قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 غەربىي شىماللىقلارنىڭ چاغاندىكى ھېكايىسى

2019-02-11 17:30:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگو بويىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن. ئاچچىق يېمەكلىك يىيىش، چىنچىياڭ تىياتىرى ئورۇنلاش، ئاددىي - ساددا، مەردانە، تۈز- مانا بۇلار غەربىي شىماللىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ غەربىي شىماللىقلارنىڭ چاغاندىكى خوشال خوراملىقى ۋە قىزغىنلىقىنى بەلگىلىگەن. بىز خۇاڭخې دەرياسى بويىدىن يولغا چىقىپ، غەربىي شىماللىقلارنىڭ چاغاندىكى ھېكايىسىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى.

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يىچۈەن ناھىيەسىدە خۇكۇ دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك بازار بار، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سېرىق ئېقىن بۇ يەردىن ئۆتكەندە ئىككى قىرغاقتىكى تاشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ كەڭلىكى 300 مېتىر بولغان دەريا يۈزى خۇكۇ دەرياسىغا كەلگەندە تېز سۈرەتتە تارىيىپ 20 مېتىردىن 30 مېتىرغا چۈشۈپ قالىدۇ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى بۇ تار بوشلۇقتا شىددەت بىلەن ئېقىپ، شارقىرىغان ئاۋازلارنى چىقىرىپ ھەيۋەتلىك تۇمانلار كۆتۈرۈلىدۇ.

خۇكو بازىرىدا- دەل بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سېرىق شارقىراتما يېنىدا ھەر يىلى كىشىلەر شارقىرىغان سۇ ئاۋازىغا ھەمراھ بولۇپ، ئاۋازى ئاسمان پەلەككە يېتىدىغان كۈرە دۇمبىقى چالىدۇ. خۇكۇ كۈرە دۇمبىقى غەربىي شىمالنىڭ باھار بايرىمىدىكى ھەيۋەتلىك بىر كۆرۈنۈشى. پەقەت دۇمباق، جاڭ، جاڭ تەخسىسى قاتارلىق بىر نەچچىلا چالغۇ بولسىمۇ، لېكىن شىمالى شەنشىدىكى پۇقرالارنىڭ چوقان سۈرەنلىرى، سەكرەپ ئايلىنىدىغان ئۇسسۇل ھەركەتلىرى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلۇق سۇ ئاۋازىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، داقا دۇمباق ئاۋازى ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ چاقماق چاققان، بوران چىققان ئاۋازىنى ئىپادىلەپ، بىر يىللىق قايغۇ ۋە خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

كۈرە دۇمبىقىنى كوچىلاردىن باشقا يەنە بازارلاردىمۇ ئورۇنلايدۇ، خۇكۇ كۈرە دۇمبىقىنىڭ كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈشىنى دۇمباقچىلارنىڭ خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى تاش ئۈستىدە ئورۇنلىغان ئويۇنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە مەخسۇس سەھنە ياسالمىغان، دەريا بويىدىكى تاشلاردا ھەتتا توسۇقمۇ يوق بولۇپ، ئاياغ ئاستىدىكى تاشلاردا پەقەت ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان خۇاڭخې دەرياسى سۈيىلا بار. خۇكۇ كۈرە دۇمباق ئۇسسۇلىنىڭ ئىككى قولىنى ئىشقا سېلىش، ئات قەدىمىدە مېڭىش، كىرىشتۈرۈپ ئېتىشىش قاتارلىق ھەركەتلىرى بار، ھەتتا يەنە جاڭ ئۇرۇش بىلەن بىرگە بوشلۇقتا موللاق ئېتىش، يەككە موللاق ئېتىش، قوش موللاق ئېتىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلەيدۇ، بۇ ھەم ئۇسسۇلغا ھەم گۇمپىغا ئوخشايدۇ، ھالبۇكى خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى دۇمباقچىلاردا ئازراقمۇ قورقۇنچ يوق.

خۇكو ئەتراپىدىكى كىشىلەر دۇمباقنىڭ سېھرىي كۈچىگە ئىشىنىدۇ، دۇمباقنىڭ كىشىلەرنىڭ كېلەر يىلدىمۇ مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن قىلغان ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭا، چاغان مەزگىلىدە خۇكۇدا كۈرە دۇمباق ئويۇنى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. ئەمما يىراق بولمىغان جايدىكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرىدە كىشىلەر ناخشا- ئۇسسۇل ئارقىلىق چاغاننى تەبرىكلەيدۇ. گەنسۇلۇقلار بۇ ئۆرپ- ئادەتكە «دىبېڭزى» دەپ ئىسىم قويغان. دىبېڭزى ئورۇنلاش، ناخشا- ئۇسسۇل، ئېيتىشىش قاتارلىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن كوچا ئويۇن شەكلى. ئەنئەنىۋى دىبېڭزى ئەترىتىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇكەممەل، بۇنىڭدا تۆت دۇمباقچى، تۆت لاخۇا، تۆت راھىب بالا، بىر دورىگەر ئۇستام، بىر ئەخمەق بەگزادە، بىر سەت ئايال قاتارلىق ئوبرازلار بار.

ئوخشىمىغان رايونلاردىكى ئويۇن قويۇش قوشۇنى ئوخشاش بولمىغان تىياتىر ئېھتىياجىغا ئاساسەن روللارنى كۆپەيتىدۇ، ئاز بولغاندا 20 نەچچە ئادەم، كۆپ بولغاندا 40 ئادەمدىن كۆپ بولىدۇ. چاغان مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئويۇنلار ئوينىلىدۇ. لېكىن، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى دىبېڭزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئورۇنلاش جەريانىدا نەزم مەزمۇنىنى كىرگۈزۈش. دىبېڭزىنىڭ نەزم شەكلى ئىنتايىن مول، نەزمنىڭ مەزمۇنىمۇ ئىنتايىن مول، بۇنىڭ ئارىسىدا بەخت تىلەشتىن ئارىيە، يۇمۇرلۇق كىنايىلىك ئارىيە، گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى تەسۋىرى، شوخ قۇد سۆزلىرى قاتارلىقلار بار. ئىلھام كەلگەن ۋاقىتتا نەق مەيداننىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر كۇبلىت تېكىست ئىجاد قىلسا بولىدۇ، بۇ چاغدا كۆرۈرمەنلەر چاۋاك چېلىپ ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. دىبېڭزىنىڭ نۇرغۇن ناخشا تېكىستلىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان، بۇ ناخشا تېكىستلىرى ئىچىدە تارىخ، ھېكايە، سېغىنىش، نائىلاجلىق قاتارلىق مەزمۇنلار بار، دۇمباق ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئۆتكەن ئىشلار ۋە تۇرمۇشتىكى ئىسسىق- سوغۇقلار دىبېڭزىنىڭ ناخشا تېكىستلىرىگە كىرگۈزۈلگەن، يۈزىگە ماي بوياق گىرىم قىلىپ چىققان ئەخمەق بەگزادە ۋە سەت ئايال قاتارلىقلار يالغان بولغان بىلەن، لېكىن بۇ ھەر بىر مەيدان ئويۇننى كۆرگەندىن كېيىنكى كۈلكە ياشلىرىنىڭ ھەممىسى راست. قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك خۇكۇ كۈرە دۇمبىقى، قىزىقارلىق دىبېڭزى نەزمىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، يېڭى يىلدا غەربىي شىمالنىڭ يەنە بىر ناخشىسى-چىڭخەيدىكى خۇائېرنى ئاڭلاشنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

«خۇائېر» غەربى شىمالنىڭ سېھرىي كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، چىڭخەي بولسا «خۇائېر» نىڭ بۆشۈكى. خۇائېر يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چىڭخەيدىكى ھەممە كىشى ئاساسەن دېگۈدەك خۇائېرنى ئېيتالايدۇ، دالىلاردا، ئېتىزلىقلاردا ياكى سىرتقا چىقىپ يۇرتقا قايتقان ۋاقىتلاردا بولسۇن، چىڭخەيلىكلەر بىكار بولسىلا «خۇائېر» ناخشىسى ئېيتىدۇ. چىڭخەيدە خەنزۇ، زاڭزۇ، خۇيزۇ، سالا، مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، شۇڭا چىڭخەيدىكى ئوخشىمىغان رايونلاردا ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى «خۇائېر» ناخشىسى بەرپا بولغان، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، «خۇائېر» ناخشىسىنىڭ مۇزىكىسى ياڭراق بولۇشتەك ئۇسلۇبنى ئاساس قىلىدۇ.

تۇزۇلار چىڭخەيدىكى نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ مىللەت، ئادەتتە بىز چاغاننىڭ 15- كۈنىدىكى يۈەنشىياۋ بايرىمىدىن كېيىن چاغان ئاياقلىشىدۇ دەپ قارايمىز، لېكىن تۇزۇلار دېھقانلار كالېندارى 2- ئاينىڭ 2- كۈنىدىكى لوڭتەيتۇۋ كۈنى چاغان رەسمىي ئاياقلىشىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا، تۇزۇلار دېھقانلار كالېندارى 2- ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ- تۆت كۈن داۋاملىق پائالىيەت قىلىدۇ، بۇ كۈنى تۇزۇلار چىرايلىق ياسىنىپ، بىر يەرگە يىغىلىپ چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلەيدۇ. يېمەكلىكلەرنى يىيىش، ئارپا ھارىقى ئىچىش، ئات بەيگىسى ۋە چېلىشىش قاتارلىق ئويۇنلارنى كۆرۈشتىن باشقا، خۇائېر ناخشىسىنى ئېيتىش مۇسابىقىسى تۇزۇلارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىدىكى مۇھىم مەزمۇننىڭ بىرى. خۇائېر ناخشىچىلىرى ئۆزلىرىگە ھەمراھ تاللاپ، بىر قانچە مۇسابىقە مەيدانىغا بۆلۈنۈپ، مەيداندا سەپ تۈزۈپ خۇائېر ناخشىسى ئېيتىدۇ، ئاخىرىدا غەلبە قىلغۇچى «خۇائېر شاھى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، ئامما ئالدىدا شەلپەر تاقايدۇ. ئاندىن يېڭى بىر يىلنى يەنە جاپالىق ئىشلەش بىلەن باشلايدۇ.

ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى رايونلار ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چاغانلىق ئۆرپ- ئادەتلىرى بار، بەزى رايونلاردا يېمەكلىكلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بەزى رايونلاردا نەزىر- چىراغقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھالبۇكى، غەربى شىمالنىڭ كەڭ زىمىنىدا، مەردانە، تۈز غەربىي شىماللىقلار ھەر خىل ناخشىلار ئارقىلىق ئۆز ھېسسىياتىنى، ئۇلۇغ ئىرادە بىلەن داقا دۇمباق چېلىپ تارىخي رىۋايەتلەرنى چۈشەندۈرىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى خوشاللىق ۋە قايغۇنىمۇ ناخشا ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، ئەگەر سىز بۇ يەرگە ھەر يىلى چاغاندا كەلسىڭىز بۇ گۈزەل ناخشىلارنى ئاڭلايسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى