قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈچ ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ھەسەل ھەرىسى بېقىپ، يىلدا مىليون يۈەنلىك ھەسەل ساتقانلار

2019-02-11 17:28:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ساندۇق- ساندۇق ھەسەل ھەرىلىرىنى كۆتىرىپ، قەتئىيلىك ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان جاڭ جىنداۋ ئايالى دىڭ يۈلەننى ئېلىپ شەندۇڭدىن تارباغاتاي ۋىلايىتىگە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەسەلگە باغلانغان شېرىن چۈشىنى روياپقا چىقاردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇنىڭ نەۋرە قىزى جاڭ يۈتىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا سېتىپ، شىركەتنىڭ يىللىق ھەسەل سېتىش مىقدارىنى 48 توننىغا، سېتىش سوممىسىنى نەچچە مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى. «ياخشى ھەسەل ئىشلەپچىقىرىپ، ياخشى باھادا سېتىش» جاڭ جىنداۋنىڭ ئەسلى مەقسىدى ئىدى. ئۇنىڭ نەۋرە قىزى جاڭ يۈتىڭمۇ بۇ دەسلەپكى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بوۋىسى باشلىغان ھەسەلگە باغلانغان بۇ «شېرىن ئىش» نى ئەۋلادتمۇ- ئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.

بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن دىڭ يۈلەن ھەر قېتىم ئېرىنىڭ ھەسەل ھەرىسى باققانلىقى توغرىسىدا گەپ بولغاندا ئۇنىڭ قانچىلىك جان كۆيدۈرۈپ ھەسەل ھەرىسى باققانلىقىنى پەخرلىنىپ سۆزلەپ ھارمايدۇ. ئۇنىڭ ئىيتىشىچە: ۋاپات بولغىنىغا 9 يىل بولغان جاڭ جىنداۋ بىر ئۆمۈر ھەسەل ھەرىسى باققان، يەنە كېلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جان كۆيدۈرۈپ باققان كىشى ئىكەن.

جاڭ جىنداۋ بىلەن دىڭ يۈلەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شوۋگۇاڭ شەھىرىدىن ئىدى. 1974- يىلى جاڭ جىنداۋ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، 12 ساندۇق ھەسەل ھەرىسى سېتىۋېلىپ، ئۆزلۈكىدىن ھەسەل ھەرىسى بېقىشنى ئۈگىنىدۇ. ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىق ماھارىتىنى تېزلا ئىگىلىۋالغان جاڭ جىنداۋ شۇنىڭدىن كېيىن «چېچەك قوغلىشىپ» تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇمۇ باشقا ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلارغا ئوخشاشلا، ھەرە ساندۇقلىرىنى يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلاپ، يۈننەن، گۇيجۇ، سىچۈەن قاتارلىق ھاۋا كىلىماتى مۇۋاپىق بولغان جايلارغا بېرىپ ھەسەل ھەرىسى باقىدۇ.

جاڭ جىنداۋ بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 9- شىسى 16- تۇەنى دايىنسۇ يايلىقىغا كېلىپ، بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىنىڭ مۇنبەت، ياۋا دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ، بەكلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ. دېڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماڭا شىنجاڭنىڭ ياۋا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ گۈل چېڭى ئالاھىدە خۇشپۇراقكەن، مۇنداق خۇشپۇراق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچىكىدە بېقىلغان ھەرىلەردىن چىققان ھەسەلدىمۇ كۈچلۈك خۇشپۇراق بولۇپلا قالماي، يەنە دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ تېپىلغۇسىز دورىلىق گۈل شىرنىسى مەنبەسى دېيىشكە بولغۇدەك، دېگەنىدى.

دەرۋەقە، 1986- يىلى جاڭ جىنداۋ ئايالى دىڭ يۈلەننى ئېلىپ بىڭتۈەن 9- شىسى 165- تۈەنىگە كېلىپ، شۇ جايدا ھەسەل ھەرە باقمىچىلىقىغا كىرىشتى. ھەسەلنى سۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن ھەسەل قاچىلانغان تۇڭلار بېسىلغان ھارۋىلىرىنى ئىتتىرىشىپ، كوچىمۇ- كوچا يۈرۈپ ساتتى. دىڭ يۈلەن ئەينى چاغلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ چاغلاردىكى ھەسەللەرنىڭ ھەممىسى ئاددىيلا سۈزۈشتىن ئۆتكۈزگەچكە، ھەسەلدىن بىر خىل تاتلىق خۇشپۇراق گۇپۇلدەپ پۇراپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى مۇۋاپىق بولغاچقا، كىشىلەر چېلەك ياكى چەينەك- چۆگۈنلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كېلىپ ھەسەل سېتىۋالاتتى.

ھەسەل سودىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 1992- يىلى جاڭ جىنداۋ بىر ھەسەل پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇۋالدى ھەمدە ھەسەللىرىنى پىششىقلاپلا قالماي، ئاددىي ئوراپ قاچىلاپ سېتىشقا باشلىدى. 2010- يىلى جاڭ جىنداۋ كۆز يۇمغاندىن كېيىن، ئوغلى جاڭ شۆگاڭ بىلەن كېلىنى ۋاڭ ۋېنخۇا ئۇنىڭ ھەسەل پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. جاڭ شۆگاڭ ھەسەل ھەرىسى بېقىشقا، ھەسەل سۈپىتىنى تۇتۇشقا، ۋاڭ ۋېنخۇا سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى.

ۋاڭ ۋېنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەسلى ھەسەلنى ئاددىيلا سۈزگەندە، يەنىلا نۇرغۇن ئارىلاشما ماددىلار ئارلىشىپ قالغاچقا، ئىستېمالچىلارنىڭ تەم سەزگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىمىز ئەسلى ھەسەلنى دېزىنفېكسىيە قىلىپلا قالماي، يەنە يىرىك سۈزۈش، تۈجۈپىلەپ سۈزۈش، باكقا قاچىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئارقىلىق، بارغانسىرى ھەم پاكىز، ھەم بىخەتەر ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش يولىنى تۇتتۇق.

ۋاڭ ۋېنخۇا ئىستېمالچىلارنىڭ سوۋغا قىلىش ۋە كۆتۈرۈشكە ئەپلىك بولۇشتەك كۆپ خىل ئېھتىياجنى ئويلىشىپ، لايىھەلىگۈچى شىركەت تەكلىپ قىلىپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورالمىسىنى لايىھەلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەسەللىرى 1992- يىلىدىكى ئاددىي ئورالمىلىق ھەسەللەردىن 2013- يىلىغا كەلگەندە كۆركەم ئورالمىلىق ھەسەللەرگە ئايلاندى ھەمدە ھەر قوتا ھەسەل سىغىمى ئەسلىدىكى ئىككى كىلوگرامدىن 280 گىرام ۋە 380 گىراملىق قىلىپ تەڭشەلدى.

ھەسەل مەھسۇلاتلىرنىڭ قېلىپلىششىغا ئەگىشىپ، 2013- يىلى 4-ئايدا، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى «شىنجاڭ جاڭ جىنداۋ دايىنسۇ سودا چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالەتچى سودىگەرلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ- كىچىك سودا سارايلىرىغا سالدى.

2014- يىلىغا كەلگەندە، تور دۇكانلىرىنىڭ كۈنسايىن گۈللىنىشى بىلەن، ئەمەلىي دۇكانلاردىكى سېتىلىدىغان مال مىقدارى ئازىيىپ، ئۇلارنىڭ ھەسەل مەھسۇلاتىدىمۇ كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى. بۇ جاڭ شۆگاڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ ۋېنخۇانىڭ قىزى جاڭ يۈتىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. جاڭ يۈتىڭ ئائىلىسىنىڭ ھەسەل مەھسۇلاتلىرى سودىسىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ھەسەل سېتىشنى باشلاپ، دەرستىن سىرىتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ھەسەلنىڭ توردىكى سېتىش يولىنى ئاچتى.

جاڭ يۈتىڭ 2016- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دايىنسۇ يايلىقىغا قايتىپ كېلىپ، بۇ «شېرىن» كەسىپنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋارىسى بولۇپ قالدى. 2017- يىلى، جاڭ يۈتىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھەسەل ماركىسىنى «تاۋباۋ»، «جىڭدۇڭ»، «دالىڭجيا» قاتارلىق كۆپلىگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، سېتىش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. جاڭ يۈتىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى تەپەككۈرى بىلەن شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسىنى مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى.

جاڭ يۈتىڭ مۇنداق دېدى: بوۋام- مومام، ئاتا- ئانام بىر ئۆمۈر ھەسەل ھەرىسى بېقىپ ھەسەل سودىسى قىلدى. ھازىرقى ئىگىلىكىمىز ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قان- تەرى بەدىلىگە كەلگەن. شۇڭا، مەنمۇ ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ بۇ «شېرىن كەسىپ» نى بارغانسېرى چوڭايتىماقچىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى