قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2019- يىلى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى 2018- يىلىدىكى تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى

2019-02-11 10:22:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
2019- يىلى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى 2018- يىلىدىكى تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى 11- ئايدىن 2019- يىلى 1- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 11 مىليون ئادەم- قېتىمدىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %50 ئاشقان.
چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدا ئادەم ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كىشىلەر سىرتلاردا قىشتىكى ئىللىق قۇياش ۋە قار- مۇز خۇشاللىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھىدا چاڭغا تېيىلىش يولىدىن ئۇچقاندەك چۈشمەكتە ئىدى. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى يۇ ياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: مەن ھەر يىلى كېلىمەن. بۇ يەرنىڭ قار سۈپىتى ياخشى، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ئىللىق، تاماقلىرىمۇ يىيىشلىك. بۇ يەردە چاغان ئۆتكۈزسىمۇ بەك كۆڭۈللۈك بولىدىكەن، كۆپچىلىك بىللە بولسا بەك قىزىيدۇ.
شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خې مۇنداق دېدى: 2019- يىللىق چاغانلىق ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، ساياھەتچىلەر 90 مىڭ ئادەم- قېتىمغا يېتىپ، 2018- يىلدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭلەشكەن. باشقا جايلاردىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كېلىپ چاڭغا تېيىلىپ چاغان ئۆتكۈزۈشنى تاللىغان. باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن %50 ئاشقان.
ئۈرۈمچى نەنسەندىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان قەبىلىسىگىچە، قاناستىكى گۈزەل قار يۇرتىدىن باغراش كۆلىگىچە بولغان جايلاردا قىش پەسلىدە ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى. كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات مەنزىرە رايونى تۇنجى قېتىم قىش پەسلىدە سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. ئىلگىرىكى تىنچ قارلىق دالا بۇ يىل قىشتا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. نارات مەنزىرە رايونى تىجارەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇڭ خۇا مۇنداق دېدى: بۇ نارات مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكتىكى بىر قېتىملىق ئىزدىنىشى ۋە سىناق. بۇ يەرنىڭ قىش پەسلىدىكى سۇ بوياق رەسىمگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماي، بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئات ئۈستى پائالىيىتى، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئائىلە زىيارىتى، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى نۇرغۇن دوستلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ يىل يىل بېشىدىن 1- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، نارات مەنزىرە رايونى 25 مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىكتە بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
ئالتاي ۋىلايىتى «ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىشى بارلىققا كەلگەن جاي»، «جۇڭگو قار مەركىزى» دېگەن نامنى ياراتتى. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ  گۈزەل قار مەنزىرىسى ۋە قويۇق مىللىي ئۆرپ- ئادىتى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. قاناس مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە كەلگەن گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەتچى فەن خانىم مۇنداق دېدى: خۇددى چۆچەك دۇنياسىغا كېلىپ قالغاندەك بولدۇم. بۇ يەر ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن، بۇ يەردىن كەتكۈم كەلمەي قىلىۋاتىدۇ. قار مەنزىرىسى بىلەن تاغ خۇددى سىياھ رەسىمىگە ئوخشاش ناھايىتى چىرايلىقكەن.
بۇ يىل قىشتا ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەتچىلىك بىلەن مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مەززىلىك تائام قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايىنبۇلاق قار- مۇز نادام بايرىمى، باغراش كۆلىدە قار- مۇز ئويۇنى ئويناپ چاغان ئۆتكۈزۈش، قىش پەسلىدە يېشىللىقتىن ھوزۇرلىنىپ كۆكتات ئۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، 2018- يىلى 11- ئايدىن 2019- يىلى 1- ئايغىچە، جەمئىي 1 مىليون 710 مىڭ ئادەم- قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمىنى 940 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى. ئالتاي ۋىلايىتى 13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى، بۇرۇلتوقاي قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى، بۇرچىندىكى تۇمان بايرىمى، كۆكتوقاي ئاپتوموبىل لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئالتاي قار- مۇز مەنزىرىسى ساياھىتى، قاناس قار-مۇز كارنىۋالى قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، قار- مۇز ساياھىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت -تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيې پىڭ مۇنداق دېدى: دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قىشلىق قار- مۇز ساياھىتى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالتاينىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى يەنىمۇ جانلاندۇردۇق. بۇلتۇر 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇ يىل 1- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، بىز جەمئىي بىر مىليون 889 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتىۋالدۇق. ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى بىر مىليارت 990 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا  %60.4 ۋە %87.3 ئاشتى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى