قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

11 يىل، كىروراننى قوغداش ئىرادىسىدىن يانماسلىق

2019-02-14 17:44:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرلىرىمىز بەي جىيۈ، دۇ جيەنخۈي

قۇياش كۆتۈرۈلگەندە، لى پېڭفېي بالدۇرلا چارلاشقا چىقىپ، كىروران قەدىمىي قەبرىستانلىق توپىنىڭ ئېگىز يېرىدە تۇرۇپ، قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ ئەتراپىدا بىنورمال ئەھۋاللار بار- يوقلۇقىنى كۆزەتتى.

 (مۇخبىرىمىز دۇ جيەنخۈيفوتوسى)

شياۋ لىنىڭ خىزمىتى ھەر كۈنى سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونىدا سۆزلىشىشتىن باشلىناتتى.

  «ۋەي، خەيرلىك سەھەر، تۈنۈگۈن ئىشلار ياخشىدۇ».

  «ياخشى، ياخشى، ياخشى، سىلەر بەكرەك دىققەت قىلارسىلەر».

  نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى ئەتىۋارلىق نەرسە. بىراق شياۋ لىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى ھەر كۈنى ئۇنى قولىدىن چۈشۈرمەيتتى، بۇ گۆھىرى بولمىسا، ئۇ «گاس» بولۇپ قالاتتى، بۇ يەر يېگانە ئارالغا ئايلىنىپ قالاتتى. بۇ يەردە يان تېلېفون سىگنالى يوق، تور يوق، سىرت بىلەن بىردىنبىر ئالاقىلەشكىلى بولىدىغىنى مۇشۇ تېلېفون.

  دۆلەت يولى 315- لىنىيەسىدىن چۈشكەندە، 80 نەچچە كىلومېتىرلىق ئوڭغۇل- دوڭغۇل شېغىل يول بار؛ يەنە ئالدىغا ماڭغاندا، 80 نەچچە كىلومېتىرلىق شورلۇق يول بار؛ ئارقىدىن يەنە بىر بۆلەك توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان يولدىن ئۆتكەندە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغدىغۇچى لى پېڭفېي خىزمەت قىلىدىغان قورۇ− چاقىلىق ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى كىروران خىزمەت پونكىتىگە كەلگىلى بولاتتى.

  شياۋ لى كىچىك ئەمەس، بۇ يىل 44 ياشتا بولۇپ، كىروران خىزمەت پونكىتىغا كەلگىنىگىمۇ 11 يىل بولدى. ئۇنى كىمنىڭ شياۋ لى دەپ چاقىرىشقا باشلىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئۇ ھازىر ھەقىقىي«پېشقەدەم» بولۇپ قالغانىدى، ناھىيەدىكى كادىرلار، ئىدارىدىكى ياشلار ئۇنى يەنىلا مۇشۇنداق چاقىرىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇراتتى.

  شياۋ لى كەم سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا بىر ئېغىز گەپ سورىسا، بىر ئېغىز جاۋاب بېرەتتى، سۆزلەۋېتىپ توختاپ قالاتتى، ئۇزاق يىل باققان ئىت ئەتراپىنى ئايلىنىپ كېتەلمەيتتى. بۇنداق سۈكۈت قىلىش ئادىتى بۇ 11 يىلدا ئاستا- ئاستا يېتىلگەنىدى.

  كىروران يارقىن نام بولۇپ، نۇرغۇن كىشى ھەۋەس قىلىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېرىپ سىرىنى بىلىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق شياۋ لىنىڭ نەزەرىدە، ئۇنىڭ قىياپىتى ھەقىقەتەن قاقاسلىق.

  قاقاسلىق بولماي قالاتتىمۇ؟ نەچچە ئون كىلومېتىر دائىرىگە ئادەم ئاياغ باسمىغان بولۇپ، قۇم- بوران كۈچەيگەندە قۇياشنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى؛ گۈرۈچ، گۆش، ياغنى ئايدا بىر قېتىم ئەكىلىپ بېرەتتى. 20 كۇب مېتىرلىق سۇ ئاپتوموبىلىدا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان پاكىز سۇنى ئىچىپ ئاخىرىغا كەلگەندە، لاي سۇغا ئايلىنىپ قالاتتى.

  باشلانغۇچ مەكتەپ دەرس تېكىستىدە مۇنداق يېزىلغان: «ئوت- چۆپلەر بىخلاندى، ئۇ كىچىك قۇشقا: <مەن باھار>، دېدى.» شياۋ لى: كىروراندا ئوت- چۆپلەر بىخلانغاندىن كېيىنمۇ، كىچىك قۇشلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، دېدى. ھالبۇكى، ئۇ ئۆزىمۇ باھارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى. «ئەتىيازدا قۇم- بوران چىققاندا ئۈچ- تۆت كۈنگىچە سىرتقا چىققىلى بولمايدۇ، سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونىمۇ ئۇلانمايدۇ، ئۆيدىلا تۇرۇشقا بولىدۇ، ھېچقانداق ئىش قىلغىلى بولمايدۇ».

  جىم تۇرغاندىن كۆرە، شياۋ لى يەنىلا سىرتقا چىقىپ چارلاپ تەكشۈرۈشنى بەكرەك خالايتتى. ئۇ ئىلگىرى پو ئېتىپ مۇنداق دېگەن: «خىزمەت پونكىتىنىڭ ئەتراپىدىكى 40 كىلومېتىرلىق دائىرىدە، كەچتە قولچىراغ بولمىسىمۇ خۇددى ئۆز ئۆيۈمدىكىدەك خالغانچە يۈرەلەيمەن.» پو چوڭ ئېتىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشەنگەنىدى.

  بۇ يىللاردا شياۋ لى كېپەن ئوغرىلىرىنى تۇتقان، يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇۋالغان. ئادەتتە دەككە- دۈككە ئىچىدە كېپەن ئوغرىلاشتىن ساقلىنىش ۋە زەربە بېرىشكە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ كىروران رىۋايىتىگە قىزىقىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىشقا كېلىپ خەتەرگە ئۇچرىغان نۇرغۇن «سەيياھ»نىمۇ ئۇچراتقان. بىر قېتىم بىر پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ خېبېيدىن كېلىپ، ئۇدا 160 كىلومېتىر پىيادە ماڭغاندىن كېيىن ئاخىر خىزمەت پونكىتىنى كۆرۈپ ماڭالماي قالغان. شياۋ لى ئۇنىڭ ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالغان، ئاخىرىدا ناھىيەدىكى قۇتقۇزغۇچى خادىملارنى چاقىرىتىپ كېلىپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئېكسپېدىتسىيەچىنى ئۆز جايىغا ئاپىرىپ قويغان.

  چارلاپ تەكشۈرۈش تىلغا ئېلىنسا، ئۇ ئۆزىدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان مەلۇم بىر ياز كۈنىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئۇ موتوسىكلىت مىنىپ خىزمەت پونكىتىغا 20- 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا كەلگەندە بالون ئېتىلىپ كەتكەن. تومۇز كۈنلىرى كۈندۈزى ئەڭ ئىسسىق بولغاندا تۇخۇم يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ پىشىپ قالاتتى. ئۇ دەرھال قايتىپ كېتىشكە پېتىنالماي، بىر قەدىمىي قەبرىگە كىرىۋېلىپ، كەچ سائەت 10 بولغاندا ئاندىن سىرتقا چىققان. قولچىراغمۇ يوق ئەھۋالدا ئۇ ئىككى بوتۇلكا مىنېرال سۇغا تايىنىپ يەتتە سائەت يول يۈرگەن. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شياۋ لى چېلەكنى كۆتۈرۈپ بىراقلا ئىككى چۆمۈچ سۇ ئىچىۋەتكەن.

  زىمىستان قىشتا چۆل- باياۋاندا شىمال شامىلى سۆڭەكتىن ئۆتۈپ تۇرسىمۇ، شياۋ لى يەنىلا ئەتىگەندە يولغا چىقىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونىنى ئېلىپ، موتوسىكلىتقا مىنىپ، ئەزىمەتلەر بازىنى كۆزەتكەنگە ئوخشاش، سۈر- ھەيۋە بىلەن كىروراننى كۆزىتەتتى، گەرچە نەچچە ئون كىلومېتىرلىق يول بولسىمۇ، بىر قېتىم چىقىپ كەتسە ئالتە سائەت كېتەتتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى