قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەپ ئەل كۆڭلىنى ئۇتقۇچى، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ئەلنى مايىل قىلغۇچى

2019-02-11 17:29:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- دۇڭسەن رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بىر پارچە ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئىلتىماسقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بارماق ئىزى بېسىلغان بولۇپ، «خې چېڭشىڭنى ليۇزىمياۋ كەنتىنىڭ 1ـ شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇشقا داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز» دەپ يېزىلغانىدى. بۇ ليۇزىمياۋ كەنتىدىكىلەرنىڭ خې چېڭشىڭنىڭ باشقا مەھەللىگە يۆتكىلىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، جىددىي قوللانغان تەدبىرى ئىدى. كەنت ئاھالىلىرى يەنە قېلىشىنى ئىلتىماس قىلغان خې چېڭشىڭ دەل مىچۈەن- دۇڭسەن رايونى قۇرۇلۇش ئىدارىسى (قاتناش ئىدارىسى) نىڭ ياڭماۋگۇڭ بازىرى ليۇزىمياۋ كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىدى.

بۇلتۇر ليۇزىمياۋ كەنتىگە ماكانلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، خې چېڭشىڭ كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن كەنتنى گۈزەللەشتۈرۈش تۈرىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلدى. تۈر پىلانىدا يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يول چىرىغى ئورنىتىش پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما يولنى ئىگەللىۋالغان ھەم قانۇنسىز سېلىنغان بەزى كالا قوتانلىرىنى چېقىۋېتىشكە توغرا كېلەتتى، يەنە كېلىپ بۇ ئىش 100 ئائىلىلىك دېھقانغا چېتىلاتتى. دەسلىۋىدە پارتىيە ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىرى سېلىۋالغان قانۇنسىز قۇرۇلۇشلارنى چاقتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ قانۇنسىز سېلىۋالغان قۇرۇلۇشلىرىنى چېقىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر بۇ تۈر ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

خې چېڭشىڭ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ئەڭ كۆپ ئىنكاس قىلغانلىقىنى، تۇرۇبا لىنىيەسى كونىراش سەۋەبلىك تۇرۇبا سۈيى بىلەن ھەر كۈنى ۋاقىتلىقلا تەمىنلىندىغانلىقىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرۇبا سۈيى ئىچىشىنىڭ تولىمۇ قولايسىز بولىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى. خې چېڭشىڭ ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، تۇرۇبا سۈيى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى «مىچۈەن ـ دۇڭسەن رايونىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» تۈرىگە كىرگۈزۈپ، ئاخىرى ليۇزىمياۋ كەنتىدىكىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

ھەر قېتىم بايرام كەلگەندە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ما سۈيفاڭ خې چېڭشىڭنى يېڭى ئۆيگە كېلىپ تاماققا داخىل بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ما سۈيفاڭنىڭ ئۆيى خې چېڭشىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەر قايسى كۈچلەر، جەمئىيەتتىكى مېھرىبان كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىئانە توپلاپ يېڭىدىن سېلىپ بەرگەن ئۆي ئىدى. ھەر قېتىم بۇ توغرىدا گەپ چىققاندا، ما سۈيفاڭ باشمالتېقىنى چىقىرىپ قالتىس، دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ، خې چېڭشىڭنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

كەنت ئاھالىسى يۈەن ۋېينىڭ ئۆيىگە ئوت كەتكەندە، خې چېڭشىڭ بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» يوتقان- كۆرپە، پاختىلىق كىيىم ۋە ھال سوراش پۇلى ئاپىرىپ يوقلىدى. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان سا جىنيۈنىڭ ئوغلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن، خې چېڭشىڭ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىشىغا ياردەم بەردى. يۇقۇرىقىدەك بىر قاتار ئىشلار تەبئىيلا خې چېڭشىڭنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى ئۆستۈردى.

خې چېڭشىڭ بىر تەرەپتىن دېھقان - چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىنى چىڭ تۇتۇپ، چاي قۇرۇتۇش، تام قوپۇرۇش دېگەندەك كۇرسلارنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئاز دېگەندە بىردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۈگەتسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى كارخانىلارنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باغ- ئورمان بىنا قىلىش، ئاسراش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، مۇھىت تازلىقى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

2018- يىلىدىن بۇيان، ليۇزىمياۋ كەنتى بويىچە 1 مىڭ 440 ئېشنچا ئەمگەك كۈچى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 610 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى ئىزچىل تۈردە خې چېڭشىڭ نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلار توپى بولۇپ، ليۇزىمياۋ كەنتىدە تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە ۋە قىيىنچىلىقى بار 20 ئائىلىنىڭ ئەھۋالى خې چېڭشىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ ياردىمىدە، 17 ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزىل سۈرۈقلۇق بارماق بېسىپ، ئىلتىماس يوللاپ، ئۆزىنى ئېلىپ قىلىشتەك سەمىمىيتى، خې چېڭشىڭنىڭ كەنتتە تۇرۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ چېڭىتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەن كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەر قايسى كۈچلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە يېتەكلەپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمەن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى