قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بورچىن ناھىيەسى «قىشتىكى چۆچەك» مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، بايراملىق مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى

2019-02-09 18:12:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
چاغان مەزگىلىدە، بورچىن ناھىيەسى «قىشتىكى چۆچەك» مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، بايراملىق مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە سېھرى كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.
«چاغانلىق 7 كۈنلۈك شادلىق» پائالىيەتلىرى كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلدى. چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ «قىشتىكى مۇھەببەت» سەنئەت ئۆمىكى مەخسۇس كېچىلىكى، «قىش خىسلىتى» مەخسۇس تەربىيىلەش پائالىيىتى، «قىش مۇھەببىتى» ياشانغانلار داشۆسى مەخسۇس پائالىيىتى، «قىش ئارزۇسى» كارخانا مەخسۇس پائالىيىتى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك پائالىيەت يېزا-بازار ۋە مەھەللىلەردە ئارقا-ئارقىدىن قويۇلۇپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.بورچىن ئاھالىسى جەي شۈدىيەن مۇنداق دېدى: ئۇيۇنلار بەك قىزىقارلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىپادىلەپلا قالماي، بورچىن خەلقىنىڭ روھىي ھالىتىنى نامايان قىلىپ بەردى.   ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى ساۋ جۈنجۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۇيۇنلار بەك ياخشى بولدى. مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئەڭ يارقىن، ئەڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى كۆپچىلىككە نامايان قىلىپ بەردى.
مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا ئورۇنلانغان تۈرلۈك نومۇرلار ناھايىتى ئېسىل بولۇپ، ئاقىللار ئېيتىشىشى «19- قۇرۇلتايغا مەدھىيە» دە، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەر ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن مەدھىيلەندى؛ «يېڭى ئۇزۇن سەپەر» ناملىق ئېيتىشىشتا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئىپادىلەندى. «ئاققۇ» ناملىق ئۇسسۇلدا، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداشتا چىڭ تۇرغانلىقى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىق مەنزىرىسى نامايان قىلىندى. بورچىن ناھىيەسى بورچىن بازىرى شېنخۇ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى رېن يەنلىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا، ئۆزىنىڭ ھەم ئارتىس، ھەم تاماشىبىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەنىۋى تۇرمۇشىمىز بېيىتىلىپلا قالماي، ئۇيۇن قويۇشقا بىۋاستە قاتنىشىپ، نۇرغۇن نەرسىدىن مەنپەئەتلەندۇق. تۇرمۇشىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز!
بورچىن ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ باۋيەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «قىشتىكى چۆچەك» مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، مەيدان سانى كۆپ، نومۇرلار كۆپ، ئاممىدىن تەشكىللەنگەن ئارتىسلار كۆپ بولۇپ، 11 مەيدان، 160 نومۇر، مىڭدىن ئارتۇق ئارتىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قويۇق بايرام تۈسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بورچىن ناھىيەسى ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ، مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ۋە نازۇ- نىمەتلەر بايرىمىنى تەشكىللىدى. ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش سانى ۋە ساياھەتچىلىك كىرىمى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %40 ئەتراپىدا ئاشتى. ساياھەتچىلەرنىڭ بورچىنغا كېلىپ مەدەنىيەت قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى