قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمىنى يىگىلى بولمايدۇ، تۇرۇپ قالغان قورۇما راك پەيدا قىلىدۇ دېيىش توغرىمۇ؟

2019-02-11 10:37:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چاغان مەزگىلىدە، ئۆيگە يېقىن دوست- بۇرادەرلەرنى تەكلىپ قىلىپ، تەييارلىغان قورۇمىلار ئېشىپ قالسا، ساقلاپ قويۇشقا توغرا كىلىدۇ. لىكىن بەزىلەر بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمىنى يىگىلى بولمايدۇ، تۇرۇپ قالغان قورۇما راك پەيدا قىلىدۇ، دېيىشىدۇ، بۇ راستمۇ؟

ئاۋۋال بىز نېمىنىڭ تۇرۇپ قالغان قورۇما ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كىرەك، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئىككىنچى قېتىم ئىسسىتىلغان قورۇمىنىڭ ھەممىسى تۇرۇپ قالغان قورۇما ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۇرۇپ قالغان قورۇمىنى بىر كېچە تۇرۇپ قالغانلىقىغا قاراپ پەرقلەندۈرۈشكە بولمايدىغان بولۇپ، ئادەتتە تۇنجى قېتىم قورۇلۇپ، ئارىلىقتا تۇرۇپ قالغان ۋاقتى 8- 10 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، بۇ بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇما ھېسابلىنىدۇ.

بەزىلەر، مىفەن نورمال تېمپىراتۇرىدا ساقلانسا، ئاسانلا باكتىرىيە ۋە زەھەرلىك ماددا پەيدا بولۇپ، ھەرقانچە يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ئىسسىتىلسىمۇ، بۇ خىل زەھەرلىك ماددىلارنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئاشقازان- ئۈچىيى ياخشى ئەمەس كىشىلەر بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى يىسە، ئاسانلا ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەل «نورمال تېمپىراتۇرىدا ساقلاش» بولۇپ، مىفەنلا ئەمەس، باشقا ھەرقانداق يىمەكلىك ياخشى ساقلانمىسا، ئوخشاشلا باكتىرىيە ۋە زەھەرلىك ماددا پەيدا بولۇپ، يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ئىسستىلغان تەقدىردىمۇ، يوقاتقىلى بولمايدۇ. بۇ قاراشلار بىزگە پەقەت يىمەكلىكنى ياخشى ساقلاش كىرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇڭا «ئىككىنچى قېتىم ئىسستىلغان مىفەن راك پەيدا قىلىدۇ» دېگەن قاراشقا ئىلمىي قاراپ، ئىشىنىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. بىزنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنىمىز بولسا، يىمەكلىكنى توغرا ئۇسۇلدا ساقلاش مەسىلىسىدۇر.

يەنە بەزىلەر، شياۋبەسەينى ئىككىنچى قېتىم ئىسستقاندا، راك پەيدا قىلغۇچى ماددا پەيدا بولىدۇ، دېيىشىدۇ، بۇ قاراش بوسەي، چىڭسەي، موگۇ قاتارلىقلارنى قايتا ئىسستىشقا بولمايدۇ، بولمىسا راك پەيدا قىلغۇچى نىترىت ماددىسىنى پەيدا قىلىدۇ، دېگەن قاراشقا ئوخشاش ئەتراپىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىككە گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئاشۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ. لىكىن، سەيلەرنى ئاشۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، دېگەن تەكلىپنى بېرىمىز، لىكىن سەيلەر ئېشىپ قالسىمۇ ھېچقىسى يوق، بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىش ھاجەتسىز.

بىزنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىمىز بولسا، «نىترىت» ماددىسى. نىترىت ماددىسىنى تەبىئەت دۇنياسىدا كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ، مەسىلەن، ئاشلىق، سەي- كۆكتات، بېلىق گۆشى، تۇخۇم تۈرلىرى، گۆش تۈرلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە نىترىت بار. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، نىترىت ئۆزى راك پەيدا قىلمايدۇ، لىكىن ئاشقازان كېسلاتاسى ئۇنى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا ئۆزگەرتىۋىتىدىغان بولۇپ، نىترىت ماددىسى ئاشقازاندا ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئىككىنچى دەرىجىلىك ئامىندا رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلىپ نىتروزامىن ھاسىل قىلىدۇ. نىتروزامىننىڭ ئۆزى رەسمىي راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، لېكىن مىقدارى كۆپ بولمىسا، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

ئۇنداقتا، چاغان مەزگىلىدە قورۇمىلارنى بەك كۆپ تەييارلىۋىتىپ، يەپ بولالماي، ئېلىپ قويۇشقا توغرا كېلىپ قالسا، قانداق قىلىش كىرەك؟

ئادەتتە سەي- كۆكتات تۈرىدىكى، سەۋزە ھەم يىلتىز تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى سەككىز سائەت ئىچىدە يەپ بولۇش، يەپ بولۇنمىغانلىرىنى تاشلىۋىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ نىترات تەركىبى تۆۋەن. شۇڭا، ئۇلار بىر كېچە تۇرۇپ قالسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ، لىكىن بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى توغرا تاللاش كىرەك. يېگىلى بولىدىغان بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمىلارنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردا بىر تەرەپ قىلساق بولىدۇ.

ئاۋۋال يىمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا سوغۇق ساقلاش لازىم. چۈنكى، توڭلاتقۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، باكتىرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، نىترىت ماددىسىنىڭ پەيدا بولىشىنى ئازايتىدۇ. ئاندىن تاماق، قورۇما ۋە شورپىلارنى ساقلىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى ئايرىپ قاچىلاش كىرەك. ئەگەر ئالدىنقى كۈنى ئېشىپ قالغان تاماقنى خىزمەتكە ئېلىپ كېتىپ يىمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا تاماقنى يەيدىغان ۋاقىتتا ئايرىماي، يېيىشتىن ئاۋۋال ئىككىنچى كۈنى يىمەكچى بولغان تاماق مىقدارىنى ئايرىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى مايلىق، سۇلۇق قورۇمىلار باكتىرىيەنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، شۇڭا ئۈچ خىل يىمەكلىكنى ئايرىپ قاچىلاش لازىم. ئەگەر قورۇما بەك مايلىق بولسا، ئۇنىڭدىكى ماينى ساقىتىۋىتىپ، ئاندىن قاچىلاش كىرەك.

كېلەر قېتىم يېيىشتىن ئاۋال، تاماقنى چوقۇم تولۇق ئىسسىتىش لازىم. تولۇق ئىسسىتىش دېگەنلىك، قورۇمىنى 3 مىنۇتتىن ئارتۇق قاينىتىپ، قورۇمىنىڭ ئىچىدىن سىرتىغىچە تولۇق ئىسسىشىغا كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلىك. يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارغا سېلىشتۇرغاندا، ياڭيۇ، سەۋزە، چەيزە قاتارلىقلار ئىككىنچى قېتىم ئىسسىتىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. لېكىن، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قورۇمىنى كۆپ قېتىم ئىسسىتماسلىق، ئىككىنچى قېتىم ئىسسىتقاندا، ئۆزىنىڭ يېيىشىگە يېتىدىغان مىقداردىكى قورۇمىنى ئىسسىتىش كىرەك.

ساقلاش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلغاندىلا، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمىلارنىمۇ يېگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار راك پەيدا قىلمايدۇ. ئەمما، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمىلارنى يەنىلا ئاز يېيىش لازىم. چۈنكى، مەيلى ئوزۇقلۇق مىقدارى ياكى تەمى جەھەتتە بولسۇن، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇما يېڭى قورۇمىغا ئوخشىمايدۇ. كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان ـ ئۈچەي يولى ئىقتىدارى ئاجىز. شۇڭا، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان قورۇمىنى ئۇزۇن مەزگىل يېمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى