قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەش ئۇنىڭغا روھى كۈچ ئاتا قىلدى

2019-02-11 11:17:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2011- يىلى 2- ئايدا، رېئاز ساتتار مورى ناھىيە بوستان يېزىسى سەنگىچۈەنزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، چىن ھىسىياتى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئىلگىرىكى چەت، قاقاس بىر كىچىك كەنتنى بۈگۈنكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان مەدەنىي، بەختلىك كەنتكە ئايلاندۇردى.

كەنتىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بەنزە قۇرۇلۇشى چوقۇم كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. رېئاز كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە سەنگىچۈەنزى كەنتىدە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى ئاجىز، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى ئۇمۇمىيۈزلۈك مەۋجۈت بولۇپ، ئاممىنىڭ پىكرىمۇ كۆپ ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، رېئاز ئوي پىكىرىنى رەتلەپ، تۈرلۈك قائىدە- تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كادىرلارنىڭ قەرەللىك نەزەرىيە ئۆگىنىشى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتتى، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ۋە ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش جەريانىدا كەنت كادىرلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

رېئاز يەنە خىزمەتلەرنى مىقدارلاشتۇرۇش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بەنزە قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەنزە ئەزالىرىدىن گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئىش تەقسىم قىلىپ، «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» ۋە «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» قاتارلىق كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى ئۈستەلدە ئىشلەش، ئىقتىدارنى ئەمەلىيەت داۋامىدا گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلارنىڭ ئىشلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

«رې شۇجىنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك، چارىسى كۆپ، ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن خىزمەت ئىقتىدارىم زور دەرىجىدە ئۆسۈپلا قالماي، خىزمەت ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ. ھازىر بەنزىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى كۈچەيدى، ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى، رې شۇجى بىزنىڭ كەنت كادىرلىرىنىڭ <ھەقىقىي ئۆگىنىش ئۈلگىسى>» دېدى، كەنت كادىرى ما خەييەن خۇشال ھالدا.

سۆزلەشتىنىلا ئىبارەت قۇرۇق شەكىلنى قوللانماي، ئىشلەش بىلەن سۆزلەش ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەندە ئاندىن مۇكەممەللەشكەن بولىدۇ. بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، رېئاز كەنت «ئىككى كومىتېت» نى يېتەكلەپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «1+3» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىش ئورنى، مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ياردەم بېرىش، يۆلەش پائالىيەتلىرىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، قەلىبلەرنى ئويۇشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تۆمۈر ھاياجانلانغان ھالدا: «رې شۇجىنىڭ كىبىرى يوق، خىزمەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بەنزىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى كۈچەيدى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدار ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى» دېدى.

سەنگىچۈەنزى كەنتى چەت، يىراققا جايلاشقان، قاتنىشى قولايسىز بولۇپ، ئۇچۇر- ئالاقە ئىشلىرىمۇ راۋان ئەمەس ئىدى، كەنت ئاھالىلىرى كىرىم قىلىشتا ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىققا تايانغاچقا، كىرىم مەنبەسى يەككە ئىدى.

رېئاز كەنت «ئىككى كومىتېتى» نى يېتەكلەپ سۆھبەتلىشىپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، ھەمدە كۆپ قېتىم سىرتلارغا چىقىپ تەجىرىبە ئۆگەندى، ئەڭ ئاخىرىدا «بىرىنچى كەسىپنى مۇقىملاشتۇرۇش، 3- كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» تىن ئىبارەت تەپەككۇر يولى بويىچە، ئوت- چۆپ تېرىش، كالا- قوي بورداش ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بىر باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئىككى بىناكارلىق قۇرۇلۇش كوپىراتىپى، بىر ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، كەنت بويىچە باقمىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش ۋە بىناكارلىق ئەترىتىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاھالىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

رېئاز يەنە «سىرتتىن كىرگۈزۈش، سىرتقا چىقىرىش» ئارقىلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن بىر تۈركۈم كەسىپلەرنى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنى «بىرگە بىر ياردەم بېرىش» ئۇسۇلدا بېلىقچىلىق سايمانلىرىنى ھۈنەر- سەنئەتلىك ياساش بويىچە تەربىيەلەپ، قۇرۇلۇش قىلىش جەھەتتە تېخنىكىسى بار بىر تۈركۈم كەنت ئاھالىسىنى قولمۇ- قول تەربىيەلەپ بىر تۈركۈم كىشىلەرنى سرتقا چىقىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەنگەن كەسپى ئىشچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلەشكە بولغان كۆز- قارىشىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2016- يىلى رېئاز كەنتكە شېنجىن «ياجىيادا» بېلىقچىلىق سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى كىرگۈزۈپ، كەنتتىكى ئائىلىسىدە بىكار تۇرىۋاتقان ئاياللارنى زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەشكە جەلىپ قىلىپ، بېلىق قارمىقى ئىشلەپچىقىرىش ۋە يەمچۈك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتىكى 96 ئائىلىدىكى 112 كىشى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىشى بېشى كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. كەنت ئاھالىسى رىزانەم روزى خۇشال ھالدا: «ئىلگىرى بىرەر ئارتۇقچىلىقىم بولمىغاچقا، مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغان ئىدىم، كەنتتە ئويۇشتۇرۇلغان بېلىقچىلىق سايمانلىرى ھۈنەر- سەنئىتى بويىچە <بىرگە بىر> تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىش نەتىجىسىدە، ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىلا بېلىقچىلىق سايمانلىرى ئىشلەش زاۋۇتىدا ئىشلىدىم، ھەر ئايدا 2 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىۋاتىمەن» دېدى.

رېئاز تەرەققىيات تەپەككۈرىنى تەڭشەش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىش نەتىجىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سەنگىچۈەنزى كەنتىنى بىراقلا يېزا بويىچە داڭقى بار كەنتكە ئايلاندۇردى.

«ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ھەر بىر ئادەمنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار». رېئاز دائىم مۇشۇ بىر جۈملە سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى، ئۆزىمۇ ھەم باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ تۇراتتى.

كەنت ئاھالىسى لى گۇيجېن گەنسۇلۇق بولۇپ، سەنگىچۈەنزى كەنتىگە كەلگىنىگە كۆپ يىل بولغان ئىدى، دەسلەپتە ئۇ قوشنىلىرى بىلەن ناھايىتى ئاز ئالاقە قىلاتتى. رېئاز بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، كۆپ قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى كەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، ھازىر ئۇ كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، ناھايىتى تېزلا شۇ جاينىڭ تۇرمۇشىغا چۇڭقۇر سىڭىپ كەتتى. «كۆپ يىللاردىن بۇيان، رې شۇجى دېگەنلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، بىزنىڭ قىلالمايمەن دېيىشكە باھانىمىز يوق، بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، بۇنداق بولغانىكەن بىر ئائىلە كىشىلىرى چۇقۇم قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك» دېدى، لى گۇيجېن.

ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، رېئاز مەبلەغ توپلاپ سۇپا ھازىرلاپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكى ياڭگىر ئۇسسۇلى ئەترىتى، مەشرەپ ئەترىتى، دۇمباق ئەترىتى، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ئەتىرىتىگە ئويۇن قويۇش كىيىمى، يەلپۈگۈچ، ياڭراتقۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى ھەمدە يېڭى يىل، چاغان قاتارلىق مۇھىم بايراملاردا كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياڭگىر ئۇسسۇلى، مەشرەپ ئوينىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

«ھازىر كەنتتە مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى بار بولدى، رې شۇجى ئويۇن قويۇش ئەسلىھەلىرىنىمۇ تولۇقلاپ بەردى، بىكار- بوش ۋاقىتلاردا كەنت كومىتېتىغا بېرىپ ئۇسسۇل ئوينايمىز، مەن ئۇلارغا گۈل ناخشىسىنى ئۆگىتىمەن، ئۇلار ماڭا ياڭگىر ئۇسسۇلى ۋە مەشرەپنى ئۆگىتىدۇ، كۆپچىلىك ھەر كۈنى ھەر خىل مەدەنىي، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كۈنلىرىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزگەچكە، قەلبىمۇ شۇنداق گۈزەل» دېدى، كەنت ئاھالىسى ما جىنخۇا بەختكە چۆمگەن ھالدا.

سەككىز يىلدىن بۇيان رېئازنىڭ ئاياق ئىزى سەنگىچۈەنزى كەنتىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قالدى، جاپالىق قان- تەرى كەنتنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كەتتى. ئۇ كەنتكە رىشتە باغلاپ، ئامما بىلەن قەلىبداش بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى جەۋلان قىلماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى