قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارنىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان دېھقانلار

2019-02-18 16:10:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، دېھقان ليۇ جىۋۇ غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ يېزا كۆكلەم كۆكتاتچىلىق بازىسىدىكى پارنىكىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. گەرچە ھاۋا سوغۇق، قار ئۇچقۇنداپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ليۇ جىۋۇنىڭ توغاچ پارنىكى ياپ- يېشىل باھار تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بىر- بىرىدىن چىرايلىق ئېچىلىپ كەتكەن ھالرەڭ شاپتۇل چېچەكلىرى، ئايىغى ئۈزۈلمەي تاماششا قىلغىلى كىلىۋاتقانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى.

ليۇ جىۋۇنىڭ توغاچ ئۆستۈرۇۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولغانىدى. ھازىر دەل پارنىك توغاچلىرى چېچەكلەيدىغان مەزگىل بولغاچقا، ئۇ ھەر كۈنى پارنىك تېمپراتۇرىسىنى تەڭشەپ، چېچەك شالاڭلىتىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى. ليۇ جىۋۇ مۇنداق دېدى: ھەر بىر پارنىكقا 500 تۈپ توغاچ دەرىخى تىكىلگەن. ھەر يىلى 11- ئايدىن باشلاپ، پارنىك- لاپاسلارنى چۈمكىۋەتسەك، 12- ئايلاردا پارنىك تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. بۇ يىل، پارنىكتىكى توغاچلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئون نەچچە كۈن بۇرۇن چېچەكلىدى، يەنە ئۈچ ئايدىن كېيىن، يېڭى توغاچلار بازارغا چىقىدۇ.

دەرۋەقە،ليۇ جىۋۇنىڭ تۆت پارنىكى بولۇپ، ئاساسلىقى يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە توغاچ ئۆستۈرەتتى. يېڭى سورتلۇق توغاچلار بىلەن كونا سورتلۇق توغاچلارنى سېلىشتۇرغاندا، پىشىش ۋاقتى بىر ئاي پەرقلەنگەچكە، باھاسىمۇ يۇقىرى بولاتتى. كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كۈچمۇ، ۋاقتىمۇ تېجىلەتتى. ليۇ جىۋۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر بىر پارنىكتىكى توغاچتىن 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەتتىكى يوپۇرماقلىق كۆكتات كىرىمىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ناۋادا، بازار ئەھۋالى مۇقىم بولسا، ئۇ توغاچ ئۆستۈرۈۋاتقان پارنىك سانىنى يەنىمۇ كۆپەيتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

دېھقان ياڭ ليۇچېڭنىڭ پارنىكىمۇ باھار تۈسىگە كىرىپ، ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلغانىدى. بۇلتۇر، ياڭ ليۇچېڭ شېنجېندىن 1 مىڭ 200 تۈپ خولۇڭگو كۆچىتى كىرگۈزۈپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا مەسلىسىنىلا ئەمەس، سۇ، تۇپراق شارائىتى ماس كەلمەسلىكتەك پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىپ، سىناق قىلىپ پارنىكتا خولۇڭگو ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

ياڭ ليۇچېڭ مۇنداق دېدى: 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالدىم. ئۈچ يىلدىن كېيىن خولوڭگولىرىم بولۇق مېۋىگە كىرىدۇ، ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسىنى 50 يۈەن ئەتراپىدا بولدى دېگەندىمۇ، يوپۇرماقلىق كۆكتات تېرىغانغا قارىغاندا كىرىمى ئوبدانلا يۇقىرى بولىدىغانلىقىدا گەپ يوق.

خولۇڭگو تۈپلىرىدە كېسەللىك، ھاشارات زىيانداشلىقى نىسبەتەن كۆپرەك كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، ئۇ چاغان مەزگىلىدىمۇ پارنىك پەرۋىشنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى. يىلدىن- يىلغا ياخشىلىنىۋاتقان كۈنلەر ئۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئۇ يېڭى بىر يىللىق ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش تەييارلىقىغا كىرىشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا شەھىرى «بىرىنچى كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەلىپىگە ئاساسەن، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىش، چوڭ ئائىلىلەر تۈرتكە بولۇش، تېخنىكا جەھەتتىن يۆلەك بولۇشتەك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالاھىدە تېرىقچىلىق كۆلىمىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەرتىپلىك تەڭشەپ، دېھقانلارنى ئالاھىدە زىرائەتلەرنى تېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يىتەكلىدى.

2018- يىلى غۇلجا شەھىرى پەن- تېخنىكا تۈرلىرى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىگە تايىنىپ، دېھقانلارنى يېڭىچە ئوغۇت، يېڭى سورتلۇق كۆچەت، مايسا بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئالاھىدە زىرائەت تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەپ ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلىككە ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە باغۋەنچىلىك مەيدانىدا ئۈستىقۇددۇس؛ كىپەكيۈزى يېزىسىدا ساۋمېي ۋە قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز؛ دادامتۇ بازىرىدا كۆك پۇرچاق ۋە مالىنا؛ قارا دۆڭ يېزىسىدا ئاق قوناق قاتارلىق ئالاھىدە زىرائەت تېرىقچىلىق بازىلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقتى.

قارادۆڭ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما يۇڭ مۇنداق دېدى: قارا دۆڭ يېزىمىز غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەش، «كۆكلەم» كۆكتاتچىلىق بازىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، دېھقانلىرىمىزنى پارنىك- لاپاسلاردا نۇقۇل يوپۇرماقلىق كۆكتات ئۆستۈرۈشتىن ئاستا- ئاستا خولۇڭگو مېۋىسى، ساۋمېي، توغاچ، موگۇ قاتارلىق ئالاھىدە زىرائەتلەرنى تېرىشقا يېتەكلەۋاتىمىز. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە دېھقانلىرىمىزنىڭ ھەميىنى تومپىيىۋاتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، يېزىمىز پارنىك، لاپاسلاردىكى ئىشلەپىچىقىرىشىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم نوقتا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىق كۆلىمىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا- كەنت ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنتمىزنى تېخىمۇ گۈزەل، دېھقانلىرىمىزنى تېخىمۇ باي قىلىشقا تىرىشىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى