھكىمىسىدىكى خىزمەتداشلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەلىمىخان مۇسانىڭ ئۆيىگە كېلىننى يۆتكەشكە كەلدى. قىز-يىگىت تويلۇق بىزەلگەن ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تەبرىكلىشى بىلەن سۈي چۈەنباۋنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى مەريەمگۈل ئاسىمنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. يول بويى كەنت ئاھالىلىرى يىپەك ياغلىق ۋە مېۋىلەرنى كۆتۈرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشەك ھارۋىسىنى توسۇپ بەخت تىلەپ قولىغا تۇتقۇزدى. بەخت- سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان رەڭلىك يىپەك شارپىلار بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ مۈرىسىگە ئارتىلدى. سۈي چۈەنباۋ مۇنداق دېدى: بۇنداق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىمدىن بەك خوش بۇلىۋاتىمەن. سىڭگىم كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئامما ناھايىتى مېھماندوست ئىكەن، ئۇلار بىزنىڭ تويىمىزنى ھەمدە يېڭى يىلىمىزنى تەبرىكلىدى، بولۇپمۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنىم قويۇق مېھىر- مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇردى.
ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما توينى كۆچۈرۈپ مەنزىلگە يېتىپ كەلدى. مەريەمگۈل ئاسىم كېلىنچەككە يىپەك شارپا ئارتىپ يىگىتنىڭ بېشىغا دوپپا كىيدۈردى، قولىغا توي ئۈزۈكى تاقاپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى. ئارقىدىن كۆپچىلىك مەشرەپكە چۈشۈپ، نەق مەيدان شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.
كەنت ئاھالىسى ھەبىبۇل ئابلا مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى كادىرلار بىزگە نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، مەسىلەن، كەنتتىكى توپىلىق يول سېمونت يولغا ئۆزگەرتىلىپ، سۇ ئىنشائاتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىمىز ياخشىلىنىپ، دېھقانلار نەپكە ئېرىشتى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت. كەنتىمىز كەنتكە چۈشكەن كادىرلارغا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇلارنىڭ تويىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم، ئۇلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى