قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دېھقان ئۆيىدىكى خوشلۇقتىن ھەممە شاتلاندى، دېھقان ئۆزىمۇ يەنە بىر يىللىق بېيىش يولىغا ئاتلاندى

2019-02-18 16:10:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ شىكشىن بازىرى كوناشەھەر كەنتى 4- گۇرۇپپىسىدىكى خې جيەنمىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سېمىنتال كالىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق مۇزايلىغىنىدىن ئالەمچە خوشلۇققا چۈمدى. بۇنىڭدىن خې جيەنمىن ئائىلىسىدىكىلەرلا ئەمەس، كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىمۇ شۇنداق ھاياجانلاندى، كۆپچىلىك يېڭىدىن تۇغۇلغان تىمەن مۇزاينىڭ خوشلۇقىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

خې جيەنمىننىڭ ئائىلىسىدە تۆت نوپۇس، سەككىز مو تېرىلغۇ يەر بار. ئۇ ئايالى بىلەن ھەر كۈنى ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ، قوتاندىن چارۋىلارنى باققاندىن باشقا، يەنە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىككى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. خې جيەنمىن مۇنداق دېدى: تۆت يىل بۇرۇنلا چارۋا باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشلىغان بولساممۇ، ئەمما، تەجرىبەمنىڭ كەمچىللىكىدىن مەغلۇپ بولدۇم. شۇنداقتىمۇ مەن ۋاز كەچمەي، ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەندىم. بۈگۈنكى كۈندە، قوتىنىمدىكى سىمىنتال ئىنەك دەسلىۋىدىكى بىردىن ھازىرقى 8 گە كۆپىيىپ، باقمىچىلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ بىر تۈردىنلا، يىللىق ساپ كىرىمىم 10 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

خې جيەنمىن يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىز دېھقانلارنىڭ ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ. بىزمۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتۇق. چۈنكى، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغاندا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن مۇھىت ئاسراشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگىلى، ھەم بىر قەدەر يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى، ھەم تۇرمۇش مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ يىل مەن قوتاندىكى كالىلارنىڭ يەم- خەشەك مەسلىسىنى ئويلىشىپ، سەككىز مو يېرىمنىڭ ھەممىسىگە قوناق تېرىشنى پىلانلىدىم. ھويلام چوڭ بولغاچقا، ياخشى پىلانلاپ، ھويلىدىكى بوشلۇقلاردىن جايىدا پايدىلىنايمكىن، دەيمەن. ھازىر 4 تۈپ ياڭاق دەرىخىم بار، بۇ يىل يەنە ئەينۇلا دەرىخى ۋە ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى بولغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىشنى، ھويلىدىكى بىر مو يەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىلچا تېرىپ، يەنە 500 توخۇ بېقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. موشۇنداقلا قىلسام، كېيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى