قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

2019-02-18 16:09:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2- ئاينىڭ 13- كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزا قۇمۇشئېرىق كەنتىدىكى ياقۇپجان مەخمۇت ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېتىزلىرىنى سۇغۇرۇپ، قىر- تىرگەنلەرنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى.

ياقۇپجان مەخمۇت مۇنداق دېدى: 3- ئايدا ھاۋا ئىللىپ، تېرىقچىلىق ئىشلىرىمىز باشلىنىدۇ. مەن ئون نەچچە مو يەرگە يازغى بۇغداي ۋە كۆممىقوناق تېراي دەپ، ئېتىزلىرىمنى ئەتىيازلىق سۇغىرىش ۋە باشقا تەييارلىقلارنى باشلىۋەتتىم.

تىيانشان تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا تېمپىراتۇرىنىڭ تەدرىجى ئىللىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى جايلاردا ئەتىيازلىق سۇغىرىش خىزمىتى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىقتىكى زۆرۈر سۇغىرۇش كاپالىتى ياخشى ئىشلەنمەكتە. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى ئەي شيەنتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق سۇغىرىش خىزمىتى ئادەتتە 2-، 3- ئايلاردا باشلىنىدۇ. تۇپراقنىڭ توڭى ئېرىشى بىلەنلا، دېھقانلار يەرلەرنى ۋاقتىدا تۈزلەپ، سۇغىرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئەتىيازلىق سۇغىرىش يەرلەرنى قىشلىق سۇغىرىپ توڭ ياتقۇزۇشنىڭ تولۇقلىمىسى، شۇنداقلا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەتىيازلىق سۇغىرىش ئاساسلىقى قىشتا سۇغۇرۇلمىغان ئېتىزلارغا قارىتىلىدىكەن. گەرچە قىش كىرىشتىن بۇرۇن تېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەتىيازدا سۇ كەمچىل بولغان ئېتىزلار ۋە شورلىشىشى نىسبەتەن ئېغىر يەرلەر ئەتىيازدا سۇغۇرۇلىدىكەن.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىنغا سۇ بۆلۈش چۈشۈرگىسىنىڭ ئاستا- ئاستا ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنغا سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ باشلاش ئۆستىڭىدىن باشلانغان سۇ كۆتەگەن ئۆستىڭىنىڭ غەربىي غول ئۆستىڭىگە قويۇلۇشقا باشلىدى، بۇنىڭلىق بىلەن، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ 2019- يىللىق ئەتىيازلىق سۇغىرىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.

ۋاڭ يۇڭ-- لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ يېزا باش مەھەللە كەنتىدىكى ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا ئەڭ بۇرۇن تۇتۇش قىلغان دېھقانلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە ھاۋا تېخى تولۇق ئىللىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئالاقىدار ئالدىن تەييارلىق قىلىنىدىغان خىزمەتلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۇرۇقلۇق ۋە خىمىيىۋى ئوغۇت تەييارلاپ بولدۇم. بۇ ئىككى كۈندە يەرلىرىمنى ئەتىيازلىق سۇغىرىشنى باشلىدىم. مانا ئەمدىلىكتە ھەر كۈنى ئېتىزغا يۈگۈرۈپ، يەرلەرنىڭ ئوسىسىسى كېلىشتىمۇ- يوق تەكشۈرۈپ تۇرۇۋاتىمەن.

گۈلباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى دۇڭ مۇنداق دېدى: گۈلباغ يېزىمىز بۇ يىل 130 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىشنى، 4 مىڭ 500 مو يەردە باغ قىلىشنى پىلانلىدۇق. ھەر بىر دېھقاننىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىگە مۇۋاپىق سۇ تەقسىملىنىدۇ.

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزا يېڭىمەھەللە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان قېيۇم رېھىممۇ موشۇ كۈنلەردە ئالدىراشلىقىدىن يېتىشەلمەيلا قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە كۈندە، تېرىقچىلىقنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرى بىلەن ئالدىراش بولدۇم. بۇلتۇر بېغىمدىكى قارىئۆرۈك تۈپلىرىدىن 200 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم. بۇ يىلمۇ ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا ئىشەنچىم كامىل.

پەيزاۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قادىر تۇرغۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: موشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى، يېزىمىزدا ئەتىيازلىق سۇغىرىش خىزمىتى باشلاندى. نۆۋەتتە 67 مىڭ مو يەرنى سۇغىرىشنى مۆلچەرلىدۇق، ھازىر %70 تېرىلغۇ يەر سۇغىرىلىپ بولدى. دېھقانلىرىمىز قىپقالغان % 30 تېرىلغۇ يەرلەرنى داۋاملىق سۇغۇرۇۋاتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى