قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«<چارۋىچىلىقتىكى كۈچلۈك ناھىيە> بەرپا قىلىشقا كۈچەپ 24 مىڭ ئاھالىنى نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرغانلار

2019-02-20 16:13:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مارالبېشى ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، باقمىچىلىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. بۇلتۇر گۆش قويى، گۆش كالىچىلىقىدا ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىدىن 5 نى قۇرۇپ، ئۆز جايىدا بېقىپ- كۆپەيتىش ۋە چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تىزلەتتى. ھازىرغىچە، مارالبېشى ناھىيەسى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان 24 مىڭ 726 ئاھالە بۇ بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇشنىڭ پايدىسىنى كۆردى.

▲ مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى نومۇرلۇق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارىدا چىڭ تۇتتى. مارالبېشى ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپلا قالماي، چارۋىچىلىق كەسپىي ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، ئىكولوگىيەلىك، سۈپەتلىك زامانىۋىي چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولىغا قەدەم باستى.

مارالبېشى ناھىيەسى بۇلتۇر زامانىۋى دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش كەسپىلەر باغچە رايونى بەرپا قىلىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن نامرات ئاممىنىڭ مۈلۈك پايدىسىنى كۆپەيتتى. نورمال ئىشلىتىلىۋاتقان ئەسلىدىكى 103 پارنىك- لاپاس ئاساسىدا، يېڭىدىن 78 پارنىك- لاپاس ۋە 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە گۆش قويى، گۆش كالىچىلىقىدا ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، «شىركەت بىلەن دېھقان ئائىلىسى» نى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يۇلىنى تۇتتى. كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىلەرنى كەسىپلەر باغچە رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە قوشقان پېيىغا ئاساسەن يىللىق پايدا تەقسىماتىدىن بەھرىمان قىلىپ، شىركەت پايدا ئالالمىغان تەقدىردىمۇ كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى زىيان تارتقۇزماي، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى.

▲ مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى زامانىۋى دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچا رايونىدىكى گۆش قويى، گۆش كالىچىلىقىدا ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە، زامانىۋىي قوي قوتانلىرى ھەمدە يۈرۈشلەشتۈرۈپ سېلىنغان ئىشخانا، دېزىنفېكسىيەلەش ئۆيى، ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش ئورنى، يەم- خەشەك ئامبىرى، ئوت- چۆپلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، زاپاس ساقلاش قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق سەپلەنگەنىدى. گەرچە ھازىر قەھرىتان قىش سوغۇقى بولىۋاتقان كۈنلەر بولسىمۇ، ئەمما ئىسسىق قوتانلاردا ئوبدان بېقىلغانلىقتىن تازا سەمرىگەن، جۇغى چوڭ گۆش قويلىرى ۋە ئۇياق- بۇياققا سەكرىشىپ ئويناقلاۋاتقان پاقلانلار كىشىنىڭ مەستىلىكىنى كەلتۈرەتتى.

▲ ئىگىلىنىشچە، گۆش قويى، گۆش كالىچىلىقىدا ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە جەمئىي 27 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ مەركەزنىڭ باشقۇرۇش سۇبيېكتى ھېساپلانغان مارالبېشى ناھىيەلىك «كوئىنلۇن» يەر- زېمىن، يۆلەش- ئېچىش شىركىتى، مارالبېشى ناھىيەلىك «خۇيشىن» دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن تىجارەتنى ھۆددىگە ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. كېلىشىم بويىچە «خۇيشىن» دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھەر يىلى سېتىۋېلىش ئومۇمىي باھاسى بويىچە، ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلىنغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ قوشقان پېيىغا ئاساسەن يىللىق پايدا قايتۇرىدىغان بولغان. گۆش قويى، گۆش كالىچىلىقىدا ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزى بۇلتۇر 10- ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ، يېڭىئۆستەڭ يېزىلىرىدىكى تېخىچە نامراتلىقتىن قوتۇلالمىغان 1 مىڭ 42 ئائىللىك نامرات دېھقاننىڭ ھاۋالە قىلغان قويلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ باققان ھەمدە كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىلەردىن 20 نەچچەيلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ مەركەز يەنە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى، چوڭقۇرچاق، ئالاغىر يېزىلىرىدىكى 2 مىڭ 403 نامرات ئائىلىنىڭ 2 مىڭ 492 تۇياق كالىسنىمۇ ۋاكالىتەن باقىدىغان بولغان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ «شىنمىڭخې» چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى بىلەن تىجارەتنى ھۆددىگە بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ شىركەتمۇ ئوخشاشلا ھەر يىلىقى سېتىۋىلىش ئومۇمىي باھاسى بويىچە، ئۆزلىرىگە كالىلىرىنى بېقىشنى ھاۋالە قىلغان نامرات ئائىلىلەرگە پايدا قايتۇرىدىغان بولغان. قىسقىسى، گۆش قويى، گۆش كالىچىلىقىدا ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزى ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشتا تولىمۇ قاتتىق بولغان «تۆتنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىرنى قىلىپلاشتۇرۇش» ئۇنۋېرسال يۈرۈشلۈك تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي بېقىپ، كۆپەيتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى نىشانلىغان.

▲ مارالبېشى ناھىيەسى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال گىرۋىكىگە جايلاشقان، ئاشلىق، كېۋەز تېرىقچىلىقى، باغ- ئورمانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان تىپىك يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى. ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيەدە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزۈلۈكسىز تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، قۇناق تېرىقچىلىق كۆلىمى پائال كېڭيىىپ، كېۋەز تېرىقچىلىقىدىن قالىدىغان چىگىت شاكىلى، چىگىت تىرىپى قاتارلىق يەم- خەشەكلەر كۆپەيگەن. بۇنىڭغا يەكەن دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى ئوت- چۆپ بايلىقىنىڭ موللىقى قوشۇلۇپ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى يېتەرلىك شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن.

▲ مارالبېشى ناھىيەسى ئۆز جايىنىڭ مول چارۋىچىلىق بايلىقىغا تايىنىپ، يەرلىكنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىق كەسپىنى بارغانسىرى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ غەلبىسىنى كۆزلىدى. بۇ يىل، مارالبىشى ناھىيەسى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى بىلەن «مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىقتا <تۆتنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرنى قىلىپلاشتۇرۇش> بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ 2019- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى» نى ئوتتۇرغا چىقاردى ھەمدە مارالبېشى ناھىيەسى بويىچە باقمچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىدىن مىڭنى، باقمىچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىدىن 20 نى، باقمىچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش مەيدانىدىن 5 نى بەرپا قىلىش؛ بۇ يىل ئىچىدە، گۆش كالىچىلىقىدا ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىدىن بىرنى، بارچۇق قويى باقمىچىلىق مەيدانىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ئارقىلىق پۈتۈن ناھىيەنىڭ باقمىچىلىق كەسپىگە تۈرتكە بولۇپ، يىل ئاخىرىدا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى پىلانلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى