قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شۇ چاغدا، بىز شەرەپ بىلەن پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇق

2019-02-16 22:13:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پىيادە قىسىم چاسا ئەترىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلدى

  شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلدى» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭ قوبۇل قىلغان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ئەسلىمىسى شەكلىدە، مۇھىم تارىخىي پەيتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام نۇقتىسىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە يېتەكچىلىك رولى تەشۋىق قىلىنىدۇ، شەرھلىنىدۇ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنىدۇ.

  − ئىلاۋە

  «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر چاسا ئەترىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى!» 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات مەنزىرىسى يېڭى 4- ئارمىيەنىڭ 93 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچىسى شى باۋدۇڭنىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە.

  «شۇ كۈنى، مەن رەئىس شى جىنپىڭغا يىراق بولمىغان جايدىكى تيەنئەنمېن كۆرۈش سۇپىسىدا ئىدىم. مەن ھەربىي پارات چاسا ئەترىتىگە يۈزلىنىپ، ھەربىي پارات ئاخىرلاشقانغا قەدەر قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئىزچىل سالام بېرىپ تۇردۇم». بۈگۈنگىچە، بوۋاي يەنىلا ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ.

  «مېنىڭ بۇ ھەربىيچە سالىمىم قۇربان بولغان پېشقەدەم سەپداشلىرىمغا دوكلات قىلغىنىم: ۋەتەن قۇدرەت تاپتى، ئارمىيە كۈچەيدى، زورايدى». شى باۋدۇڭ مۇنداق دېدى: «مەن رەئىس شى جىنپىڭغا تېخىمۇ ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئۇ بىزنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى!»

  «جۇڭگو ئارمىيە ئىشتاتىدىن 300 مىڭنى قىسقارتىدۇ»

  «دەسلىپىدە، مەن بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم!» شى باۋدۇڭ مۇنداق دېدى: «<3- سېنتەبىر> چوڭ ھەربىي پاراتقا قاتنىشالىغىنىم بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىش».

  ھەربىي پاراتنىڭ ئالدىنقى كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنىنى تارقىتىش مۇراسىمى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شى باۋدۇڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى پېشقەدەم جەڭچى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىلى سۈپىتىدە تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن ۋەزىنلىك، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر ئوردېننى ئۇنىڭ مەيدىسىگە تاقاپ قويدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شى باۋدۇڭنىڭ ئېسىگە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئەسلىمىلەرنى سالدى، شۇ چاغدا ئۇ نەچچە قېتىم كۆزىگە ياش ئالدى. بوۋاي ناھايىتى ھاياجانلاندى: ئارقىدا قالسا باشقىلار بوزەك قىلىدۇ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك، قۇدرەتلىك خەلق ئارمىيەسى بولمىسا، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى كىم قوغدايدۇ!

  رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا: جۇڭگو ئارمىيە ئىشتاتىدىن 300 مىڭنى قىسقارتىدۇ، دەپ جاكارلىدى. «راست گەپنى قىلسام، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدىم.» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە شى باۋدۇڭ ھاياجېنىنى باسالماي قالدى، «بۇ بىر نەچچە يىللىق ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ناھايىتى نەتىجىلىك، ئۈنۈملۈك بولدى».

  نەق مەيداندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى بىللە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان جياڭجۈن يېتەكچىسى دېڭ جىپىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇھىم، زور تەدبىرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم!»

  ھەربىي پارات كۆرىكىدە، دېڭ جىپىڭ «نەيزە- قىلىچلىق قەھرىمانلار ليەنى»دىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار چاسا ئەترىتىنى باشلاپ ھۆرمەت قەدەم بىلەن تيەنئەنمېندىن ئۆتۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى. ھەربىي پارات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئەسلىدىكى چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سەنموۋجاڭلىقىغا تەيىنلەندى، تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىككىنچى كۈنىلا، ئۇ غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ جىپىڭ غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ مۇئاۋىن سەنمۇجاڭلىقىنى ئۆتىمەكتە. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزنى مۇئاۋىن سەنموۋجاڭ ئىكەن، دەپ قالماڭ، لېكىن ئورنىمىز، رولىمىز ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. ھازىرقى مەن مەخسۇس ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل».

  ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 3- نۆۋەتلىك «ئالتۇن دۇبۇلغا» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى جياڭ جياجىمۇ قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋەكىلى سۈپىتىدە، نەق مەيداندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. بۇ نۆۋەتلىك ئىسلاھاتتا، جياڭ جياجى تۇرۇشلۇق ئاۋىياتسىيە ئەسكەرلەر شىسى ئىشتاتنى ئۆزگەرتىپ، قېرىنداش ئورۇن بىلەن بىرلىكتە بىر مۇكەممەل ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياپىلاقلاشقان قوماندانلىق تۈزۈلمىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «ھەم بەدىنىمىز ئورۇقلىدى، يەنە بەدىنىمىزمۇ كۈچەيدى». جياڭ جياجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىسلاھ قىلىنىپ تەڭشەلگەندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ قىسىمى يېڭى تۈزۈلمىدە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش بىرىكمە ئېففېكتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «يۇقىرى تۆۋەنگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ھاۋا ئارقىلىق قۇرۇقلۇقنى يېتەكلەش، ئۆزئارا رىقابەتچى بولۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش» يولى بويىچە، قاراشلىق قىسىملارنى توختاملىق مەشىقنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ھەر خىل تىپتىكى قورال- جابدۇقلارنىڭ ئىقتىدارىنى سېلىشتۇرۇپ، دەلىللەپ، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش جېڭى، مۇھىم جايلاردىكى بىرلەشمە ھاۋا مۇداپىئەسى قاتارلىق توختاملىق جەڭ تاكتىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، مەشىق قىلىپ، قىسىملارنىڭ بىرلەشمە جەڭگە قوماندانلىق قىلىشنى پىلانلاش ۋە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇردى.

  «بىزنىڭ بۇ قەھرىمان خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز»

  2017- يىلى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا ئۆتكۈزگەن جەڭ مەيدانى ھەربىي پاراتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  «بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بىر كۈچلۈك خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىشقا تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاج.» «بىزنىڭ بۇ قەھرىمان خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.» بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي پاراتتا قىلغان سۆزى ئەينى چاغدا ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم تۈەنىنىڭ تۈەنجاڭلىقىنى ئۆتەۋاتقان ليۇ جۈننىڭ قۇلاق تۈۋىدىن ھېلىھەم كەتمىدى.

  ليۇ جۈننىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلغاندا، سول قانات ھۇجۇمچى توپقا ۋاكالىتەن «سول قانات ھۇجۇمچى توپ، ھۆرمەت!» دەپ ياڭراق ئاۋازدا كوماندا بەرگەنلىكى ئېنىق ئېسىدە. «ئەينى چاغدا، بىز ھۇجۇمچى توپتىكى 900 ئوفىتسېر- ئەسكەر مەردانە قىياپەتتە بېشىمىزنى بۇراپ، ئالىي قوماندانغا نەزەر سالىمى بەردۇق، قەلبىمىزدە چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدۇق».

  «ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى − ئارمىيەمىز تۇنجى قېتىم ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەشنى باش تېما قىلغان كاتتا ھەربىي پارات، دالا ئۇرۇشى بويىچە، ئەمەلىي ئۇرۇش بويىچە جەڭ مەيدانىدا سەپ تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرغانلىق، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىق.» ليۇ جۈن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرغىنى، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىزگە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغانلىقىم!»

  ئاشۇ كۈنى، ھاۋا ئارمىيە مەلۇم قىسمىنىڭ ئۇچقۇچىسى تاڭ خەينىڭ ۋە سەپداشلىرى قىرغۇچى- 20 بەلگىلىك ئۈچ ئايروپىلان، قىرغۇچى- 16 بەلگىلىك بەش ئايروپىلاننى ھەيدەپ، شىمالىي چېگرادىكى مەلۇم ئايرودۇرۇمدىن ئۇچۇپ، قىرغۇچى −11B بەلگىلىك يەتتە ئايروپىلان بىلەن شىنا شەكىللىك ئۇرۇش سېپى بولۇپ تەشكىللىنىپ، پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. تاڭ خەينىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلىش كەچۈرمىشىمىز بىزنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ئاۋىياتسىيە ئىزىنى قالدۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا قاراپ قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشقا ئىزچىل ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى.

  2018- يىلىدىن بۇيان، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قىرغۇچى- 20 بەلگىلىك ئايروپىلانى رەسمىي سەپكە قېتىلىپ، دېڭىزدا يۆنىلىشلىك ئەمەلىي ئۇرۇش بويىچە مەشىق قىلىش، كۆپ خىل تىپلىق ئايروپىلان ھاۋا ئۇرۇشىدا تىركىشىش، كېچىدە كېچىلىك ئۇرۇش مەشىقى قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «خۇڭجيەن» يۈرۈشلۈك مانېۋىرىغا قاتنىشىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچىگە ئايلاندى.

  ئاۋىياماتكا دۆلەتنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ سىمۋولى، ھالبۇكى، ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئاۋىياماتكىنىڭ يادرولۇق جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى.

  2013- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ بوران- چاپقۇنغا قارىماي، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇنىۋېرسال سىناق مەشىق بازىسىغا كېلىپ، ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنىڭ سىيرىلىپ ئۇچۇش، توسۇش، قونۇش مەشىقىنى كۆردى.

  «ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنىڭ ئاۋىياماتكىدىن ئۇچۇشى، قونۇشى ئاۋىياماتكىنىڭ جەڭگىۋار كۈچ ھاسىل قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى.» دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم ئاۋىياماتكا ئاۋىياتسىيە ئەسكەرلەر قىسىمىنىڭ سەنمۇجاڭى شۈ يىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەشىقنى كۆرگەندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇچقۇچىلار ئارىسىغا كېلىپ، بىز بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىكنى يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پىششىق مەشىق قىلىپ، بالدۇرراق مۇنەۋۋەر ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى».

  بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇچقۇچىلار باش قومانداننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دېڭىز ۋە ھاۋادا مەشىق قىلىپ، كۈچەپ جاسارەت بىلەن كۆكتە پەرۋاز قىلدى، ئاۋىياماتكىدىن ئۇچۇش سالاھىيەت ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن تۈركۈم- تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاۋىياماتكا ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرى ئۆز تالانتىنى نامايان قىلدى.

  «2018- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى نەنخەي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ھەربىي پاراتىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنىڭ <لياۋنىڭ> ناملىق ئاۋىياماتكىدىن ئۇچۇش مەشىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.» شۈ يىڭ ناھايىتى ئىپتىخارلانغان ھالدا: «مەن تۇنجى بولۇپ ئۇچقان!» دېدى.

  دېڭىز ھەربىي پاراتى ئۆتكۈزۈلگەن ئاشۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكا ئەترىتى قالتىس قىياپىتىنى نامايان قىلدى، بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى چۆكمە پاراخوت، سۇ ئۈستى پاراخوتى، ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇرۇش قىلىش گۇرۇپپىسى بويىچە تاغنى تالقان قىلىدىغان قۇدرەت بىلەن دولقۇن يېرىپ كېلىپ، باش قومانداننىڭ پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر قۇدرەتلىك خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دېڭىزغا تەلپۈنۈپ قۇدرەت تېپىشتەك ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان ئارزۇسى يۈكلەنگەن، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. نەنخەي دېڭىزى تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ھەربىي پاراتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكا ۋە بىرقانچە قوغلىغۇچى- قوغدىغۇچى پاراخوت، كۆپلىگەن «قىرغۇچى- 15» بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان، كۆپ تىپلىق ئاۋىياماتكا تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئاۋىياماتكا ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، باشى دېڭىز بوغۇزىنىڭ شەرقىدىكى غەربىي تىنچ ئوكياننىڭ مەلۇم دېڭىز تەۋەلىكىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۇنىۋېرسال ھۇجۇم قىلىش- مۇداپىئەلىنىش- تىركىشىش مانېۋىرىنى قانات يايدۇردى، بۇ، ئاۋىياماتكا ئەترىتىنىڭ يىراق ئوكيان پاراخوت ئايروپىلان ئەسكىرىي كۈچىدىن ماس پايدىلىنىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ كېڭەيگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  «چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇننى تاۋلاپ چىقىش»

  «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىزگە ئوخشاش ئۇرۇش قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن مىسەيفۇ كىيىپ پارات مۇنبىرىگە چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.» جۇرىخې جەڭ مەيدانى ھەربىي پاراتى بايراق قوغداش چاسا ئەترىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى كۆتۈرگۈچىسى گو فېڭتۇڭنى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇردى.

  تومۇزدىكى يايلاقتا ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق بولۇپ، ئوتتەك قىزىق جەڭ مەيدانىدا جەڭ بۇرغىلىرى چېلىندى. 29 «مېڭشى» ئاپتوموبىلى، 200 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر- ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن بايراق قوغداش چاسا ئەترىتى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىدىن ئاستا- ئاستا ئۆتۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى.

  ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەلۇم لۈسىنىڭ لۈجاڭى جېڭ جىجوۋ ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ھەربىي پاراتقا قاتناشقان، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا ئەسلەپ: 2017- يىلىدىكى جەڭ مەيدانى ھەربىي پاراتىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى ئالاھىدە بولغان، دېدى.

  «بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا ئىلگىرىكى مەيدان ھەربىي پارات ئادىتى بۇزۇپ تاشلاندى، پىيادىلەر چاسا ئەترىتى ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى، ھەربىي ئوركېستىر، خور ئەترىتى ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى، ئاممىۋى كۆرەك قىلىنمىدى، ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى تەق قىلدى، دالا پۇرىقى، جەڭ پۇرىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى.» جېڭ جىجوۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مىسەيفۇ كىيىپ، جەڭ مەيدانىدا ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى مۇنداق بىر قەتئىي ئېتىقادنى تارقاتتى: ھەربىي مەشىقتە چوقۇم ھەقىقىي بولۇپ، چوقۇم قاتتىق مەشىق قىلىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جېڭ جىجوۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى راست ئوق بىلەن قارىغا ئېتىپ نىشانغا تەگكۈزۈش نىسبىتىنى كۆپ قوغلىشاتتى، ھالبۇكى، ھازىر ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاۋىياتسىيە ئەسكەرلەر قىسمى بىلەن ماسلىشىپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، پۈتۈنلەي ئەمەلىي ئۇرۇش تەلىپى بويىچە، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ «قىزىل، كۆك» تىركىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە يولىنىڭ يۆنىلىشى، ئۇچۇش ۋاقتى ۋە ئۇچۇش ئېگىزلىكىنى بېكىتمەي، ئېلېكتىروماگنىتلىق ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈردى، بۇنىڭدا نىشانغا تەگكۈزۈش نىسبىتى سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن قىسىمنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستى.

  2018- يىلى، 7- ئايدا، بۇ لۈدىكى بىر قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر نەچچە مىڭ كىلومېتىر يۆتكىلىپ، راست ئوق تاكتىكا مانېۋىرى نەق مەيدانىغا كىردى. ھەر خىل تۆۋەن بوشلۇقتىكى نىشان، ئىلغار ئۇچقۇلار كۈچلۈك كاشىلىلارنىڭ تەسىرىدىمۇ كۆپ يۆنىلىش، كۆپ تۈركۈم قېتىم، كۆپ ئېگىزلىكتىن ئارقا- ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، قائىدىلەرنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلىدى. ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر تەييارلىقسىز ھالەتتە بازىنى تېزلىكتە ئىگىلەپ، تۇنجى نۆۋەتلىك زەربە بېرىشنى يولغا قويۇپ، چېگرا شەرتلىك ئۇرۇشى قىلدى، جەڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇرۇشى قىلدى، بازىنى ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۇرۇشى قىلدى. «بىر قېتىملىق مانېۋىردا كۆپ تېما جانلىق تەسىس قىلىنىپ، زەربە بېرىش، ھۇجۇم قىلىشنىڭ قېتىم سانى بۇلتۇرقىدىن ئىككى قاتلاندى» دېدى جېڭ جىجوۋ.

  قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بىرىنچى كەسىپلەشكەن كۆك جۈن لۈسىنىڭ لۈجاڭى مەن گۇاڭجى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جەڭ مەيدانى ھەربىي پاراتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى: «پۈتۈن ئارمىيەدىكى قوماندان، جەڭچىلەر! سىلەر جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن بولۇپ تاۋلىنىپ چىقىشىڭلار كېرەك».

  «بىزنىڭ كۆك جۈن لۈيىمىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدىكى يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، قىزىل جۈننى ئەمەلىي ئۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىدۇق.» مەن گۇاڭجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ نەچچە ئون قىسىمى «ھالقىش. جۇرىخې» ناملىق ئەمەلىي تىركىشىش مانېۋىرىغا قاتنىشىپ، ئۇ يېتەكلىگەن كۆك جۈن لۈسى بىلەن تۇتۇشۇپ ماھارىتىنى سىناشقان. قىزىل جۈن قىسىملىرى كەسىپلەشكەن كۆك جۈن لۈسى بىلەن تىركىشىش داۋامىدا ئەمەلىي ئۇرۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، غەلىبە قىلىش ئاساسىنى پۇختىلىغان.

  مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن ئاۋازىنى بېسىپ چۈشەر ساداسى، ئونمىڭلىغان تاغ- دەريادىن ئۈستۈن تۇرار ھەيۋىسى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پاراتى، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى، نەنخەي دېڭىزى تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ھەربىي پاراتى ھەمدە شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ پاراتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم پاراتنى، قىسىملارنى تەكشۈردى، كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى