قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىمېنچۈەن كەنتى ئالاھىدە باقمىچىلىق ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ھەمدەم بولدى

2019-02-20 16:12:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىشەك گۆشىنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى. گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ داچۈەن تاتار مىللىي يېزىسى شىمىنچۈەن كەنتىدىكى ۋاڭ لى ئەر- ئايال گۇچۇڭ ناھىيەلىك دېھقان- چارۋىچىلىق ماشىنلىرى ئىدارىسىدىن بۇ كەنتكە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئىشەك باقمىچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ بېيىش يولغا ماڭدى.

▲ ۋاڭ لى سەھەردىلا يولدىشنىڭ ئىشەكلەرنى سىغىشىغا ياردەملەشتى. ئون نەچچە ئىشەكنى بىر- بىرلەپ سېغىپ بولۇش ئۈچۈن بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتەتتى. ۋاڭ لى مۇنداق دېدى: بىر كۈندە بىر قېتىملا ساغىمىز. بەك كۆپ ساغساق تەخەيلەرگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ. بىر قېتىم ساغساقمۇ تەن ساپاسى ياخشىراق ئىشەكلەر بىر كىلوگىرام سۈت بېرىدۇ، سەل ناچارراقلىرىدىن 300 گىرامدىن 500 گىرامغىچە سۈت چىقىدۇ. ئىشەك سۈتىنى ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، سانجى، گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئىھتىياجلىقلار ئۆزلىرى كېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ، ھەر كىلوگىرام ئىشەك سۈتىنى 80 يۈەندىن ساتىمىز.

▲ ۋاڭ لى 2009- يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مالدوختورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، يۇرتىغا قايتىقاندىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقان جاڭ لىجيې بىلەن توي قىلدى. تويدىن كېيىن، ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلىپ، ۋاڭ لىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمىدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولدى.

2010- يىلى ئەر- ئايال ئىككىيلەن كالا باقمىچىلىقىغا كىرىشتى. ئەمما، ئەينى چاغدا بازاردا گۆش باھاسى چۈشۈپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە باقمىچىلىق تەجرىبىسى يېتەرسىز بولغاچقا، تۇنجى قېتىملىقى باقمىچىلىق ئىشلىرى تازا ئۇڭۇشلۇق بولمىدى. ئىككىنچى يىلى ئۇلار ئىشەك باقمىچىلىقىنى باشلىدى، ئەمما بازار ئاچالمىغانلىقتىن يەنە مەغلۇپ بولدى. 2014- يىلى ئۇلار بازار تەكشۈرۈش، ئاندىن مەبلەغ جۇغلاش ئارقىلىق، ئون نەچچە ئىشەك سېتىۋېلىپ ئۆزگىچە باقمىچىلىققا كىرىشتى. ئەمما، باقمىچىلىق ئۇل- ئەسلىھەلىرى ناچار، مەبلىغى كەمچىل بولغانلىقتىن، كۆلەم شەكىللەندۈرەلمەي، ئاۋۋالقىدەكلا قىلغان ئىشى ئۈنۈمسىز بولدى.

▲ ۋاڭ لىنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپتە ئۇلارنىڭ قوتان شارائىتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، ئەينى چاغدا ئاران ئون نەچچە ئىشەك باققان بولسىمۇ، ئىشەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرى تازا ياخشى بولمىغان. كېيىنچە، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆلچەملىك باقمىچىلىق كىچىك رايونى قۇرغان. ئاندىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ئۇلارنىڭ ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز بىجىرىشىگە ھەمدەم بولغان.

▲ دەرۋەقە، 2014- يىلى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق ماشىنلىرى ئىدارىسىنىڭ شىمىنچۈەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋاڭ لى ئائىلىسىگە ئائىلە زىيارىتىگە كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ئىشەك باقمىچىلىقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تېپىشىغا ياردەملەشتى. ئاندىن ئىشەك باقمىچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ، ئۇلارنى ھەقسىز تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. ئارقىدىن خىزمەت ئەترىتى ئۇلارنىڭ ئىشەك گۆشى، ئىشەك سۈتى سېتىش يوللىرىنى ئېچىشىغا ھەمدە يۇرتىغا قايتىقان ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز بىجىرىپ، ئىشەك باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل باقمىچىلىقنى يولغا قويۇشىغا ياردەملەشتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ۋاڭ لى ئەر- ئايال 280 كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدە ئىسسىق قوتان سېلىپ، ئىشەك قوتىنىنى ئۆزگەرتتى. كۈزدىلا ئېتىزدىن ئورۇۋېلىنغان قۇناقنى بېشى بىلەن بىللە توغراپ يېشىل سىلوس بېسىۋالدى. بېقىۋاتقان ئىشەك سانىنى 45 كە، قوي سانىنى 300 گە، كالا سانىنى 48 گە يەتكۈزۈپ، يىللىق ساپ كىرىمىنى 250 مىڭ يۈەنگە يەتكۇزدى.

▲ ئۇلارنىڭ تەسىرىدە، شىمىنچۈەن كەنتىدىكى نۇرغۇن دېھقانلار چارۋىچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا كىرىشتى. شىمىنچۈەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خەن يې مۇنداق دېدى: ۋاڭ لىنىڭ ئىشەك باقمىچىلىقىدا بەلگىلىك تەجرىبىسى بار بولغاچقا، نۆۋەتتىكى ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە كەنت بويىچە چارۋا باقمىچىلىقىنى پائال تەرەققى قىلدۇرۋاتىمىز.

شىمىنچۈەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلىشى نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە، بۇ كەنتتىكى ئۆزگىچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئائىلىلەر 10 غا يەتتى. ئۇلار ئاساسلىقى ئىشەك، ئات، نەسىللىك قوي- كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى