قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېگرا رايوندىكى چارۋىچىلار «ئات ئۈستىدىكى كۆچمەن» تۇرمۇش بىلەن خوشلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى

2019-02-20 16:11:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

زىمىستان قىشنىڭ تاڭ سەھىرى، قۇياش نۇرى پارنىك يوپۇقىدىن ئۆتۈپ ياپ- يېشىل كۆكتات مايسىلىرىغا ئۆز نۇرىنى سەپكەنىدى. مەمەتتوختى مەخمۇت كۆكتاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئالغان بولۇپ، شۇ تاپتا ئايالى ئىككەيلەن يېڭى كۆكتاتلارنى باغلاش، خالتىلارغا قاچىلاش، ئاپتوموبىلغا بېسىپ 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇما ناھىيەسىدىكى كۆكتات بازىرىغا ئاپىرىش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش ئىدى.

▲ گۇما ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھۆل- يىغىنى ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى يۇقۇرى بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ قۇملۇقى كىشىگە قاقاس تۇيغۇ بېرەتتى. ئەمما، بۇ يەردىكى نەچچە يۈز كۆكتات پارنىكى بىلەن قورشالغان ۋەنخې يېڭى كەنتى كىشىگە ئۆزگىچە «قۇملۇقتىكى بوستانلىق» مەنزىرىسىنى ھىس قىلدۇرالايتتى.

گۇما ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاز، ئۇل ئەسلىھەلەر ئاساسىي ئاجىز، ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى ئۆز جايىنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرى-- ۋەنخې يېڭى كەنتى دەل بۇ بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇشنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. بۇ بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇش مەمەتتوختى مەخمۇتقا ئوخشاش چارۋىچىلارنى «بىر قىسىم جايلارنىڭ سۇ، تۇپرىقى بىلەن شۇ جايدىكىلەرنى باقالمايدىغان» جايلاردىن ياشاش تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ماس بولغان جايلارغا كۆچۈردى.

▲ ۋەنخې يېڭى كەنتىدىكى مەمەتتوختى مەخمۇتنىڭ كۆكتات پارنىكىغا كىرگۈدەك بولسىڭىز، موشتۇمدەك چوڭلۇقتا يوغىنىغان شوخلا، سەۋزە، كاۋا قاتارلىق يېڭى كۆكتاتلارنى كۆرەلەيسىز.

ئىلگىرى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى «ئاتلىق توشۇلاتتى«. بالىلارنىڭ ئوقۇشى، كېسەل بولۇپ قالغانلارنىڭ داۋالىنىشى، ھەتتا يېمەك- ئېچمەك مەسلىسىمۇ چوڭ مەسىلە ھېساپلىناتتى. تاغلىق رايوننىڭ كېلىماتى قاتتىق سوغۇق، تۇرمۇش بايلىقلىرى كەمچىل، قاتنىشى قۇلايسىز، يەنە كېلىپ قىش بولۇش بىلەنلا قېلىن قار سەۋەپلىك تاغ يولى توسۇلۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلىدىغان بولغاچقا، چارۋىچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى تارقاق ئولتۇراقلاشقان، تۇرمۇش سۈپىتى تۆۋەن ئىدى.

▲ بۇلتۇر 5- ئايدا، مەمەتتوختى مەخمۇت ئائىلىسىدىكى تۆت نوپۇس ئاتا- بوۋىلىرىدىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان كۈئىنلۈن تېغى بىلەن خوشلۇشۇپ، مەركەزلەشتۈرۈش ئولتۇراقلاشتۇرۇش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋىي يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلدى. بۇ جايدا ئاھالىلار ئولتۇراق بىناسى، يەسلى، تېرىقچىلىق رايونى، بازار قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، قۇلاي تۇرمۇش ئۇسۇلى كەنت ئاھالىلىرىغا ئىلگىرىكى «نەرسە- كىرەكلىرىنى ئاتلارغا ئارتىپ كۆچۈپ يۈرۈيدىغان» جاپالىق كۈنلەر بىلەن خوشلاشقانلىقىنى ھىس قىلدۇردى. گۇما ناھىيەسىنىڭ 8 يېزىسىدىكى ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بىجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى قوللىرىغا ئېلىپ، ھىچقانداق ھەق تۇلىمەيلا بۇ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. نۆۋەتتە، 2 مىڭدىن كۆپرەك كەنت ئاھالىسى ۋەنخې يېڭى كەنتىگە ماكانلاشتى.

▲ ۋەنخې يېڭى كەنتى كەنت ئاھالىلىرىنى «كۆچەلەيدىغان، خاتىرىجەم تۇرالايدىغان، مۇقىم ئولتۇراقلىشالايدىغان ۋە بېيىيالايدىغان» قىلىش ئۈچۈن، كۆكتات تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن 640 ئورۇنغا پارنىك، 100 ئورۇنغا ئىسسىق قوتان سېلىپ بەردى. ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىدىلا كۆكتات تېرىقچىلىق ئورنىنىڭ بولۇشى، ئاھالىلەرنىڭ يېمەك- ئېچمەك ئادىتىنى ياخشىلاپ، ساغلاملىقنى كاپالەتلەندۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆكتات توشۇش تەننەرخى ۋە كۆكتات باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

▲ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەمەتتوختى مەخمۇت ھەر بىر پارنىكنىڭ يىللىقىنى 1 مىڭ 500 يۈەنلىك باھادا 6 پارنىكنى كۆتىرە ئالدى. ئۇ پارنىك تىرىقچىلىقىغا تايىنىپ، قىسقىغىنە بىر قانچە ئايدىلا كىرىمىنى 50 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. كەنت ئاھالىلىرى بۇ پارنىك، قوتانلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى كۆكتات تېرىپ، چارۋا باقسىمۇ؛ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇ ئەسلىھەلەرنى كارخانىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، يىلىغا 2 مىڭ 300 يۈەندىن ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنى ئالسىمۇ بۇلاتتى. ئۆزلىرىگە تەقسىملەنگەن قوتان، پارنىك- لاپاسلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى خالىغان ۋەنخې يېڭى كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى تەشكىللىك تۈردە كوللېكتىپ تەربىيەلىنىپ، ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى