قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ يولۇچىلارنىڭ قايتىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

2019-02-11 10:35:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ يولۇچىلارنىڭ قايتىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرى بۇنىڭغا پائال تەدبىر قوللاندى.

2-ئاينىڭ 10-كۈنى چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى. ئۈرۈمچى ۋوگزالى قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتىۋالدى. ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسى، پويىز قېتىم سانى ۋە ۋاقىت بۆلىكىگە ئاساسەن نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان خىزمەتچى خادىملارنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا پىدائىيلارنى مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان چېن بىن مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت يولۇچىلارنىڭ قايتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى. يولۇچىلار پويىز ئالمىشىشتا بىۋاستە ئارلىقتىكى پويىز كۈتۈش رايونىغا كىرىپ پويىز ساقلىسا بولىدۇ، بىز ئۇلارنى قايناق سۇ بىلەن تەمىنلەپ، يولۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە پويىز ئالمىشىشغا ياردەم بىرىمىز.

مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ 2-ئاينىڭ10-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارمۇ قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ئاپتوموبىللار يۇقىرى ئېقىمى ئاساسلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 10-كۈنى ئەڭ كۆپ كۆرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ھەربىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈك، ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونىغا نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان خەلق ساقچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تېز بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ھەر بىر يول بۆلىكىدە كاشىلا ھەل قىلىش ئاپتوموبىللىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۈرۈمچى ئايروپورتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى يولۇچىلار قايتىشىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. پۈتۈن كۈن ئۇچۇپ- قونىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 502 ئايروپىلان قېتىمغا يېتىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى ئۇچۇپ- قونغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن 14 ئى كۆپ بولدى. شىنجاڭ ئايروپورت گۇروھى ئۈرۈمچى شۆبىسى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى گو جىڭ مۇنداق دېدى: يولۇچىلارنىڭ سەپىرىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان خادىملارنى كۆپەيتىپلا قالماي، يولۇچىلارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇش ئەھۋالىنى ئازايتتۇق. قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىش پىلانى بار يولۇچىلارنىڭ ئايرودۇرۇمغا بالدۇراق كېلىشىنى ئەسكەرتىمىز.

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى