قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىش ۋە ئەتىيازدا پارنىك كۆكتاتلىرىغا دورا چېچىش ۋاقتىنى توغرا تاللاشنىڭ مۇھىملىقى

2019-02-14 16:53:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىش ۋە ئەتىيازدا پارنىك كۆكتاتلىرىغا دورا چېچىشنىڭ ۋاقتى قانۇنىيەتلىك بولۇشى كېرەك. ئەمدى بىز قىش ۋە ئەتىيازدا پارنىك كۆكتاتلىرىغا دورا چېچىش ۋاقتى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

قىش ۋە ئەتىيازدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مەزگىلدە، پارنىك كۆكتاتلىرىغا دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشقا توغرا كەلگەندە، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 دىن 3:30 غىچە بولغان ۋاقىتنى تاللاش؛ ئىمكانقەدەر پارنىك كۆكتاتلىرىغا چۈشتىن بۇرۇن دورا چاچماسلىق كېرەك. چۈنكى، قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە، پارنىك ئىچى تېمپراتۇرىسى تۆۋەن بولغاچقا، چۈشتىن بۇرۇن يوپۇرماقلاردىكى شەبنەم قۇرىغاندىن كېيىنلا، فوتوسىنتېز رولى بارا- بارا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. كۆكتاتلارغا دورا چېچىلغاندا، ئېنىقلا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، فوتوسىنتېز ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.

لېكىن پارنىك كۆكتاتلىرىغا چۈشتىن كېيىن دورا چاچقاندا، تېمپىراتۇراغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماي، يەنە چاچقان دورا كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ناۋادا قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە، ھاۋا ئۇدا ئوچۇق بولغان كۈنلىرى، پارنىك ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق بولغاندا، چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردىن كېيىن دورا چېچىلسىمۇ، ئوخشاشلا باكتېرىيە، كېسەللىك مىكروبلىرىنى يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. دېھقانچىلىق دورىسى چاچقاندا، چوقۇم يۇقىرى ساپلىقتىكى «ياغ پەردىسى پۈركۈمىسى» نى بىللە چېچىش لازىم. شۇندىلا، چاچقان دورىنىڭ پارنىك كۆكتاتلىرىدىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىقىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى