قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، يېڭى دەۋردە ئارزۇغا ئىنتىلىمىز

2019-02-11 16:12:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ مارالبېشى بازىرى شىڭفۇيۈەن مەھەللىسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى —

مۇخبىرىمىز جاڭ رۈيلىن

 2- ئاينىڭ 8- كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا، قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ مارالبېشى بازىرىدىكى شىڭفۇيۈەن مەھەللىسى جانلىنىپ كەتتى، مەھەللىدىكى بىنالاردىن چىقىۋاتقان ئاياللار كۈلكە- چاقچاق قىلىشقاچ كېتىپ باراتتى. ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق سالاھىيىتى بار: مارالبېشى ناھىيەلىك خېخۇڭ كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتى شىڭفۇيۈەن مەھەللىسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىسى. بۇ چاغاندا، كۆپچىلىك قىسقىغىنا دەم ئالغاندىن كېيىن، جىددىي، ئالدىراش ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ كەتتى.

  مارالبېشى بازىرىنىڭ شىڭفۇيۈەن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ئەتراپتىكى يېزا- بازارلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن نامرات ئاھالىلەر، يەرلىك ھۆكۈمەت نامرات ئاھالىلەرنى تۇرالغۇ، داۋالىنىش، مائارىپ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە زاۋۇتنى مەھەللىگە قۇرۇپ، مەھەللىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. 2018- يىلى 6- ئايدا، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، زاۋۇتتا 200دىن كۆپرەك ئىشچى- خىزمەتچى بار بولدى، نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئايال تېخنىكا ئۆگىنىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دوست تۇتتى، ئىشەنچكە تولدى.

  نۇربىيە راخماننىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بولۇپ، قېيىنئاتا- قېيىنئانىسى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى.

  «قېيىنئاتام پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بىز مۇشۇنداق ياخشى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرەلىدۇق، سىزمۇ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشالىدىڭىز، دېدى، ئائىلىمىزدىكىلەر مېنى ناھايىتى قوللايدۇ» دېدى نۇربىيە.

  زورىگۈل ياسىننىڭ زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەۋاتقىنىغا بىر ئاي بولمىدى. «مەن بۇ خىزمەت پۇرسىتىنى ئالاھىدە قەدىرلەيمەن». ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تاسادىپىي ۋەقە سەۋەبىدىن، ئىلگىرى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ھەيدەيدىغان ئېرى مېيىپ بولۇپ قالغان، ئەسلىدىلا ئانچە باياشات بولمىغان بۇ ئائىلە پەقەت تۆۋەن كاپالەتكە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان بولۇپ قالغان. مەھەللە كادىرى ئۇنىڭغا بۇ خىزمەتنى تونۇشتۇرغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ماقۇل بولغان.

  «زاۋۇتتىكى ئۇستام ناھايىتى ئەستايىدىل ئۆگىتىدۇ، مەن نۇرغۇن كەسپىي بىلىم ۋە تېخنىكا ئۆگەندىم، ئائىلەمدىكىلەر مېنى ھازىر چىرايلىق ھەم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتتىڭىز، دېدى، مەن چوقۇم ئائىلەمدىكىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش يارىتىمەن» دېدى زورىگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

  چىمەنگۈل قۇربان زاۋۇتقا كىرىشتىن ئىلگىرىلا تېخنىكا بىلىدىغان ئاز ساندىكى ئىشچىلارنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئورتاق تىلىنىمۇ ياخشى سۆزلىيەلەيدىغان ئىشچى، شۇڭا چىمەنگۈل زاۋۇتقا كىرىپلا گۇرۇپپا باشلىقلىققا تەيىنلەندى. «مېنىڭ زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەۋاتقىنىمغا سەككىز ئاي بولدى، مەن بۇ چوڭ ئائىلىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. يېڭى بىر يىلدا، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، بالدۇرراق زاۋۇتتا تېخنىك ئۇستىسى بولۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن» دېدى چىمەنگۈل.

  21 ياشلىق مەريەم ئاقنىيازتۇردى زاۋۇتتا داۋاملىق ئىشچى بولۇشنى ئانچە ئويلاپ كەتمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن زاۋۇتتا تىرىشىپ تېخنىكا ئىگىلەپ، كەلگۈسىدە ئىگىلىك تىكلەپ ئۆزۈمگە تەۋە دۇكان ئاچىمەن، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىيىملەرنى تىكىمەن».

  سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، زاۋۇتتىكى كىيىم تىكىش ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىشكە باشلىدى، ئىشچىلار ئۆز ئارزۇلىرىنى دىلىغا پۈكۈپ، يېڭى بىر كۈننى باشلىدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى