قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2018- يىلى شىنجاڭنىڭ پاختا مەھسۇلاتىدا يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى

2019-02-18 16:09:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا مەھسۇلاتى 5 مىليون 111 مىڭ توننىغا يېتىپ، پاختا مەھسۇلاتىدا يەنە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پاختىچىلىقىدا تېرىشتىن تارتىپ يىغىۋېلىشقىچە ماشىنىلىشىش كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك- يېزا نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي شىنجاڭدىكى % 80 تىن ئارتۇق كېۋەزلىكتە پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشقان. جەنۇبىي شىنجاڭدا كېۋەز تېرىقچىلىقىنى پۈتۈن جەريانلىق ماشىنلاشتۇرۇش نىسبىتى %20 كە يېقىنلاشقان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پاختىچىلىق ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. 2104- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كېۋەز تېرىقچىلىقىنى يۇقىرى مەھسۇلات، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى.

بەش يىللىق ئىسلاھات ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۆلەت بېكىتكەن نىشان -- ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلغان باھانى بازار بېكىتىش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزۇلۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرىتىدىكى پاختا بازىرىدىكى باھا پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىلىپ، باھا ئۆزگىرىشىگە ماس قەدەمدە، پاختىكارلارنىڭ ئاساسىي مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، پاختىچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى