قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۈگۈنكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغۇچىلار ئەتىدىكى بېيىش باشلامچىلىرىدۇر

2019-02-19 18:59:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 2- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن شەھىرى ئاھالىسى پاتەم قادىر ئوغلى مەمەتئېلى مەتتۇرسۇنغا فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى كارخانىغا بارغاندىن كېيىن ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىماقتا. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن شەھىرىدىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان 233 خادىم چاقىلىق ناھىيەسى ۋە فۇجيەن ئۆلكىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يولغا چىقتى. (مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ فوتوسى)

  «دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمىز... ۋەتەنپەرۋەر، مەدەنىي، ئەمگەكچان، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان خوتەنلىكلەردىن بولىمىز!» 2- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان 233 خادىم كۆك رەڭلىك ئىش كىيىمى كىيىپ، مەيدىسىگە چوڭ قىزىل گۈل تاقاپ، خوتەن شەھىرىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش ھەم رايون ھالقىپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ئۇزىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئۇلار چاقىلىق ناھىيەسى ۋە فۇجيەن ئۆلكىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.

  28 ياشلىق مەمەتئېلى مەتتۇرسۇن فۇجيەن ئۆلكىسىگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئىنتايىن تەلپۈندى. «ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى ئەمەس، مەن ئىزچىل قىز دوست تاپالمىدىم، بۇ قېتىم بېرىپ چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، كۆپ پۇل تېپىپ، تېزرەك ئۆي- ئوچاقلىق بولۇشقا تىرىشىمەن» دېدى مەمەتئېلى.

  چاقىلىق ناھىيەسىدىكى بىر چىلانلىق باغقا بېرىپ ئېتىز پەرۋىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇرسۇننىياز روزى بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن بولۇپ، خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش قىزغىنلىقى ياشلاردىن قىلچە قېلىشمايدۇ. بۇلتۇر ئۇ چاقىلىق ناھىيەسىدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ 29 مىڭ يۈەن پۇل تاپقان، بۇ يىل ئۇ خوتۇنىنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ، ئىككىسىنىڭ يىللىق كىرىمىنى قوشقاندا تەخمىنەن 50 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماستىن، يەنە بېيىشىدىنمۇ ئۈمىد بار.

  يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئاپتوبۇسقا «بۈگۈنكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغۇچىلار ئەتىدىكى بېيىش باشلامچىلىرىدۇر» دېگەن لوزۇنكا چاپلانغانىدى. خوتەن شەھىرىنىڭ تۇساللا يېزىسى سپىسيا كەنتىنىڭ ئاھالىسى زۇپتۇم مەتروزى مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك سىرتقا چىققاندىن كېيىن ئىشچى ئىشلەتكۈچى كارخانىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، كۆپ پۇل تېپىپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا كېلىشتۇق.

  خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى رىشات مۇساجان مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم يول. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خوتەن شەھىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇرتداشلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، پۇل تېپىش، چىقىش يولى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «ئەمگەك مۇلازىمىتى چىقىرىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىپلا قالماي، يەنە كاللىسىنى قوراللاندۇرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ <كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش> ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، پۇختا قەدەم بىلەن كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، زامانغا لايىق مەدەنىي يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى باتۇرلۇق بىلەن يېزا- كەنتلەردىن، خوتەندىن، شىنجاڭدىن چىقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى رىشات مۇساجان.

  بۇ يىل يىل بېشىدا، خوتەن شەھىرى خوتەن ۋىلايەتلىك شىنيې كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەكتىپىگە تايىنىپ ساتىراشلىق، ئاشپەزلىك، كەپشەرلەش قاتارلىق ئالتە ماھارەت تەلىم- تەربىيە سىنىپى ئاچتى، 357 كىشى 45 كۈنلۈك ھەقسىز تەربىيەلەشكە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 100دىن كۆپرەك كىشى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىكى بىر يەسلىنىڭ ئاشپىزى ئابابەكرى ئەمەت كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلىشىدە ئاشپەزلىك ماھارىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. «ئىش ئورنۇمغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن كىچىك دوستلارغا تېخىمۇ مەززىلىك، تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئېتىپ بېرىمەن» دېدى ئابابەكرى.

  ئالتە خىل ماھارەت تەلىم- تەربىيەسىدىن باشقا، خوتەن ۋىلايەتلىك شىنيې كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەكتىپى يەنە خوتەن شەھىرىدىكى ھەرقايسى كەنتلەرگە بوغالتىر، كەنت دوختۇرى ۋە مال دوختۇرلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇرتداشلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسىدىكى دېھقان مەرىپەت مەمەت ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئۆگەنگەن، ئۇ تېزرەك خىزمەت تېپىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. يەنە كېلىپ پۇرسەت كۆز ئالدىدىلا، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، نۇرغۇن كارخانا ئىشچى ئىشلىتىش مۇددىئاسى بىلەن كەلگەن بولۇپ، خېپاڭزى كارخانا(گۇرۇھ) شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ گاڭ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق تەشۋىق قىلدى: «بىز 40 نەچچە ئىش تۈرىگە 500دىن ئارتۇق خادىم قوبۇل قىلىمىز، ئەڭ تۆۋەن ئايلىق ئىش ھەققى 2500 يۈەن، باشقۇرۇش ئىش ئورنىغا كىرگەنلەرنىڭ ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز!»

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2019- يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ ئومۇمىي خەلقنى تەربىيەلەش يىلى ئىكەن، بۇ شەھەر ئومۇمىي خەلقنى تەربىيەلەش ۋە كارخانا تەربىيەلەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن ھەربىر نامرات ئائىلىدىن بىر كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى