قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇششارباش بازىرى ياربېشى كەنتىدە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2019-02-11 11:09:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇششارباش بازىرى ياربېشى كەنتىدە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

باشلانما ئۇسسۇل «جۇڭگو گۈزەللىكى» نەق مەيداندا خۇشاللىق كەيپىياتى ياراتتى، «ياخشى كۈن» ناملىق يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى بىلەن «ياخشى كۈن»، «جۇڭگو گۈزەللىكى»، «چاغان شادلىقى» قاتارلىق خەت شەكىللىرىنى نامايەن قىلىپ، يار بېشى كەنتىدىكى ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى تولۇق نامايان قىلىندى.

يەنە شار دەسسەش، ئورۇندۇق تالىشىش قاتارلىق كىچىك ئويۇنلار ۋە ئارقان تارتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

كەنت مەيدانىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەيتتى، خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت» كادىرلىرى، ئەدەبىيات- سەنەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كوللېكتىپ خورىدا، يار بېشى كەنتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش جاسارىتىنى ئىپادىلىدى.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى