قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاراقاش ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش يېڭى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى

2019-02-11 17:27:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاراقاش ناھىيەسى 2018- يىلى ئىچكى موڭغۇلدىن كۆپ گېزەكلەيدىغان قوي نەسلىنى كىرگۈزۈپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ «ۋاكالىتەن كۆپەيتىش، ۋاكالىتەن بېقىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئىچكى موڭغۇلدىن كىرگۈزۈلگەن 20 مىڭ كۆپ گېزەكلەيدىغان قوينى قاراقاش ناھىيەسىدە ماكانلاشتۇرۇپ، نەچچە مىڭ نامرات كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

قاراقاش ناھىيەسىدىكى پۇقرالار ئىزچىل قوي بېقىش ئەنئەنىسىگە ئىگە بولسىمۇ، نەسىل ۋە تېخنىكا چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى. قاراقاش ناھىيەسى 2018- يىلىنىڭ بېشىدا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلدىن نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن كۆپ گېزەكلەيدىغان قوي نەسلىنى كىرگۈزدى. بۇنداق نەسىلدىكى قويلار ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم تۆللەيدىغان بولۇپ، ھەر قېتىمدا قوش ياكى ئۈچنى گېزەكلەيدىغان بولۇپ، كۆپىيىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاراقاش ناھىيەسى يەنە شىنجاڭ «ۋەنفېڭ» چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، كارخانىلار نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش ساغلىقىنى ۋاكالىتەن بېقىپ بېرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ناھىيەدىكى 11 يېزا- بازاردىكى نامرات ئائىلىلەر بىلەن ۋاكالىتەن بېقىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن نامرات ئائىلە 3 مىڭدىن ئاشتى. شىنجاڭ «ۋەنفېڭ» چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جيا چىڭدې مۇنداق دېدى: «بېقىش ئەندىزىسى ھەر يىلى مۇقىم پايدا تەقسىملەش بولۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى نامرات ئائىلىلەرگە تەۋە بولىدۇ ھەمدە ھەر بىر ساغلىق سوغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ئامما غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلىنىپلا قالماي، يەنە باقمىچىلىق خېيىم- خەتىرى ھەل قىلىنىدۇ. بىز ساغلىقلارنى ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىپ، ئەلا نەسىللىك قويلارنى خوتەن ۋىلايىتىگە ئېلىپ كېلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قويچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايمىز. قويلارنىڭ نەسلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەرلىك قويلارنى كېسەلگە تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك، كۆپىيىش نىسبىتى يۇقىرى، يېتىلىش سۈرئىتى تېز، ئەلا نەسىللىك قويلارغا ئۆزگەرتىمىز».

قاراساي يېزىسىنىڭ شالدىراڭ كەنتىدىكى نامرات دېھقان ئەخمەتنىياز نۇرمەمەت 2018- يىلى 12- ئايدا، تۇنجى قېتىم ھاۋالىلىك بېقىش پۇلىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كۆپ قۇزىلايدىغان ساغلىقتىن 5 نى باقتىم. ساغلىقلارنى ئەكىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھەر بىر ساغلىققا 90 يۈەندىن ھاۋالىلىك بېقىش پۇلى بەردى.

بۇنىڭدىن باشقا، كارخانا يەنە نامرات ئائىلىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. كېلىشىمدە: كارخانىلار نامرات ئائىلىلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئۈچ يىللىق ھاۋالىلىك بېقىش مەزگىلىدىن كېيىن ساغلىقلارنى نامرات ئائىلىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىش بەلگىلەندى. قاراقاش ناھىيەسى بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتىدە كۆپ گېزەكلەيدىغان قوي گۆشىنى سېتىش نۇقتىسىدىن 800 نەچچىنى تەسىس قىلىشنى پىلانلىدى. شىنجاڭ «ۋەنفېڭ» چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شيې خۇەنجۇڭ مۇنداق دېدى: «800 قوي گۆشى سېتىش نۇقتىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن كارخانىمىز جۈملىدىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قويلارنى سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى. نامرات ئائىلىلەر بېقىۋاتقان قويلارنى بىز قايىتتۇرۇپ سېتىۋېلىپ، ئاندىن سېتىپ چىقىرىش يولىنى تۇتىۋاتىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى