قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«گاۋشيەن ناھىيەسىدە ياشاش»

2019-02-11 17:18:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گاۋشيەن ناھىيەسىگە نىسبەتەن، پەقەت بۇ ناھىيەنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىن شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقانلىقىنىلا بىلەتتىم. يەر نامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەر شەكلىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، قىزىقىشى كۈچلۈك كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنداق چەت جاي ئەكسىچە، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئايرۇپىلان ئالمىشىشقا توغرا كەلگەچكە، تاڭ يورۇماستىنلا ئايرۇدۇرۇمغا ماڭدىم، ئەمما ئىشكتىن چىقىشىمغىلا قاتتىق تۇمانغا يولۇقتۇم. كۆرۈش ئارلىقى بەش مېتر ئەتراپىدا ئىدى، نەتىجىدە نۆۋەتچى ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىق ئەكسىچە، مېنىڭ ئىرادەمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىن ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلىتىنى زاكاز قىلدىم. سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشتا نۇرغۇن خۇشاللىقلار بار، ئۇلارنىڭ بىرى، كىچىككىنە كۈتۈلمىگەن ۋەقەگە يولۇقۇش. بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭدىن ئۇچۇپ ئايروپىلان ئالمىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەسلىدىكى ئەگرى- توقايلىقلار ئاددىي غەلىبىگە ئايلانغان ئىدى. مەن ئايرودرومدا ئۆزۈمگە بىر خەتكۈچ قاتلاپ قويدۇم، ئىچىگە ۋاڭ جېن بىلەن لى خېنىڭ: «كىم بىلسۇن، چوڭ زاھىدنىڭ نە سەۋەپ گاۋجۇغا پالانغانلىقىنى» دېگەن مسىرالىرىنى يېزىپ قويدۇم. مەن گاۋشەن ناھىيەسىگە پالانغان ئەمەس. بەلكى ئۇ يەرگە ياخشى يېمەكلىكلەردىن ھوزۇرلانغىلى ماڭغان ئىدىم.

گاۋشيەن ناھىيە بازىرى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ بىرىنجى تارماق ئېقىنى بولغان ليۇنەن دەرياسى بويىدا بولۇپ، تيەنجىنگە ئوخشاش، يېقىملىق كۆرۈنەتتى. بۇ يەرنىڭ يېمەكلىكلىرى چۇڭچىڭنىڭكىدەك ئاچچىق ئەمەس، مەن ئۈچۈن تولىمۇ مەزىلىك ئىدى. ئىككىنچى كۈنى مەن كېجيۇ بازىرىغا بېرىپ، بەنبيەن بۇتخانىسىدىكى قىيا ھەيكەللىرىنى كۆردۈم. چۈشلۈك تاماقتا، «بامبۇك تۇخۇم» دېگەن غەلىتە تاماققا ئېغىز تەگدىم. مەن تۇغۇلغان تيەنجىندە يوقىلىپ كەتكەن «سىم تورلۇق دېرىزە ئالدىدىكى ئاي» دېگەن بىر داڭلىق قورۇما بار، ئۇ چاسا شەكىللىك بامبۇك ياپراقچىسى بىلەن يۇمىلاق قىزىل پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدا قورىلىدىغان قورۇما بولۇپ، بىر نەچچە تال يۇمغاقسۈتنى سېلىپ زىننەتلەپ قويايتتى. بۇ قورۇما، «سىم تورلۇق دېرىزە ئالدىدىكى ئاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ بامبۇك موگۇسى تۇخۇمى ئىدى. يەنى بامبۇك موگۇ سپوراسى قۇرۇپ كەتكەن بامبۇك يىلتىزىغا چۈشىدۇ، يۇقىرى تېمپىراتۇرا، يۇقىرى نەملىكتە سپورا ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، سانسىزلىغان زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى تۇخۇم شەكلىدىكى زەمبۇرۇغ غۇنچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئىككىنچى كۈنى، توختاڭ، ئىككىنچى كۈنى، زەمبۇرۇغ غۇنچىسى بامبۇكقا ئايلىنىپ كېتىدۇ، دېمەك، ئۇنى ئۆزگىرىشتىن بۇرۇن تۇپراقتىن ئېلىپ، بامبۇك سۈيىگە چىلاپ ساقلىنىدۇ، ئاندىن دۈملەپ پىشۇرۇلغان بامبۇك موگۇسى تۇخۇمىغا ئايلىنىدۇ. بۇ قورۇمىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى، سۈيى يېپىشقاق، بۇ بامبۇك موگۇسى تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدىكى يىلىمسىمان ماددا ئىكەن. بەزىلەر: «بامبۇك موگۇ تۇخۇمىنى مۇشۇنداق ئىشلىتىش، ئەجەبا بامبۇك بايلىقىنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمامدۇ؟» دەپ ئويلىشى مۈمكىن. مەن مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن سىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرەلەيمەنكى، سىچۈەننىڭ جەنۇبىي رايونىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بامبۇكزارلىق بار، گاۋشيەن ناھىيەسىدىكى بامبۇكزارلىقتىكى سان- ساناقسىز بامبۇك تۇخۇملىرى بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە بايلىقى. يەنە شۇنىمۇ سەمىڭىزگە سالاي، مەھسۇلات ئازراق، ساقلاش بەك تەس بولغاچقا، بۇ يەردىن ئايرىلساق، بامبۇك موگۇسى تۇخۇمنى يېگىلى بولمايدۇ.

گاۋشيەن ناھىيەسىدە ناھايىتى داڭلىق «شاخې دۇفۇ كوچىسى» بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار دۇفۇدىن نەچچە مىڭ خىل قورۇما چىقىرالايدىكەن، كەچلىك تاماقتا شۇ يەرگە بېرىپ دۇفۇ يەيدىكەن. ئەپسۇس، مەن بارالمىدىم، چۈنكى شۇ كۈنى كەچتە گاۋشيەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىم بار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردۈم، ئىچىدە ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەرلەر بار ئىدى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە سەنئەت كەسپىگە ئىمتىھان بېرىدىغان بولغاچقا، مەكتەپ دائىم ئوقۇغۇچىلار ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆيى تاغدا بولۇپ، مەكتەپتە ياتىدىكەن. مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ پاك تەسەۋۇرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنياغا بولغان تونۇشى ناھايىتى چەكلىك، لېكىن ئۇلار ھەقىقەتەن جاسارەتلىك بولۇپ، كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدىكەن. مەن ئۆز تەجرىبەمگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى بويىچە دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئۈستىدە، نېمىنى ئاڭلاش، قانداق ئاڭلاش توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدىم. شۇ چاغدا مەن بالىلارغا ياردەم بېرىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، بالىلارنىڭ قانچىلىك چۈشىنىدىغانلىقى، قانچىلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، كەچلىك تاماق ۋاقتىدا مەنمۇ بىر تىل مەسىلىسىگە يولۇقتۇم.

كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى بىر قانچە كەسىپداشلار ماڭا «يائېربا» ئىسىملىك بىر خىل پېچىنە- پىرەنىكنى تەۋسىيە قىلدى. «با» دېگەن نامدىكى بىر قانچە يېمەكلىك ئىسمىنى بىلەتتىم، لېكىن بىر نەچچە يەرلىك دوستلارنىڭ «با» دېگەن بۇ سۆزنى شۇنچە جانلىق قوللانغانلىقىنى كۆرۈپ، مەندە ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۇلار ماڭا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېن فېڭجەننىڭ «يەرلىك شىۋە توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدىكى ئىككى مىسالنى كەلتۈرۈپ بەردى. ئۇلار شۇنچىلىك راۋان سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەن چۈشىنەلمىدىم. قەغەزگە يازغان تەقدىردىمۇ، مەن پەقەت ئالدىنقى تۆت خەتنىلا چۈشەندىم، باشقا مەزمۇنلارنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ چۈنلىيەنگە كىرەمدۇ؟ ئۇلار بۇنى «ئىنتايىن ئۆلچەملىك چۈنلىيەن» دېدى. لېكىن ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويماي، ئاستا- ئاستا ئويلاپ چۈشىنىشمنى ئېيتتى. ئىككىنچى مىسال ئاددىيراق بولۇپ، «ھەمكارلىق جاندىن ئەزىز، چۆمۈچتىكى سۇ بىلەن قاندۇرالماس زىرائەتلەرنى» ئىدى. مەن بۇ دۈيليەننى چۈشىنىش ئاسانكەن دېسەم، دوستلار كۈلۈپلا قويدى. شۇنىڭ بىلەن، كېيىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا مەندە گۇمان پەيدا بولدى. بۈگۈن كەچ مەن گاۋشيەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئالغاچ بارغان بۇ بىر چۆمۈچ سۇ بىلەن يەنى ئۆزۈم يەكۈنلىگەن ئۆگىنىش ئۇسۇلۇمدىن ساۋاقداشلارنى تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى ئويلىدىم. ئەمما، مەن ئېنىق سۆزلىيەلدىممۇ؟ ئەگەر چۈشەنمىگەن بولسا، ئۇنداقتا راستتىنلا «سۇيى يوق چۆمۈچ» بولۇپ قالىدۇ- دە. تىل قەدىمدىن تارتىپ ھەل قىلىش تەس بولغان مەسىلە، مەن گاڭگىراپ قالغان ئىدىم.

بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەن گۈزەل چىشيەن كۆلىگە بېرىپ سەيلە قىلدىم. ئۇ يەردە ئاق قوتانلارنى كۆردۈم، ئۇلار ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، كۆپىنچىسى جەنۇبقا قىشنى ئۆتكۈزۈشكە ئۇچۇپ كەتكەن ئىكەن. گاۋشيەن ناھىيەسىدىكى دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ئىنكاسىم يامان ئەمەس بوپتۇ. بۇنىڭ ماڭا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن ئېيتىلغان سۆز ئەمەسلىكىنى ئۈمىت قىلاتتىم. ئۇ بالىلارنىڭ ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ ئاڭلىغانلىقى، يەنە مېنىڭ ئۇسۇلۇمنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلاپ، ئاندىن يۈرۈگۈم جايىغا چۈشۈپ، يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. قەلبىمدىكى گۇمان تاراپ كەتكەن ھامان، قورسىقىم ئاچقاندەك بولدى، بەختكە يارىشا چۈشلۈك تاماقتا «يائېربا» بار ئىكەن.

«يائېربا» گاۋشەن ناھىيەسىدە كەشىپ قىلىنغان ئىكەن. ئۇ بىر خىل يېپىشقاق گۈرۈچ تالقىنىغا قىيما سېلىنىپ ئېتىلىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، تاتلىق ۋە تۇزلۇق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدىكەن، مەن تۇزلۇقىنى ياخشى كۆرىمەن. بىر قاسقان «يائېربا» ئۈستەل ئۈستىگە قويۇلغان بولۇپ، خۇددى ئاق قاشتېشىدەك، خۇددى تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئۆردەك چۈجىسىدەك، ياپيېشىل يوپۇرماق ئۈستىگە تىزىلغان ئىدى. بىر چىشلەپ قويسا، ئاغزىغا خۇشپۇراق تارىلىپ، قاتمۇ- قات تەملەر كىشىنى تولىمۇ ھوزۇرلاندۇراتتى. گەرچە يىيىشكە ئالدىراۋاتقان بولساممۇ، لىكىن، ئاز دېگەندىمۇ چۈشەنمىگەن ئىككى نۇقتىنىدىن مەسلىھەت سوراشقا توغرا كەلدى. قىيمىسى گەرچە ئۇششاق چانالغان بولسىمۇ، لېكىن ئارىسىدا يەنە بەزى چۈرۈك دانىچىلەر بارلىقىنى بايقىدىم، ئۇنى گەرچە يەپ باققان بولساممۇ، لېكىن قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، ئەتىگەنلىكى ناشتىدا يېگەن «شاۋميەن» ئىچىدە مۇشۇنداق نەرسە باردەك بىلىندى. گاۋشيەن ناھىيەسىدىكى دوستلار ماڭا قىيمىنىڭ مايلىق ۋە مايسىز گۆشلەر بىلەن يىبىن ئۈندۈرمە كۆكتاتىدىن ياسىلىدىغانلىقى، تەم تەڭشەشكە كەلسەك، سىچۈەننىڭ تەم تەڭشىگۈچ خۇرۇچلىرىنىڭ نەچچە يۈز خىلى بولۇپ، ھەر قايسى ئائىلىلەرنىڭ مەخپىي رېتسىپى بارلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئاڭلاپ دەرھال جانلىنىپ كەتتىم، شۇنچە تونۇش بىلىنگىنى بىكار ئەمەسكەندە. مەن داڭلىق «تيەنشاۋبەي» دېگەن قورۇمىنى يەپ باققان، بۇ قۇرۇمىغا يىبىن ئۈندۈرمە كۆكتاتى قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى «شۇفۇيا» قورۇمىسى ئىدى.

مېنىڭ يەنە بىر سوئالىم «يائېربا» نى ئورىغان يوپۇرماق ھەققىدە ئىدى. چۈنكى، ئۇ سۇس خۇشپۇراقنى نومى گۈرۈچ ئۇنىغا سىڭدۈرگەن ئىدى. گاۋشيەن ناھىيەسىدىكى دوستلار مېنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ دېدى. قارىغاندا مەندىن ئىمتىھان ئالماقچى بولسا كېرەك، پەرەز قىلىپ باقايچۇ، مەن ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم، يوپۇرماقلار ياپيېشىل بولۇپ، شەكلى چىرايلىق كۆرۈنەتتى، يوپۇرماق تومۇرلىرىنىڭ سىزىقچىلىرى بامبۇك يوپۇرمىقىغا ئوخشىمايتتى، ئازراق خۇشپۇراق تارقىلىپ تۇراتتى. مەن ئاشخانىغا كىرىپ، ئىككى تال يېڭى يوپۇرماقنى ئەكىلىپ، يوپۇرماقتا سۇس رەڭلىك داغ بارلىقىنى بايقىدىم. شېڭجياڭمۇ؟ لېكىن شېڭجياڭ يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى يېشىل بولامدۇ؟. «تاڭتوۋ ناخشىسى» دىكى شېڭجياڭ ھەققىدىكى بىر شېئىر ئېسىمگە كېلىپ قالدى، «ھە، ئەسلىدە، گاۋشيەن ناھىيەسىنىڭ ئالى سورتلۇق سېڭجياڭى ئىكەن» دىدىم مەن. بۇنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلار خۇشال بولۇپ كەتتى.

ئايرىلىدىغان چاغدا، مەن سەل قىيالماي قالدىم. گاۋشيەن ناھىيەسىنىڭ مەھسۇلاتلىرى مول، كىلىماتى يىقىشلىق، ئادەملىرى يومۇرىستىك بولۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ياخشى جاي ئىدى. مەن يەنە كېلىمەن. چۈنكى، داڭلىق «بامبۇك قارلىغاچ ئۇۋىسى» ۋە شاخې دۇفۇسىنى يىيەلمىدىم. مەن بىر قۇتا «شاخې قىزىل دۇفۇسى» نى ئېلىپ، ئۆيگە قايتىپ، شۇ قېتىمقى سەپەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى يازدىم.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى