قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتىكى قۇيۇق چاغان كەيپىياتى

2019-02-11 10:44:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چاغاندا كەنت ئاھالىلىرى جۇۋاۋا تۈگۈپ، «بەخت» خېتى سوۋغا قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشتى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى، نامراتلارنى يۆلەش 1- شۇجىلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە چاغاننى قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئەمدى بىز ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ چاغانلىق پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

قۇتلۇق ئىت يىلىنى ئۇزۇتۇپ، باي- باياشاتلىققا چۆمگەن ئالتۇن چوشقا يىلىنى كۈتۈۋالدى. مۇشۇ ئاينىڭ ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «چاغاننى كۈتۈۋېلىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، تەرەققىياتنى سۆزلەش» تېمىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىردەك بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، تۇغقانلاشقان كادىرلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ يېڭى يىلنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ئەخمەت روزى «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېھىر- شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتتى.

ئېسىل نومۇرلار بىر- بىرلەپ ئورۇنلىنىپ، چاغان-- يېڭى مەزمۇن، يېڭى سەھىپىلەر مۇجەسسەملەنگەن مول ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكىگە ئايلاندى.

جۇشقۇن ئۇسسۇل، يېقىملىق مېلودىيە كىشىلەرنى مەپتۇن قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى تەييارلىغان «ھاراقكەشنىڭ ئۆزگىرىشى» ناملىق ئىتوتتا خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن كېيىنكى كەنتتىكى يېڭى كەيپىيات ۋە يېڭى قىياپەت نامايەن قىلىندى. يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنى، 61 ياشلىق بوۋاي ئەخمەت روزى «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنى ئېيتتى.

ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھور چىقىپ تۇرغان جۇۋاۋا جوزىغا چىقىرىلدى، كۆپچىلىك خۇشال ھالدا ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تۈگكەن «جەم بولۇش جۇۋاۋىسى» غا ئېغىز تىگىپ، قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈ جىدۇڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ 1- سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2018- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلىرى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ساداقەت ۋە زىممىسىگە ئېلىش روھى؛ نەتىجىسى ئارقىلىق جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى ئىسپاتلىدى.

2019- يىلى بارلىق كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئېسىل خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلاپ، جاسارەت بىلەن يەڭنى تۈرۈپ، دادىللىق بىلەن قول سېلىپ، ئەمەلىي، جاپالىق ئىشلەپ، تەشكىلگە لاياقەتلىك جاۋاب بېرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى