قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋاقىت بىلەن بەسلەشكۈچى <ئاسىيادىكى ئۇچقۇر ئادەم>ـــ شې جېنيې

2019-02-11 17:17:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بېسىم ياراتقان «دۇنيا رېكورتى».

شيې جېنيې جۇڭگو قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرى ئىچىدە يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار تەنھەركەتچى. ئۇ سۇ بىڭتيەن، جاڭ پېيمىڭلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشىدىكى «ئۈچ كوزىر» دەپ قارالماقتا. ئۈچ ئادەم ئىچىدە، سۇ بىڭتيەننىڭ مەيلى مەشىق نەتىجىسى ياكى تەنھەركەت تارىخى جەھەتتىن بولسۇن ھەممىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، كوماندىدىكى «ئۇستاز» دەپ قارىلىدۇ، شيې جېنيې مەشىق جەريانىدا ئىزچىل «ئۇستاز» غا قاراپ ئۆگىنىپ، «ئۇستاز» نىڭ ئەلا نەتىجىسى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جاپالىق مەشىقىگە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە.

شيې جېنيې ئەقىللىق تەنھەركەتچى بولۇپ، ئادەتتە ۋاقتى بولسىلا ماھارەت ئىگىلىدى، ئۆزىنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بىر يۈرۈش ئۆزگىچە يۈگۈرۈش تەرتىپىنى ئويلاپ چىقتى، ھەر قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋالدى. باشلىنىش باسقۇچىدا، ئارىلىقتا قانداق قىلىدۇ، ھالقىلىق پەيتتە قانداق قىلىش كېرەك، مەيلى مۇسابىقىدە قانداق ئەھۋال يۈز بەرسۇن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىكىتكەن بۇ بىر يۈرۈش تەرتىپنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

كۈچ سەرپ قىلىپ ھەم ماھارەتكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، شيې جېنيېنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا نەتىجىسى ئىزچىل مۇقىم ئۆرلىدى. چۈنكى، «ئۇستاز» سۇ بىڭتەن بىلەن بىللە مەشىق قىلغاچقا، شيې جېنيې ھەر كۈنى سۇ بىڭتيەننىڭ ئالغا باسقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. سۇ بىڭتيەن 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ يۇجىن بېكىتىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا جەمىيىتىنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تاللاش ئۆلچىمى بويىچە، ھەر بىر مۇسابىقە تۈرىگە پەقەت ئىككى سان بولۇپ، بۇنىڭدىن شيې جېنيې ئىنتايىن بېسىم ھېس قىلغان ئىدى. ئۇ ئېشىپ قالغان ساننى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە «ئۇستازى» بىلەن بىللە جەڭ قىلماقچى بولۇپ، تېخىمۇ كۈچەپ مەشىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ: «ئۇستازىم 60 مېتىرلىق مۇسابىقىدە نۇرغۇن قېتىم رىكورتلارنى يېڭىلىدى، ئۇنىڭ مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئىپادىگە ئېرىشكەنلىكىگە ھەۋەس قىلاتتىم، كەلگۈسىدە خەلقئارا سەھنىدە ئۆز ئىپادەمنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. شۇڭا، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بېسىمىم ئىنتايىن ئېغىر بولدى. ئادەم كۆپ ۋاقىتتا، نەتىجە بېسىم ئارقىلىق يارىتىلىدۇ» دېدى.

ۋاقىت ۋە سۈرەت مەڭگۈلۈك رەقىب.

چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشقاندا، سىنايدىغىنى ماھىرلارنىڭ تېخنىكىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، يەنىلا ئۇلارنىڭ پىسخىك ساپاسى. نۇرغۇن ماھىرلار ئۆز تەۋەلىكىدە يۈرگەندە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاسان جارى قىلدۇرالىشى مۇمكىن، ئەمما، كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىسىلا، ھەسسىلەپ بېسىم ھېس قىلىدۇ. ھالقىلىق پەيتتە قىلغان ئەجرى بىكارغا كېتىشىمۇ مۇمكىن. شې جېنيې بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىگە نەزەر دائىرىسىنى يىراققا قارىتىش، روھىي ھالىتىنى تەڭشەش، بىر دەملىك نەتىجە ياكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىق ھەم ئۆزىنىڭ نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋېلىشنى ئىزچىل ئەسكەرتىپ تۇردى.

2017- يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شيې جېنيې ئۆزى يالغۇز 100 مېتىر، 200 مېتىر ۋە كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، جۇڭگودىكى «بولت» دېگەن نامغا ئېرىشتى. بۇ تارتىنچاق، زىنىقى ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان يىگىت بىر كېچىدىلا توردىكى چولپانغا ئايلاندى، دەسلەپتە شې جېنيې ئۆزىنىڭ ئەرلەر ئىچىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تۇنجى ماھىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ چىن كۆڭلىدىن ئۆزىدىن پەخىرلەندى. ئەمما، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئەستايىدىللىق بىلەن مەشىققە كىرىشىپ، بۇرۇنقى نەتىجىلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويدى. ئۇ: «بەزىلەر مېنى روھىي ھالىتى ياخشى، كىشىلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارى مەركەزلەشكەن ئەھۋالدىمۇ، خاتىرجەم مەشىق قىلىدۇ دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ نىشانىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قارايمىز. ئەگەر، نىشانىڭىز مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولسا، بەلكىم باشقا ئىنتىلىشىڭىز قالمىغان بولىشى مۇمكىن. لېكىن، مېنىڭ نىشانىم كۆپرەك دۇنيا مۇسابىقە مەيدانلىرىدا، ئالدىنقى قاتاردىكى ماھىرلارنى قوغلىشىش. شۇڭا، روھىي ھالەتنى توغرىلاش، ئازراق نەتىجىگە ئېرىشىپلا ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويماسلىقىم كېرەك» دېدى.

شيې جېنيې توققۇز سېكونت 97 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىدا ئىسمى- جىسمىغا لايىق «ئۇچار ئادەم» بولۇپ قالدى. ئەمما، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچار پۇت، ئاسىيا ئۇچار ئادىمى ئەمەس، بەلكى «مەڭگۈلۈك ئىز قوغلىغۇچى» دەپ بېكىتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىزچىل رىقابەت ئىچىدە تۇرۇۋاتىمەن، سىرتتىكىلەر دائىم مېنىڭ سۇ بىڭتيەن بىلەن بولغان رىقابىتىمنى «جەۋزا يۇلتۇزى» لىقلارنىڭ رىقابىتى دەپ ئاتايدۇ، يەنە بەزىلەر مېنىڭ ياپونىيە ماھىرى كىريۇ شياڭشيۇ بىلەن بولغان رىقابىتىمنى <جۇڭگو- ياپونىيە رىقابىتى> ياكى ئاسىيا ماھىرى بىلەن ياۋروپا ماھىرلىرىنىنىڭ مۇسابىقىلىشىشىنى <ئېرقىي بەسلىشىش> دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە بۇ خىل رىقابەتنى گەۋدىلەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق». ئادەتتە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا شيې جېنيېمۇ دائىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشتا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ياپونىيە بىلەن رىقابەتلىشىپلا قالماي، نەزەر دائىرىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىمىز كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كىريۇ شياڭشيۇنى يېڭىۋالغان تەقدىردىمۇ، نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن، بۇنىڭ بىلەنلا دۇنيادا بىر كىشىلىك ئورۇن ئېگىلىگەن بولامدۇق؟ ئەگەر دۇنيا قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشتە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان بولساق، كىريۇ شياڭشيۇدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟» دەيتتى.

شيې جېنيېنىڭ كۆڭلىدە، ۋاقىت ۋە سۈرەتلا ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك رەقىبى ئىدى. ئۇنىڭ قوغلاۋاتقىنى ئاكىسى سۇ بىڭتيەن، كىريۇ شېڭشياڭ ياكى مەلۇم بىر ماھىر ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ياخشى ئۆزى. بۇ خىل قوغلاش ئۇنى ھاياجانغا سالاتتى. ئۇ دائىم: «باشقىلار بىلەن يۈگۈرۈشتە بەسلىشىمىز دېگەندىن كۆرە، ھەممىمىز ۋاقىت بىلەن بەسلىشىمىز دېگەن تۈزۈك. ماھىرلار بىلەن توختىماي سۈركىلىش قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ئاجىز تەرىپىنى بايقىغىلى، مەسىلىنى بايقاپ، ئۇنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەيلى قانداق رىقابەت بولسۇن، ماڭا ياردىمى بولسىلا، مەن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن» دەيتتى.

تاماق ئېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان «تەنھەركەتچى».

شې جېنيېنىڭ «تەنھەركەتچى» بولغاندىن باشقا، يەنە جېجياڭ داشۆسىنىڭ تەنھەرىكەت پىسخولوگىيە كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىق سالاھىتى بار. گەرچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئىككىنچى يىلىغا قەدەم قويغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا سىرتتا مەشىق قىلغاچقا ياكى مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغاچقا، ئۇنىڭ ئاسپىرانتلىق دەرىسلىكلىرىنىڭ بەزىلىرىنى تېخى ئوقۇپ بولالمىغان ئىدى. شۇڭا، ئادەتتە ۋاقتى چىقسىلا دەرسلىك كىتابلىرىنى ئېلىپ كېلىپ تولۇقلايتتى، ھەتتا ياۋروپاغا بېرىپ مەشىق قىلغاندىمۇ، بىر دۆۋە دەرسلىكنى يۈك- تاقلىرى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ بارغان ئىدى. «ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنگەن ياخشى، بولمىسا بارغانسېرى ئارقىدا قالىدىغان گەپ» دەيتتى ئۇ.

شيې جېنيې ھەر قېتىم چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، قىسقىغىنا دەم ئېلىشقا ئېرىشەتتى، بۇ ۋاقىتتا ئۇ دائىم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مەكتەپكە قايتىپ كېلەتتى. ئۇنىڭ ياتىقى خاڭجۇ شەھرىنىڭ شياۋشەندە، سىنىپى جېجياڭدىكى زىجىن پورتى مەكتەپ رايونىدا بولۇپ، ھەر قېتىملىق دەرستكە بېرىش ئۈچۈن خاڭجۇنىڭ يېرىمىنى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، ئەمما شيې جېنيې خۇشاللىق بىلەن قاتناپ ئوقۇيتتى. ھەر قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ مەشىق قىلغاندا، ئۇ خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېلىۋىلىپ ئىلمىي ماقالە يازاتتى. مەسىلىگە يولۇققاندا ئۇستازى ۋە ساۋاقداشلىرىدىن مەسلىھەت سورايتتى. نۇرغۇن ساۋاقداشلار: «ئۇ بەك چىقىشقاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشەنمىگەن مەسىلىلەرگە يولۇقسا چۈشەنگىچە سورايدۇ، ئازراقمۇ چېمپىيونلۇق كىبىرى يوق» دېيىشىدۇ.

شيې جېنيې دەرسنى چىڭ تۇتقاندىن باشقا يەنە كەم- كۈتىسىز ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئەر. ئادەتتە ئۇنىڭ كۈنلىرى مەشىق مەيدانى، سىنىپ ۋە ياتاق ئارلىقىدا ئۆتىدۇ، ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى ئىش يوق چاغلاردا ياتاقتا ئولتۇرۇش. ئۇ دائىم ئۆزىنى بەك ھورۇن، سىرتلارغا چىقىپ تاماق يېيىشكە ئېرىنگەچكە، تاماق ئېتىشكە قىزىققان دەپ قارايدۇ. «تەنھەرىكەتچى بولغاچقا، كوماندا يېمەك- ئېچمەككە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ئادەتتە مەن سىرتتا تاماق يېمەيمەن ھەم تەييار چۆپنى ئاز يەيمەن، لېكىن قوساققا ئامراق، نېمە يېگۈم كەلسە شۇنى ئېتىمەن، دائىم ئەتكەچكە، ئاشپەزلىك ھۈنىرىممۇ ئۆسۈپ قالغاندەك قىلىدۇ» دەيتتى ئۇ.

چەت ئەلدە يىغىلىپ مەشىق قىلغاندا، شيې جېنيېنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرى ئاخىر ئەسقاتتى. چەت ئەلنىڭ يېمەك- ئېچمىكى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ھەر قېتىم مەشىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن قورسىقى ئېچىپ كەتكەندە، چۈشلۈك تاماق يېيىشتىن غەم قىلاتتى. بۇ چاغدا شې جېنيې ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، كوماندا ئەزالىرىغا تاماق ئېتىپ بېرەتتى، گەرچە ئاددىي سوۋميەن، سۇيقاش قاتارلىق تائاملار بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تاماقتىن ناھايىتى رازى ئىدى. يەنە چاقچاق قىلىپ شيې جېنيېنى تولىمۇ «ئىشچان»، ھەم مۇسابىقە مەيدانىغا ھەم ئاشخانىغا كىرەلەيدۇ دەپ ماختىشاتتى. شيې جىنيې بۇ گەپلارنى ئاڭلىغاندا تولىمۇ خۇشال بولۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ھىس قىلىشىچە، كۆپچىلىكنىڭ ئىشتاھا بىلەن يىگىنىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ تامىقىغا بەرگەن ئەڭ ياخشى باھا ئىدى. گەرچە تاماق ئېتىش جاپالىق ئىش بولسىمۇ، لېكىن جاپالىق مەشققە نىسبەتەن، تۇرمۇشنى رەڭدارلاشتۇرىدىغان تەم قوشقۇچ بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ ھوزۇرلىناتتى.

شيې جېنيې گەرچە تۇرمۇشتا ناھايىتى ئەركىن بولسىمۇ، مەشىق مەيدانىغا بارغاندا، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ھاياتىي كۈچكە تولاتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنىڭ يېتەكچى تېرىنىرى تاۋ ترېنېر نەۋرىلىك بولغان بولسىمۇ، تەنھەرىكەت مەيدانىدا، مەشىق قىلغاندا كوماندا ئەزالىرى بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ، قىلچە بوشىشىپ باقماپتۇ. شۇڭا، ئۆزى ياش تۇرۇپ، جان تىكىپ مەشىق قىلماسلىققا ھىچ قانداق ئاساسى يوق ئىكەن.

شيې جېنيې كەلگۈسى توغرىسىدا كۆپ پىلان تۈزۈپ باقماپتۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرنى پۇختا، ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ھەر بىر نۆۋەتتىكى ئەڭ قالتىس ئۆزىنى ياراتقاندا، كەلگۈسى چوقۇم ياخشى بولىدىكەن. ئۆزىمۇ شامالغا قارشى ئېتىلىپ، ۋاقىت قوغلىشىدىغان ئادەمگە ئايلىنالايدىكەن.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى