قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىش پەسلىدە قويلارنىڭ يۇڭ تاشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش ئۇسۇلى

2019-02-11 17:29:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىش كۈنلىرى ھاۋا سوغۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇتۇلغان يەم - خەشەكلەر ئاساس قىلىنىدىغان، كۆپ ھاللاردا قويلارنىڭ قورسىقى تويمايدىغان بولغاچقا، يۇڭلىرى ئىنچىكىلىشىپ، ئاسان تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئېغىر بولغاندا، قويلارنىڭ بوينى، مۈرىسى، ئۇستى قورسىقى، دۈمبىسىدە دائىرلىك «ئاچ يۇڭ» تۆكۈلۈش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.

قىش پەسلىدە قوي يۇڭىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قىش كىرگەندىن كېيىن، قويلارغا بەلگىلىك مىقداردا ئوت- چۆپ بېرىشكە، بولۇپمۇ، يېتەرلىك قۇرۇق ئوت- چۆپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش، بوغۇزنى ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئىشلىتىش كېرەك. ناۋادا يېشىل سىلوس قويلارنىڭ يەم - خەشىكى قىلىنسا ياكى باشقا يېشىل يەم- خەشەكلەر قويلارغا بېرىلسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

قىشتا قويغا بېرىلىدىغان يەم - خەشەك قۇرۇق ئوت- چۆپنى ئاساس قىلىدۇ، قويلار قۇرۇق ئوت- چۆپنى يەۋەرسە ئاسان ئۇسسايدۇ. شۇڭلاشقا، قويلارنىڭ ئالدىدىن ئىچىدىغان سۈيىنى كەم قىلماسلىق، ئەڭ ياخشىسى كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىلىمان سۇ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، قىش پەسلىدە قويلارغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز بېرىشمۇ ناھايىتى مۇھىم، بۇنداق بولغاندا، قويلارنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچقىلى ۋە يەم ـ خەشەكنىڭ ھەزىم قىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە يەم- خەشەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مېنىرال ماددىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاپ بەرگەندە، قويلاردا مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك يۇڭ تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى