قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆلۈشكە رازىكى ئەسىر بولۇشنى خالىمىغان- زېڭ رېنۋېن

2019-02-11 10:26:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

زېڭ رېنۋېن، 1906- يىلى 12- ئايدا جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىشۈي ناھىيەسى بادۇ بازىرى لەنخۇا كەنتىدە تۇغۇلغان.1927- يىلى زېڭ رېنۋېن دېھقانلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا؛ 1932- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 1933- يىلدىن كېيىن گەنجياڭ پارتىزانلار باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، قىزىل 8- جۈنتۈەن 23- تۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى بولۇپ، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىنىڭ ھەر قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى تۇرۇش كۆرىشىگە قاتناشقان.

1934- يىلى 10- ئايدا، زېڭ رېنۋېن مەركىزى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە قاتناشقان. زۇنيى يىغىنىدىن كېيىن مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى يىغىۋېلىش ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان. قىزىل ئارمىيە شىمالىي شەنشىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن زېڭ رېنۋېن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قىزىل 1- يۆنىلىش ئارمىيەسى قوغداش ئىدارىسى رازۋېدكا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، غەربىي قىسىمغا ياردەم بېرىش قوغداش بۆلىمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1937- يىلى مەملىكەت بويىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن زېڭ رېنۋېن 8- ئارمىيە ئەسكەرلەر پونكىتى دانىڭ ئەسكەرلەر پونكىتىنىڭ خاس ۋەكىلى بولغان. شۇ يىلى 12- ئايدا، 8- ئارمىيەنىڭ تەييۈەندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى سىياسىي بۆلۈمى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

1940- يىلى كۈزدە، يېڭى قاتناش لىنىيەسى ئېچىش ئۈچۈن، جىنجۇڭ تارماق ئەترىتى (تۇڭپو ئەسكەرلەر پونكىتى) قۇرۇلغان. تارماق ئەترەت باشلىقى، قوشۇمچە سىياسىي كومىسسار ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن زېڭ رېنۋېن ناھايىتى تېزلا جىنجۇڭ تارماق ئەترىتىنى ئۇرۇشقا ماھىر ھەم ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدىغان ئالاھىدە قوشۇن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۇ ئالاھىدە قوشۇن بۇ يولدىن ئۆتىدىغان رەھبەرلەر ۋە ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى بىخەتەر قوغداشتىن باشقا، يەنە كۆپ قېتىم كىچىك ئەترەت، قوراللىق خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ياپونىيە قورچاق ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەتراپتىكى قىسىملارغا ياردەم بەرگەن.

1942- يىلى ئەتىيازدا، زېڭ رېنۋېن 8- ئارمىيە باش ئىشتابى ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ مەسلىھەتچىلەر مۇدىرى بولۇپ، ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ياڭ لىسەننىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولغان. 1943- يىلى 5- ئايدا، زېڭ رېنۋېن ياڭ لىسەن ۋە ئارقا سەپ تەمىنات ئورگانلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، سەنشى خېشۇندا قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ، ياپون ئارمىيەسىگە توسۇپ زەربە بەرگەن. دۈشمەننىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن ئوق- دورا تۈگىگەنلىكتىن زېڭ رېنۋېن بىلەن ئون نەچچە جەڭچى تىك ياردىن سەكرەپ باتۇرلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 37 ياشتا ئىدى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى