قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «ئۈرۈمچىنى تېز سۈرەتلەش»  ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا بولغان دېققىتىنى قوزغىدى

2019-02-11 10:29:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

«ئۈرۈمچىنى تېز سۈرەتلەش» نەق مەيداندا رەسىم سىزىشنى تەشكىللەشنى تەشەببۇس قىلغۇچى نى گوگۇ رەسىم قەلىمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، فىلولوگىيە قىياپىتىنى سىزىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى نامايەن قىلدى. ئۇنىڭ ئەسىرى مىكرو بلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنىڭ گۈزەل شىنجاڭغا بولغان دېققىتىنى قوزغىدى.

چاغاندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرى قويۇق بايرام تۈسىگە كىردى. نى گوگۇ يەنە رەسىم قەلىمى، بوياق ماتېرىيالى ۋە رەسىم دەپتىرىنى ئېلىپ كۆكتات بازىرى، باغچا، سودا رايونى ۋە شەھەر ئەتراپىغا بېرىپ، قېرىنداش بىلەن رەسىم سىزىپ، سۇ بۇياق بىلەن رەڭ بېرىپ، 15 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزۈۋاتقان سۇ بوياق رەسىمىنى تېز سۈرئەتتە تەييارلىدى. نەپىس سىزىلغان رەسىم، ماسلاشتۇرۇپ بېرىلگەن رەڭ، خۇددىي راستەكلا كۆرۈنىدىغان ھالەت باشقىلارنى ھەيران قالدۇردى. نى گوگۇ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چاغان مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەرنى، ئۈرۈمچى چاغانلىق مال سېتىش يەرمەنكىسى، بېييۈەنچۈن توپ تارقىتىش بازىرىنى سىزدىم.

بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن نى گوگۇ شاڭخەيدە 14 يىل لايىھەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، يۇرت مېھرى تۇپەيلى، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرى مائاشلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ يۇرتى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. نى گوگۇ يۇرتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، قولىدىكى قەلىمى بىلەن بۇلارنى خاتىرىلىمەكچى بولدى. نى گوگۇ مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. شۇڭا، شىنجاڭنى بەك سېغىندىم. مەنمۇ بەزى رەسىم كۆرگەزمىلىرىنى كۆردۈم، شىنجاڭنى تېما قىلغان رەسىملەر بىرقەدەر كۆپ. مېنىڭمۇ بۇ تېمىلاردا رەسىم سىزغۇم بار ئىدى، ئەمما پۇرسەت بولمىدى. شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن شىداچئاۋ دا BRT ئاپتوبۇسىنى كۆردۈم. يەنە شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.

شۇنىڭ بىلەن نى گوگۇنىڭ ۋاقتى بولسىلا ۋېلسىپىت مىنىپ، رەسىم سىزىش قوراللىرىنى ئېلىپ چوڭ- كىچىك كوچىلارنى ئارىلايدىغان بولدى. يول بويىدىكى تىجارەتچىلەر، ئاۋات بازار، كوچىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ مانتا سېتىۋېلىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى نى گوگۇنىڭ ئىجادىيەت ماتېرىيالى بولۇپ قالدى. تىيانشان بوغدا كۆلى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، كۈسەن قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مەشھۇر مەنزىرە رايونلىرىمۇ ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ بولدى. نى گوگۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ۋەلىسپىت بىلەن مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، گۈزەل شىنجاڭ نامايەن قىلىنغان 200 نەچچە پارچە رەسىمنى ئىجاد قىلدى. ھەر بىر پارچە رەسىمگە ئۇ بىردىن قول يازمىسى يازدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگى ۋە ئۈندىدارىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە تارقىتىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، «شەھەرنى تېز سۈرەتلەش» نەق مەيداندا رەسىم سىزىش تەشكىلاتىنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار نى گوگۇنى «ئۈرۈمچىنى تېز سۈرەتلەش» نەق مەيداندا رەسىم سىزىش تەشكىلاتى قۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. 2018- يىلى 12- ئايدا، نى گوگۇ «ئۈرۈمچىنى تېز سۈرەتلەش» تەشكىلاتىنى قۇردى. ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 30 دىن ئارتۇق رەسىم ھەۋەسكارى بۇنىڭغا ئەزا بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان، تونۇشتۇرىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى. نى گوگۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كىشىلەر تەلپۈنىدىغان شۇنداقلا گۈزەل- سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىش ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەت بىلىملىرىنى ئىگىلەشتىكى ياخشى جاي. مەن يەنە «گۈزەل شىنجاڭنى قولدا سىزىش» نى چۆرىدەپ، ساياھەت قىلغاچ رەسىم سىزىپ، تېخىمۇ قىممەتلىك خام ماتېرىياللارنى قېزىپ چىقىمەن. تېخىمۇ ھەقىقىي، تېخىمۇ ساپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەسەرلەرنى يارىتىمەن. تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.

 تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى